سىزئۆلۈمگە قاراپ مېڭىۋاتىسىز?قاچان ئۆلىشىڭىزنى بىلەمسىز ؟
جوبىسنىڭ مۇنداق دەيدۇ
ئەتە كەلمەيدىغاندەك ياشايدىغانلار ئادەتتە ئىككى خىل كىشىلەر، بىرى ئاقىللار، يەنە بىر ھاماقەتلەر.
ھەركۈننى ھاياتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى كۈن دەپ بىلىپ، ھەربىر پەيتنى ئەڭ ئاخىرقى دەقىقە دەپ بىلىپ تىرىشىپ ئۆزىنىڭ توغرا نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلار، ئاقىللاردۇر.
ئەتىنى ئارقىغا تاشلىۋىتىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئويۇنغا بېرىلىپ كېتىدىغانلار، ھاراق ئىچىپ، كۆڭۈل ئېچىپ يۈرىدىغانلارنى ھاماقەتلەر دەيمىز.
ئەلۋەتتە، ھاماقەتلەرمۇ ئاقىللارمۇ ئايلىنىشى مۇمكىن.
ئەگەر بىرىنىڭ كەلگۈسىنى بىلمەكچى بولساق، ئۇنىڭ ئادەتتە قانداق ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىغا، ۋاقىتلىق خوشاللىقنى ئىزدەمدۇ ياكى يىراق كەلگۈسى ئۈچۈن تىرىشامدۇ دېگەنگە قاراش كېرەك.
مېۋە شەربىتى كەمپۈتى تەجرىبىسى دۇنيادىكى ئەڭ ئاددىي، ئەڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك بولغان ھەرىكەت تەجرىبىلىرىدىن بىرى، بۇنى ۋورتا مىشېر پىروفېسسور لايىھىلىگەن. ئۇ 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا كالفورنىيە سىتانفورد ئۇنىۋېرسىتىتى قورۇسىدىكى بىر يەسلىدە بۇ تەجرىبىنى باشلىغان.
مىشېر نەچچە ئون بالىنى تېپىپ، ھەربىرىنىڭ ئالدىغا بىردىن كەمپۈت قويۇپ، ئۇلارغا كەمپۈتنى يېسە بولىدىغانلىقىنى، لېكىن ئەگەر ئۇ قايتىپ كەلگەندە يېسە يەنە بىر كەمپۈتكە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئاندىن ئۇ دەرسخانىدىن 10 مىنۇتتىن 15 مىنۇتقىچە ئايرىلغان.
كۆزىتىشتىن بايقىلىشىچە، 1\3 بالا دەرھال كەمپۈتنى يېيىشكە باشلىغان، يەنە 1\3 بالا پىروفېسسورنىڭ كېلىشىنى ساقلاپ، مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگەندىن كېيىن يېيىشكە باشلىغان، قالغان 1\3 بالا دەسلەپتە چىداپ تۇرغان، لېكىن چىداپ بولالماي ۋاز كەچكەن.
14 يىلدىن كېيىن بۇ بالىلار ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپكە كىرگەن ياكى خىزمەت قىلىشقا باشلىغان، بۇ چاغدا مىشېر كېيىنكى قەدەملىك تەتقىقاتىنى باشلىغان.
ئۇ ئەينى يىلى كەمپۈتنى شۇ زامان يەۋەتكەن بالىلارنى ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىدا ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىنى، ئوخشاش ياشلىقلار بىلەن ئەپ ئۆتەلمەيدىغانلىقىنى بايقىغان؛ ئاخىرىغىچە ساقلاپ ئاندىن كەمپۈت يېيىشكە باشلىغان بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتكە ماھىر ئىكەنلىكىنى، يەنە مۇستەقىل كۆز قارىشى بارلىقى، ئۆگىنىشىنىڭمۇ ياخشى ئىكەنلىكىنى بايقىغان.
«ساقلاپ تۇرغانلار»نى «ساقلىيالمىغانلار»غا سېلىشتۇرغاندا، ئۇلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى 120 نومۇر يۇقىرى بولغان.
بىر دوستۇم كېچىكىپ ھوزۇرلىنىشنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدىغان بولۇپ، ئارقا-ئارقىدىن ئۆزىنىڭ جىسمانىي كۈچىنى خوراتقان، ھەمدە ھەر قېتىم نەسىھەت قىلساقمۇ، ئاڭلىماي نۇرغۇن نەزەرىيىلەرنى سۆزلەپ رەت قىلغان.
تاكى بىر كۈنلەردە كېسەل چىرمىۋالغاندىلا ئاندىن پۇشايماننى ئالغىلى قاچا تاپالماي قالغان. بەزى يىگىتلەر ھەتتا لايىق تېپىشتىن بۇرۇن، قالايمىقان ئويناپ يۈرۈپ، ئاخىرىدا ھەرخىل كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ، ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى ۋەيران قىلغان.
ئۇلار پەقەت ۋاقىتلىق خوشاللىقنى قوغلىشىپ، تېخىمۇ يىراقنى ئويلىشىپ باقمىغان، ئەسلىدە نەچچە يىلدىن كېيىنلا ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىشى بىلەن ئائىلە قۇرالايدىغان تۇرۇپ، مۇشۇنداق قىلىپ بىر ئۆمرىنى ۋەيران قىلىۋىتىدۇ.
جوبېسنىڭ «ئېسىڭىزدە بولسۇن، سىز ئۆلۈمگە قاراپ مېڭىۋاتىسىز» دېگىنىمۇ «ئەتە مەۋجۇت ئەمەس» دېگەننىڭ يەنە بىر خىل چۈشەندۈرۈلۈشى.
جوبېس يېڭى دېلھىغا كېلىپ بىر سەپەردە تونۇشقان غەربلىك بىلەن بىللە ھىندىستاندىكى داڭلىق پائالىيەت چوڭ چۆگۈن نامايىشىغا قاتنىشىشقا دېيىشىپتۇ.
جوبېس پۈتۈن بەدىنى توپا بولۇپ كەتكەن ئېتىقادچىلارنىڭ ھىمالايا تېغىدىن بىر يول پىيادە مېڭىپ گانگې دەرياسىغا كىرىپ چۆمۈلگىنىنى، نەچچە مىليون كىشىلەرنىڭ بۇ يەردە تاۋاپ قىلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ، بۇ خىل سەمىمىيەتتىن قاتتىق تەسىرلىنىپتۇ.
ئەڭ قىزىقارلىق بولغىنى ئۇ تېخى نېمە ئىش بولغىنىنى بىلمەي تۇرۇپلا، بىر ئېتىقادچى ئۇنىڭ بېشىنى سۇغا چۆكتۈرۈپ چېچىنى چۈشۈرۈۋىتىپتۇ، جوبېسمۇ ئۆزىنى بۇ ناتونۇش كىشىگە تاپشۇرۇپتۇ، شۇنداق قىلىپ دەن كېتىك يېڭى دېھلىنىڭ كوچىسىدا جوبېسنى كۆرگەندە ئۇنى تونۇيالمىغىلى تاسلا قاپتۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن، جوبېس كالفورنىيىگە قايتىپ، ئۇنىڭ ھىندىستان سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپتۇ.
بۇ قېتىملىق ساياھەت ئۇنىڭ ھاياتقا بولغان كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىپتۇ، ھەمدە ئۇنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن يۆنىلىش بەلگىلەپ بېرىپتۇ. ئۇ سىتانفورد ئۇنىۋېرسىتىتىدا نۇتۇق سۆزلىگەندە بۇ خىل ھېسسىيات ۋە پاراسەتنى تىلغا ئاپتۇ:
مەن 17 ياش چاغدا، مۇنداق بىر جۈملە سۆز ئوقۇغان ئىدىم:« ئەگەر سىز ھەربىر كۈننى ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ ئاخىرقى كۈن دەپ قاراپ ياشىسىڭىز، چوقۇم بىر كۈنلەردە ئۆزىڭىزنىڭ توغرا قىلغانلىقىنى ھېس قىلىسىز.» بۇ سۆز ماڭا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ئىدى.
شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، 33 ئۈچ يىل ئۆتتى، مەن ھەركۈنى سەھەردە ئەينەكتىكى ئۆزۈمدىن:« ئەگەر بۈگۈن سېنىڭ ھاياتىڭدىكى ئەڭ ئاخىرقى كۈن بولسا، بۈگۈنكى قىلماقچى بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىنى ئورۇندامتىڭ؟» دەپ سورايدىغان بولدۇم.
ئەگەر جاۋابى بىر قانچە كۈنگىچە «ياق» بولسا، مەن ئۆزۈمدە ئۆزگىرىش قىلىش زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلاتتىم.
«ئېسىڭىزدە بولسۇن، سىز ئۆلۈمگە قاراپ مېڭىۋاتىسىز.» بۇ مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ مۇھىم ھېكمەت.
ھەقىقىي ئاقىللار، ئۆلۈمنى ئويلاپ تىرىشىدۇ، لېكىن ئۆلۈمنى ئويلاپ ئۆزىنى قويۇۋەتمەيدۇ.
bilimdan #bilimzar#
No comments:
Post a Comment