زەھەرلىك يىلان ئۆزىنى چىشلىسىمۇ زەھەرلىنەمدۇ؟

كۆزەينەكلىك يىلاننى مىسال قىلساق، كۆزەينەكلىك يىلان مەلۇم بىر خىل يىلاننى كۆرسەتمەيدۇ، ئۇنىڭ تارماق تۈرىدە 270 خىل يىلان بار، قارا مانبا، جۇشەن كۆزەينەكلىك يىلىنى، ئالتۇن ھالقىسىمان يىلان، كۈمۈش ھالقىلىق يىلان...... قاتارلىقلار، بۇ كۆزەينەكلىك يىلانلارنىڭ زەھىرىنىڭ كۆپىنچىسى نېرۋا مەنبەلىك زەھەرگە تەۋە. نېرۋا مەنبەلىك زەھەر ئادەم بەدىنىدىكى نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنى بىۋاسىتە ئۆلتۈرەلمەيدۇ، ئۇنىڭ رولى مۇسكۇل بىلەن نېرۋا ھۈجەيرىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى توسۇپ، مۇسكۇلنى نېرۋا سىستېمىسىغا بويسۇندۇرمايدۇ، نەپەسلىنىشنى كونترول قىلغان كۆكرەك بوشلۇقى بىلەن قورساق بوشلۇقى ئارىلىقىدىكى دىئافراگما مۇسكۇلىنىڭ نېرۋا سىستېمىسى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى يوقىتىپ قويسا، ئۇنداقتا ئادەم نەپەسلىنىشنىڭ قىيىنلىشىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، پۈتۈن بەدىنىگە كۈچ ئىشلەتمەي، ئەڭ ئاخىرىدا تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ كېتىدۇ.


قىسمەن يىلان زەھىرىمۇ قان ئۇيۇتقۇچى ئېنزىملارغا ئىگە بولۇپ، قان پلاستىرىغا ئوخشاش دەرھال قاننى توختىتالايدۇ، لېكىن ئۇنىڭ كۈچى كۈچلۈك بولۇپ، ئادەم زەھەرلىنىپ 30 مىنۇتتىن كېيىن، تېنىدىكى قان يېپىشقاق بولۇپ قېتىشىشقا باشلايدۇ. ئالىملار يىلان زەھىرىنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، برازىلىيىنىڭ تىغ ئۇچى چار يىلان تېنىدىن يىلان زەھىرىنىڭ قان ئۇيۇتقۇچى ئېنزىمىنى ئايرىپ چىقىپ دورىغا ئىشلەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا، قان ئايلىنىش توكسىنى كىچىك قان تومۇرلارنىڭ تارىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قىل قان تومۇرلىرىنىڭ قان ئېقىشىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشىنى ۋە قىسمەن جايدا قان يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تېرىنى كاردىن چىقىرىدۇ. چىشلىنىپ ئالتە سائەت ئەتراپىدا، زەھەر پۈتۈن بەدەننى ئايلىنىپ، يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىپ، قان سىيىش، پۈتۈن بەدىنى مۇزلاش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئەزالىرى زەئىپلىشىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ. بۇ خىل زەھەرنىڭ ئىگىسى بەش سىزىقلىق يىلان بولۇپ، بەش سىزىقلىق يىلاننىڭ ئۆزىمۇ قان ئايلىنىش توكسىنىنى ئۆلتۈرەلمەيدۇ، ناۋادا ئۆزىنى ئۆزى چىشلەپلا قالسا ئوخشاشلا زەھەرلىنىدۇ.

يىلاننىڭ زەھىرى باش قىسمىدىكى زەھەر بېزى ئىچىدە ساقلىنىدۇ، ئۆتكۈزگۈچ نەيچىسى ئارقىلىق زەھەر چىشىنىڭ ئاستىغا كىرىپ، باشقا جانلىقلار تېنىگە كىرىدۇ. يىلاننىڭ بېشىدىكى زەھەر بېزى ئۆزىنىڭ قان ئايلىنىش سىستېمىسى بىلەن ئۆزئارا مۇستەقىل بولىدۇ، شۇڭا زەھەر سۇيۇقلۇقى يىلاننىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزمەيدۇ. يىلان زەھىرىدىن تەركىب تاپقان ماددىلار ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، سۇ تەركىبىنى چىقىرۋەتكەندە، كۆپىنچىسى ئاقسىل پولىپېپتىد تۈرىگە كىرىدۇ، ئەگەر يىلان ئولجىنى چىشلەپ بولغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئېغىز بوشلۇقىدا زەھەر سۇيۇقلۇقىنى يۇتىۋەتسە، ھەزىم قىلىش يولىغا كىرىپ، ئاشقازىنىدا ھەزىم بولىدۇ، خۇددى ئىنسانلار بىر تال تۇخۇم يېگەنگە ئوخشاش بولىدۇ. پەقەت بىر خىل ئالاھىدە ئەھۋالدا يىلان ئۆزىنى ئۆزى زەھەرلەپ ئۆلتۈرىدۇ، يەنى قىينالغاندا ياكى ئاغرىققا بەرداشلىق بىرەلمىگەندە يىلان ئۆز تېنىگە زىيادە كۆپ زەھەرلىك ماددا كىرگۈزۈپ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى تاللايدۇ.
#bilimdan
bilimzar#
No comments:
Post a Comment