Search This Blog

Wednesday, September 4, 2019

بىلەمسىز؟ ئالەم ئۇچقۇچىللىرىنىڭ ئالەم بۇشلۇقىدا ئوسۇرىشى بولمايدۇ

بىلەمسىز؟ ئالەم ئۇچقۇچىللىرىنىڭ ئالەم بۇشلۇقىدا ئوسۇرىشى بولمايدۇ

ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئالەم بوشلۇقىدا ئوسۇرسا بولمامدۇ؟  سېسىق پۇراقنىڭ سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى ھاياتىغا خەۋپ يېتىدۇ!

ئ‍الدىنقى ئەسىردىن باشلاپ ئىنسانلار ئالەم بوشلۇقى بىلەن
 ئۇچراشقان.مەيلى تەكشۈرۈش ئەسۋابى بولسۇن ياكى ئادەملىك ئايغا چىقىش بولسۇن، بىز ھەممىمىز ئالەم بوشلۇقىغا نىسبەتەن بەلگىلىك چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇق. ھەممىمىز ئالەم بوشلۇقىنىڭ ھەجىمىنىڭ ئىنتايىن چوڭ ئىكەنلىكىنى بىلىمىز  بىزنىڭ ھازىرقى ئالىملىرىمىزمۇ تاشقى ئالەم بوشلۇقى تەتقىقاتىغا مەپتۇن بولۇپ قالدى. بىزنىڭ ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىشىمىزنىڭ سەۋەبىمۇ ئىنتايىن ئاددىي ئۇ بولسىمۇ تاشقى پلانېت ھاياتلىقنى ئىزدەش ،شۇنداقلا ئىنسانلارغا ئىككىنچى چىقىش يولى تېپىپ بېرىش ئۈچۈن.يەر شارى گەرچە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىر قەدەر بىخەتەر بولسىمۇ،  لېكىن ئىنسانلار داۋاملىق يەر شارىغا نىسبەتەن ھېچقانداق توسالغۇسىز ئېچىش ،پايدىلىنىش ئېلىپ بىرىۋاتىدۇ. ئىنسانلار يەر شارىدا قاچانغىچە ياشىيالايدۇ،  بىزمۇ بۇنى بىلمەيمىز، شۇڭا كەلگۈسى ئۈچۈن ياخشى تەييارلىق قىلشىمىز كىرەك.


ئىنسانلارنىڭ پەيدا بولۇشى يەر شارى مۇھىتىدىن كەلگەن، شۇڭا ئىنسانلار ئالەم بوشلۇقىدىكى بۇ خىل ئېغىرلىقنى يوقاتقان ئەھۋالدا، ھەرىكەت قىلىش ئىنتايىن قولايسىز بولىدۇ، شۇڭا ئالەم بوشلۇقىدا بىزنىڭ ھاياتىمىز دائىم ئاسانلا خەۋپكە ئۇچرىشى مۇمكىن، ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا ئوسۇرىشى نىمىشقا چەكلەنگەن؟ سېسىق پۇراقنىڭ سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى ھاياتىغا خەۋپ يېتىدۇ!  گەرچە پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى ئىنسانلارغا نىسبەتەن بىر قەدەر يۇقىرى باسقۇچقا كەلگەن دەپ قارىساقمۇ، ئەمما پۈتكۈل ئالەم ئۈچۈن ئېيتقاندا، تەرەققىيات دەسلەپكى مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان دەپ قاراشقا بولىدۇ، ئالەم بوشلۇقىدا ئالەم كېمىسىنىڭ مەشغۇلاتى ئىنتايىن مۇرەككەپ بىر مەسىلە، چۈنكى ئېغىرلىقنى يوقاتقان ئەھۋالدا، ھەرىكەت قىلىش ئىنتايىن قىيىن، سەللا بىخەستىلىك قىلساق، ئېغىر ئاپەت كېلىپ چىقىشى مۇمكىن، ئادەم بەدىنى يەر شارىنىڭ تەرەققىياتىغا بىقىنغان ئاساستا تەرەققىي قىلغان بولۇپ،ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ.بولۇپمۇ بىر قىسىم فىزىئولوگىيىلىك تەبئىي ھادىسىلەردىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.


نۇرغۇن ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئالەم قاتنىشى ساھەسىنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بەزى ئادەتلەرنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك، بۇنىڭ بىرى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا ئوسۇرۇشىغا يول قويماسلىق ھەمدە بۇ بەلگىلىمە ئىنتايىن قاتتىق.نېمە ئۈچۈن بۇنداق غەلىتە بەلگىلىمە تۈزۈپ چىقىدۇ؟ئالەم بوشلۇقىدا ئوسۇرسا نېمە ئىش يۈز بېرىدۇ؟

ئالەم بوشلۇقىدا ۋاكوئوملۇق مۇھىت، ئالەم كېمىسىدە پۈتكۈل مۇھىت ھىم ئېتىلگەن.ئەگەر بىز يەر شارىدا ئوسۇرساق، ناھايىتى ئاسانلا تارقىلىپ كىتىدۇ، لېكىن ئالەم بوشلۇقى ئۇچقۇسىنىڭ ھىم بۆلۈمچىسىدە، ئوسۇرسا گاز بىر يەرگە يىغىلىپ، ناھايىتى تەستە تارقىلىدۇ، سىسىق پۇراقتىن باشقا، تېخىمۇ مۇھىمى ئىنسانلارنىڭ ئوسۇرىغى ئاممىياك گازىدىن تەركىپ تاپقان، ئەگەر بىرلا ئوت ياقسا پارتلاش يۈز بېرىدۇ. سىنگاپوردىكى ئاممىۋى سورۇنلاردا ئۇسۇرسا پۇل جەرىمانە قويۇلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدۇق، ئويلىمىغان يەردىن ئالەم بوشلۇقىدا ئوسۇرۇشنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يېتىدىغانلىقىنى ھېس قىلىسىز.

بولۇپمۇ ئالەم بوشلۇقى بۆلۈمچىسى مۇشۇنداق ھىم ئېتىلگەن مۇھىتتا ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ھاياتىغا زور تەھدىت پەيدا قىلىپ، بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئالەم بوشلۇقىدا جىق گەپ قىلىشنىمۇ چەكلىگەن.

#bilimdan   #bilimzar

No comments:

Post a Comment