رەڭلىك يۇمشاق ئىچىملىكلەرنىڭ سالامەتلىككە قانداق پايدىسى بار ؟
بۇ ھەپتە ياۋروپادىكى 10 دۆلەتتىكى 450 مىڭ ئادەمگە چېتىلىدىغان چوڭ تىپتىكى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ھەر ئايدا بىر ئىستاكانغا يەتمىگەن مىقداردا يۇمشاق ئىچىملىك ( قەنت ياكى سۈنئىي تاتلىق ئىچىملىك ) تىن ئىستىمال قىلغانلارغا سېلىشتۇرغاندا، ھەر كۈنى ئىككى ئىستاكان ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ مىقداردا تاتلىق ئىچىملىكلەرنى ئىچىدىغان كىشىلەر توپىنىڭ بالدۇر ئۆلۈپ كىتىش خەۋپى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن.
بۇ تەتقىقاتنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا قاراشلىق خەلقارا راك كېسىلى تەتقىقات ئورگىنى
( IARC )
نىڭ تەتقىقاتچىلىرى ئېلىپ بارغان بولۇپ، تەركىبىدە شېكەر ۋە سۈنئىي تاتلىق ئىچىملىكلەرنىڭ ئومۇمىي ئىستېمال مىقدارى بىلەن ئومۇمىي ئۆلۈش نىسبىتى ۋە ئالاھىدە ئۆلۈش نىسبىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەتقىق قىلىپ تەھلىل قىلغان.
مۇناسىۋەتلىك نەتىجىلەر
JAMA Intern Med
ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان.
تەتقىقاتچىلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ تەتقىقات

تەتقىقاتتا كۆرسىتىلگەن يۇمشاق ئىچىملىكلەر قەنت ئورنىدا ئىشلىتىلىدىغان تۆۋەن كالورىيەلىك كاربونىك كىسلاتالىق ئىچىملىكلەر، قەنت تەركىبى يۇقىرى كاربونىك كىسلاتالىق ئىچىملىكلەر، مېۋە چېۋە شەربىتى ياكى قويۇلدۇرۇلغان مېۋە شەربىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ئىستاكاننىڭ سىغىمى 250 مىللىلىتىر بولىدۇ.
دائىم قەنت تەركىبى بار يۇمشاق ئىچىملىكلەرنى ئىچكەندە ئېنېرگىيەنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىدۇ ۋە سەمىرىپ كېتىدۇ.2010ـ يىلى سېمىزلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى، راك كېسىلى ۋە قەنت تەركىبى بار يۇمشاق ئىچىملىكلەرنى ئىچىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان 2 تىپلىق دىيابېت كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن يەر شارىدا 184 مىڭ ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقى مۆلچەرلەنگەن

كەڭ كۆلەملىك تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق يۇمشاق ئىچىملىك ئىستېمالى بىلەن ساغلاملىق نەتىجىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئۈستىدە ئىزدىنىش ئۈچۈن، خەلقارا راك كېسىلى تەتقىقات ئورگىنىدىكى تەتقىقاتچىلار ياۋروپا راك كېسىلى بىلەن ئوزۇقلۇقنى ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن تەكشۈرۈش
( EPIC )
ئەتىرېتىدىكى 450 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى رەتلەپ تەھلىل قىلغان، بۇ سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئوتتۇرىچە زىيارەت ۋاقتى 16 يىلدىن ئاشقان.
بۇ چوڭ تىپتىكى ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر قاتناشقان تەتقىقاتتا، تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، يۇمشاق ئىچىملىكنىڭ ئىستېمال مىقدارى قانچە يۇقىرى بولسا، ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئۆلۈم خەۋپى شۇنچە يۇقىرى بولىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمشاق ئىچىملىك ئىستېمالى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئەرلەر ۋە ئاياللارغا نىسبەتەن ناھايىتى روشەن بولىدىكەن.
سۈنئىي تەم تەڭشىگۈچ ۋە شېكەر قوشۇلمىغان يۇمشاق ئىچىملىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندىلا، بەدەندىكى ئايلىنىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنىڭ ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، ھەزىم قىلىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنىڭ ئۆلۈم خەۋىپىگە نىسبەتەن، پەقەت شېكەر قوشۇلغان يۇمشاق ئىچىملىكلا تېخىمۇ يۇقىرى خەۋپ ـ خەتەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، تەركىبىدە شېكەر بولغان يۇمشاق ئىچىملىكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن كېلىپ چىققان يۇقىرى قان قەنتى ئۈچەي يولىنىڭ توسۇش ئىقتىدارىنى ئۆزگەرتىپ، ئۈچەي يولى يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، مېۋە شېكىرى بولسا يۇمشاق ئىچىملىكلەر ئىچىدە دائىم ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل قەنت بولۇپ، ئۇ جىگەردىكى ياغنىڭ ھاسىل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن جىگەرنى ئىسپىرتسىز ماي بىلەن قاپلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە ئىنسۇلىننىڭ سەزگۈرلۈكىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، تەتقىقاتچىلار يەنە يۇمشاق ئىچىملىك ئىستېمال مىقدارى قانچە يۇقىرى بولسا، پاركىنسون كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنىڭ شۇنچە چوڭ بولىدىغانلىقىنى، بۇ تەتقىقاتتا تۇنجى قېتىم يۇمشاق ئىچىملىك ئىستېمالى بىلەن پاركىنسون كېسىلىنى باغلاپ ئانالىز قىلىنغانلىقىنى ،بىراق بۇ يەكۈننى تېخىمۇ كۆپ تەتقىقات ئارقىلىق دەلىللەشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى بايقىدى.
بۇ تەتقىقاتتا تاتلىق ئىچىملىك ئىستېمالى بىلەن راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئوتتۇرىسىدا قانداق باغلىنىشلىق مۇناسىۋەت بار ئىكەنلىكى بايقالمىدى.
ئەلۋەتتە، بۇ تەتقىقاتنىڭ چەكلىمىلىكى شۇكى، بۇ بىر تۈرلۈك كۆزىتىش خاراكتېرلىك تەھلىل بولۇپ ، بۇ يەكۈننى سەۋەب ـ نەتىجە يەكۈنى قىلغىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ پەقەت بىر يۇمشاق ئىچىملىك ئىستېمالىنىڭ يەككە ھالەتتىكى تەتقىقات نەتىجىسى ھېسابلىنىدۇ
#bilimdan #bilimzar
No comments:
Post a Comment