Search This Blog

Wednesday, September 4, 2019

​ئەلئىھرامنىڭ سىرى


​ئەلئىھرامنىڭ سىرى


مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 2920-يىلىدىن 2575-يىلىغىچە بولغان دەسلەپكى سۇلالىلەر دەۋردە ( E a r l y D y n a c p e r i o d ) ئاللىبۇرۇن مىسىردا ئەلئىھرام شەكىللەنگەن.ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان ئەلئىھرام 100 دىن ئارتۇق بولۇپ،ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى نىل دەرياسى ۋادىسىدىكى زېمىندا.ئۇلار زادى بىر قىسىم ئابىدە قۇرلۇشلىرىمۇ ،ئىبادەتخانىمۇ ياكى يەرلىك خەلىقنىڭ ئىجادىيتىمۇ؟ بۇ ھازىرغىچە يەنىلا بىر سىر.
ئوتتۇرا ئەسىردە،نۇرغۇن ئالىملار مىسىردا ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىنغان مەزگىلدە،ھۆكۈمەت 
ئەلئىھرامدىن پايدىلىنىپ ئاشلىق ساقلايدۇ دەپ قارىغان.ھالبۇكى،ھازىرقى زاماندىكى بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىچە،ئۇ سۈنئىي ھالدا قۇياش نۇرى ئەسۋابى ۋە كالېندار،ئاسترونومىيەلىك كۆزىتىش سۇپىسى،ئۆلچەش قورالى،ھەتتا سىرلىق تاشقى پلانېتا ھاياتلىقى بىلەن باغلىنىپ،تاشقى پلانېتا ئادىمىنىڭ قونۇش نۇقتىسى دەپ قارالغان.20-ئەسىردىكى مەشھۇر كۇرت مېندېلسون فىرئەۋىننىڭ ھەممىلا يەردە چېچىلىپ كەتكەن قەبىلە دەۋرىدە مىسىرنىڭ دۆلەت ئورنىنى مۇستەھكەملەشنى مەقسەت قىلغان، قەۋرە ئەمەس دەپ قارىغان.
بىراق،كىشىلەر كەڭ دائىرىدە قوبۇل قىلغان نەزەرىيەنى كۆپ ساندىكى داڭلىق مىسىر ئالىملىرى ئوتتۇرىغا قويغان:ئەلئىھرام ئەسلى فىرئەۋىننىڭ قەبرىسى بولۇپ،نىل دەرياسى ۋادىسىدا قۇرۇلغان،مىسىرنىڭ ئەپسانىلىرىگە ئاساسلانغاندا،ئەلئىھرام ئۇ دۇنياغا بارىدىغان يول ئىكەن،يەنە كېلىپ ئالىملار بۇ يەردىن بۇ يەرگە يېقىن جايدا نۇرغۇن قولۋاقلارنى بايقىغان،ئېيتىشلارغا قارىغاندا،بۇ چاپما قولۋاقلار فىرئەۋىننىڭ ئۇ دۇنياغا بارىدىغان قاتناش قورالى ئىكەن.فىرئەۋننىڭ قارىشى بويىچە،ئۇلارنىڭ مەقسىتى بۇ دۇنيا ئەمەس،بەلكى ئۇ دۇنيا،مەيلى پەلەمپەيدىن ياكى قۇياش نۇرىدىن پايدىلىنىش بولسۇن،مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسىلا بولىدىكەن.شۇڭا، ئەينى چاغدا بۇ نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇۋاپىق لايىھە دەپ قارالغان.

ئەڭ داڭلىق،دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئەلئىھرام  خۇف ئەلئىھرامى بولۇپ.خاتىرىلىنىشىچە،خۇف مىسىردىكى 4-سۇلالىنىڭ 2-فىرئەۋىنى بولۇپ خۇف ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىل (تەخمىنەن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 2670-يىلى).  بۇ ئەلئىھرام خۇف ئۆزى ئۈچۈن ياسىغان قەبرە دەپ قارالغان بولۇپ،2 مىليون 300 مىڭ دانە قورام تاشتىن ياسالغان،ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر قورام تاشنىڭ ئېغىرلىقى 2.5 توننا كېلىدۇ،بەزى چوڭلىرىنىڭ 50 توننىغا يېتىدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تاش پارچىسى ئارلىقى بىلەن تۇتاشقان جايدا ھېچقانداق يېپىشتۇرۇش ماتېرىيالى يوق.مۇنارنىڭ ئېگىزلىكى 146.5 مېتىر كېلىدۇ.كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى،مۇنارنىڭ ئېگىزلىكى 1 مىليارد ھەسسىسىگە يەتكەندە يەر شارىدىن قۇياشقىچە بولغان ئارىلىققا باراۋەر كېلىدۇ ؛ مۇنارنىڭ ئېگىزلىكىنى مۇنار تېگىدىكى يۈزگە بۆلگەندە چەمبەر تۇراقلىقىغا تەڭ بولىدۇ.خۇف ئەلئىھرامى مېرىدىئان سىزىقىنى كېسىپ ئۆتۈپ،يەر شارىدىكى قۇرۇقلۇق،دېڭىز-ئوكيانلارنى تەڭ ئىككى بۆلەككە بۆلگەن،مۇنارنىڭ تۆت تەرىپى شەرق،جەنۇب،غەرب،شىمالدىكى تۆت يۆنىلىشكە توغرا كېلىدۇ،مۇنارنىڭ ئايلانما ئۇزۇنلۇقى دەل بىر يىلدىكى كۈن سانى بىلەن ماس كېلىدۇ.

ئالىملارنىڭ مۆلچەرلىشىچە خۇف ئەلئىھرامىنى ئاز دېگەندە 100مىڭ نەپەر ئادەم سەرپ قىلغاندا 30 يىلدا پۈتىدىكەن. 
شۇنى بىلىش كېرەككى،ئەينى چاغدا تۆمۈر قورال،تۆمۈر غالتەك،غالتەك،پارتلاتقۇچ دورا ۋە چىغرىق تېخى كەشىپ قىلىنمىغانىدى،قەدىمكى مىسىرلىقلار ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئېغىرلىقى 2.5 توننىدىن ئاشىدىغان 2 مىليون 300 مىڭ دانە تاشنى ناھايىتى يىراقتىن يۆتكەپ كەلگەن ھەمدە مۇئەييەن توغرا سان بويىچە قوپۇرۇلغان.بەزىلەر دائىم:«بۇ ئىنسانلارنىڭ ئەسىرىمۇ ياكى تاشقى پىلانت ئادىمىنىڭ ئەسىرىمۇ؟» دەپ سورايدۇ.
فرانسىيىلىك بىر سانائەت خىمىيە ئالىمى مۇنداق دەپ قارىدى:ياسالغان غايەت زور تاش بىر گەۋدە ئەمەس،بەلكى بىر خىل تاش ئۇۋىقى،ماگما تېشى،قۇلۇلە قېپى قاتارلىق ماددىلاردىن ياسالغان يېپىشتۇرغۇچ،بۇ خىل يېپىشتۇرغۇچ ناھايىتى كۈچلۈك تۇراقلاشتۇرۇش كۈچىگە ئىگە بولۇپ،كىشىلەر ئۇنىڭ سۈنئىي ئۇسۇلدا ياسىغان تاش ياكى تەبىئىي تاش پارچىسى ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرەلمەيدۇ.بۇ فىرانسىيەلىك خىمىيە ئالىمىنىڭ ئاساسى شۇكى،ئۇ مىسىردىكى ئەڭ چوڭ بىر پارچە تاش پارچىسى ئىچىدىن 2.5سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بىر تال چاچنى بايقىغان،بۇ چاچنى ئەينى چاغدىكى ئەلئەھرامنى  ياسىغۇچىلاردىن بىرى بۇ خىل يېپىشتۇرغۇچقا سۇ قۇيغاندا چۈشۈرۈپ قويغان دەپ قارىغان.بۇ خىل يېپىشتۇرغۇچ تەخمىنەن 20 قاداقتىن 32 قاداق ئېغىرلىقتىكى سېۋەت بىلەن توشۇلىدۇ،گەرچە بۇ قەدىمكى مىسىرلىقلارغا نىسبەتەن ئاسان بولمىسىمۇ،لېكىن ئۇلار يەنىلا ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ،ئەينى چاغدىكى قۇرۇلۇش ئورنىدا 1500 دىن ئارتۇق ئادەم بولسىلا بولىدۇ،كىشىلەر ئادەتتە مۆلچەرلىگەندەك 50 مىڭدىن 100 مىڭغىچە ئادەم بولۇشى ناتايىن.

bilimdan#   bilimzar#

No comments:

Post a Comment