ماددىچىلىق ئۆلدىمۇ؟ئۇنىڭغا يېڭىدىن قانداق ئېنىقلىما بىرىش كېرەك
نيۇتوننىڭ سائەتلىك ئالەم مودېلىدا ماددىنىڭ زامان ـ ماكان بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق، بوشلۇق پەقەت ماددىنىڭ ھەرىكەتلىنىش سەھنىسى ياكى ئارقا كۆرۈنۈشى، ۋاقىت پەقەت ماددىنىڭ ھەرىكەتلىنىشىدىكى بىر پارامېتىردىنلا ئىبارەت.بۇ دەۋردە ئىنسانلارنىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى ماددىلار دانچىسىمان، كاللەكسىمان ماددىلار بولۇپ، ماددا ئەمەلىي بارلىققا، بوشلۇق مەۋھۇم يوقلۇققا ۋەكىللىك قىلىدۇ.ئەمەلىي بولغىنى ئەمەلىي بولغىنى، مەۋھۇم بولغىنى مەۋھۇم بولغىنى، ئىككىسى روشەن ھەم مۇتلەق پەرقلىنىدۇ.ماددا قۇرۇقتىن قۇرۇق پەيدا بولمايدۇ، قۇرۇقتىن قۇرۇق يوقاپ كەتمەيدۇ.ماددىلار ئىلگىرى قەيەردە بولسا ، ھازىرمۇ شۇ يەردە، كەلگۈسىدىمۇ شۇ يەردە بولىدۇ.بۇ ئاساسەن ئىسپاتلاش كەتمەيدىغان ساۋات ھېسابلىنىدۇ .ھېچقانداق سەۋەبسىز ياكى مەلۇم بىر كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماي تۇرۇپ بىرماددا تۇيۇقسىز يۆتكىلىپ كەتمەيدۇ ياكى يوقالمايدۇ.
نىسپىيلىك نەزەرىيىسى بۇ «ساۋات»نى ئاستىن ـ ئۈستۈن قىلىۋەتتى.ماددا بىلەن ۋاقىت ـ بوشلۇق زىچ باغلانغان بولۇپ، ۋاقىت ـ بوشلۇق خۇددى ئېلاستىكىلىققا ئىگە ئۆچۈرگۈچكە ئوخشايدۇ، ماددىدەك بۇ ئۇسسۇلچىنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتى ۋاقىت ـ بوشلۇقنىڭ ئېگىلىشى ۋە تەۋرىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تارتىش كۈچى مەيدانى ۋاقىت ـ بوشلۇقنى ئېگىپ، ئۆزىنى كېسىپ ئۆتكەن نۇرنىڭ ئېغىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.ئېينىشتىيىننىڭ پەرىزىچە، يىراقتىكى يۇلتۇزلار تارقاتقان نۇر قۇياش يۈزىنى سىيپاپ ئۆتكەندە، قۇياشنىڭ كۈچلۈك تارتىش كۈچى مەيدانى تەرىپىدىن 1.7 سېكۇنت قىيپاش ئايلىنىدىكەن.1919ـ يىلى، ئەنگلىيە ئاسترونومى ئېدىنتوننىڭ تەشكىللىشى بىلەن، دەيسېن بىر تەتقىقات ئەترىتىنى باشلاپ، جەنۇبىي ئامېرىكا قىتەسىدىكى برازىلىيەنىڭ سوبېرېل ئارىلىغا يېتىپ بارغان،ئېدىنتون يەنە بىر تەتقىقات ئەترىتىنى باشلاپ ئافرىقىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى پرىنسىبى ئارىلىغا يېتىپ بېرىپ، كۈننىڭ تولۇق تۇتۇلۇشىنى كۆزىتىش ئارقىلىق، يۇلتۇزلار تارقاتقان نۇرنىڭ قۇياش ئەتراپىغا كەلگەندە ھەقىقەتەن 1.7 سېكونت ئېغىش يۈز بەرگەنلىكىنى دەلىللىگەن. ۋاقىت ـ بوشلۇقتا ھەقىقەتەن ئىگىلىش يۈز بېرىدۇ.ۋاقىت ـ بوشلۇقتىن ئىبارەت بۇ سەھنە ئەمدى «قاتتىق سېمونت تاختا» بولماستىن، بەلكى ئېلاستىكىلىقى ياخشى بولغان سەكرەش كارىۋىتىغا ئوخشايدۇ .
ئېينىشتىيىن 1916ـ يىلى تارتىش كۈچى دولقۇنىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئالدىن پەرەز قىلغان. تارتىش كۈچى دولقۇنى ۋاقىت ـ بوشلۇق ئەگمىسىدىكى مەيىن دولقۇننى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، دولقۇن شەكلى ئارقىلىق رادىياتسىيە مەنبەسىدىن سىرتقا تارقىلىدۇ، بۇ خىل دولقۇن تارتىش كۈچى رادىياتسىيەسى شەكلىدە ئېنېرگىيە يەتكۈزىدۇ.2015ـ يىلى 12ـ ئاينىڭ 26ـ كۈنى ئامېرىكىنىڭ خانفورد رايونى ۋە لويىزاننا ئىشتاتىغا جايلاشقان لىۋىنستوندىكى ئىككى تارتىش كۈچى دولقۇنى تەكشۈرۈش ئەسۋابى بىرلا ۋاقىتتا بىر تارتىش كۈچى دولقۇنى سىگنالىنى تەكشۈرۈپ، ئېينىشتىيىننىڭ بېشارىتىنى ئىسپاتلىدى.
ۋاقىت_ بوشلۇق ئېگىلىدۇ،بۇ خۇددى مەيىن شامالدا سۇ يۈزىدە كۆتۈرۈلگەن مەيىن دولقۇنغا ئوخشايدۇ.
يېقىندا بەزىلەر تارتىشىش كۈچى دولقۇنى مەۋجۇت بولغان ئىكەن، ئۇنداقتا كۋانت مېخانىكىسىدىكى دولقۇن ـ زەررىچە ئىككى ياقلىمىلىق قائىدىسىگە ئاساسلانغاندا گراۋىتون مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن، دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.ئەگەر بۇ پەرەز ئىسپاتلانسا، ئىنسانلار يەنە ۋاقىت ـ بوشلۇق ۋە ماددىغا قانداق ئېنىقلىما بېرىشى كېرەك؟بۇ يەردە ئىنسانلارنىڭ كۋانت نەزەرىيىسىدىن ھاسىل بولغان كۋانت مەيدان نەزەرىيىسىدىكى قاتتىق جىسىمغا دائىر ئۇقۇمى يوقىلىدۇ.ماددا زەررىچىسى پەقەت مەيداننىڭ قوزغىلىش ھالىتى بولۇپ ، ماددا بىلەن مەۋھۇم بوشلۇقنىڭ ھېچقانداق پەرقى يوق، مەۋھۇم بوشلۇقنىڭ ئۆزىمۇ ھەش ـ پەش دېگۈچە كۋانتنىڭ داۋالغۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كۋانت مەيدان نەزەرىيىسى ماددا بىلەن ۋاقىت ـ بوشلۇق ئۇقۇمىنى ناھايىتى ياخشى بىرلىككە كەلتۈردى.ئادەتتىن تاشقىرى تارلىق(دۇتتارنىڭ تارىدەك) نەزەرىيىسىنىڭ كلاسسىك ماددا ئۇقۇمىنى يېشىش قۇرۇلمىسىنى نۆۋەتتە يۇقىرى پەللىگە چىقتى دېيىشكە بولىدۇ.تارلىق نەزەرىيىسى مۇنداق دەپ قارايدۇ.تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئاساسىي بىرلىكى ئېلېكترون، فوتون، نېيترىنو ۋە كۋارك تۈرىدىكى نۇقتىسىمان زەررىچىلەر بولماستىن، بەلكى ناھايىتى كىچىك سىزىقلىق «خوردا» دۇر.خوردا ئۇچ نۇقتىسى بار ئوچۇق خوردا ۋە چەمبەرسىمان يېپىق خوردا دەپ ئايرىلىدۇ.خوردىنىڭ ئوخشاش بولمىغان تەۋرىنىشى ۋە ھەرىكىتى ئوخشاش بولمىغان ھەر خىل ئاساسىي زەررىچىلەرنى پەيدا قىلىدۇ.بۇ فىزىكىلىق مودېلنىڭ قارىشىچە، بارلىق ماددىلارنى تەشكىل قىلغۇچى ئەڭ ئاساسىي بىرلىك بىر كىچىك بۆلەكچە خوردا ئېنېرگىيە سىزىقى بولۇپ، چوڭى پلانېتىلار ئارا سامانيولى، كىچىكى ئېلېكترون، پروتون، كۋارك تۈرىدىكى ئاساسىي زەررىچىلەرنىڭ ھەممىسى ئىككى ئۆلچەملىك ۋاقىت ـ بوشلۇقنى ئىگىلەيدىغان بۇ «ئېنېرگىيە سىزىقى»دىن تەركىب تاپقان.
كۋانت نەزەرىيىسى كلاسسىك ماددا ئۇقۇمىنى تەۋرىتىپ قويدى، ماددا بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزدىكىدەك مۇستەھكەم ۋە پۇختا ئەمەس.ماددىچىلىق ئۆلدى دېگەنلىك كىلاسسىك ماددا ئۇقۇمى پۈتۈنلەي ھازىرقى شارائىتقا ماس كەلمەيدۇ دېگەنلىك ئەمەس، ئىنسانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا، كىلاسسىك ماددا ئۇقۇمىنى ئىشلىتىش يەنىلا بىر قەدەر قولايلىق.كۋانت نەزەرىيىسى ياكى كۋانت مەيدان نەزەرىيىسى، ياكى تارلىق نەزەرىيىسىنىڭ ھەممىسى ئىنسانلار مىكرو دۇنيانى چۈشىنىش ئۈچۈن قۇرغان فىزىكىلىق مودېللار ھېسابلىنىدۇ .ئىنسانلارنىڭ سەزگۈ ئەزالىرىنىڭ چەكلىمىلىكى ۋە كۆزىتىش قوراللىرىنىڭ چەكلىمىلىكى تۈپەيلىدىن ، مىكرو دۇنيانىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرەلمەيمىز، كۆپ ھاللاردا مودېلنى ھەقىقىي ئەھۋال دەپ قارايمىز.مەيلى كلاسسىك ماددا ئۇقۇمى بولسۇن،ياكى كۋانت نەزەرىيىسى بىلەن خوردا(تارا) نەزەرىيىسىنىڭ ماددا ئۇقۇمى بولسۇن، ھەممىسى ئىنسانلارنىڭ دۇنيانى چۈشىنىشىدىكى فىزىكىلىق مودېللار بولۇپ، سىز قايسى مودېلنىڭ دۇنيانىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىغا تېخىمۇ يېقىنلاشقانلىقىنى ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟
ئىلىم ـ پەننىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىيەلىشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئۇ مۇتلەق ھەقىقەتنى ئېتىراپ قىلماسلىق بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەستايىدىللىق بىلەن تەجرىبە قىلىپ دەلىللەشكە ئاساسەن ، ئۇقۇمنى پەقەت ئۇقۇم ئارقىلىقلا چۈشەندۈرىدىغان كاززاپلىق ۋە «سىرلىق خىياللار»غا پېتىپ قېلىشتىن ساقلىنىپ كەلدى .كىلاسسىك ماددا ئۇقۇمى ئىنسانلارنىڭ چوڭ مېڭىسىدە جاھىللىق بىلەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.كۋانت نەزەرىيىسى بىلەن تارلىق نەزەرىيىسىنىڭ يېڭى ئىلھامى بىلەن بەزى كىشىلەر بۇ خىل «جاھىللىق» نى تاشلىۋېتىشى مۇمكىن.
#bilimdan #bilimzar
No comments:
Post a Comment