بەدەندىكى ھەرقايسى ئەزالارنىڭ ئەشەددى دۈشمەنلىرى ئېلان قىلىندى
بىزنىڭ بەدىنىمىز بولسا بىر ئورگانىك گەۋدە ، ھەر بىر « ئەزالار » لار نورمال خىزمەت قىلغاندىلا ئادەم بەدىنىنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ ، ھەرقانداق بىر « ئەزادىن » مەسىلە چىقسا ھەممىسى جانغا زامىن بولۇشى مۇمكىن.
قان تۇمۇر، يۈرەك، ئاشقازان، ئۆپكە، بۆرەك، جىگەر، ئۈچەي، بۇرۇن، كۆز، ئۇلار زىيانكەشلىككە ئۇچرىسا ، ساغلاملىققا بىر نېمە دېيىش قىيىن. ئۇلارنىڭ « ئەجەللىك قاتىل » ى يەنە كېلىپ سىزنىڭ يېنىڭىزدا !
1- يۈرەك تۇزدىن قورقىدۇ
تۇز تەركىبى زىيادە كۆپ بولسا ، يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ
شۇڭا يۈرەك ئىقتىدارى ناچار كىشىلەر ، تۇزلۇق تائام يېگەندە بىئاراملىق ھېس قىلىدۇ. بولۇپمۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىمارلار ، تۇزنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى كونتىرول قىلىشتىن باشقا يەنە سۇ قوبۇل قىلىش كېرەك.
ئاش تۇزىدىن باشقا يەنە تېتىتقۇلار تەركىبىدە تۇز بار ، كۆپ مىقدارى ئىستېمال قىلىنغاندا ، تۇز ئىستېمال قىلىش مىقدارى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
تەكلىپ:
1. بىر كۈنلۈك تۇز ئىستېمال مىقدارى 6 گىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىك ، بىر پىۋا ئاغزىغا باراۋەر.
2.تۆۋەن ناترىيلىق تۇزنى ئىشلىتىش ئەڭ ياخشى تاللاش ، تۆۋەن ناترىيلىق تۇزدىن 20 پىرسەنت ناترىي خلورىدنى ئېلىۋېتىپ كالىي خلورىد ئىشلەتكەن ، ناترىي ئىئونىنى ئازايتىپلا قالماستىن ، يۇقىرى قان بېسىمغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىمۇ تۆۋەنلەيدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كالىي ئىئونىنىڭ قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىشكە ھەم ياردىمى بار.
3. ئەگەر قورۇمىنى بەك تۇزلۇق يىگەندە ، قايناقسۇنى كۆپرەك ئىچىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ .
2- ئاشقازان سوغۇقتىن قورقىدۇ
ئاشقازاننى سوغۇق قاپلاپ كەتكەندە ، قىسقىرىپ سېپازمىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، سانجىق پەيدا بولىدۇ
ئاشقازان نىسبەتەن ئېيتقاندا ، « سوغۇق » نى قوبۇل قىلىشى ئەڭ تەس ، ئەگەر ئاشقازان سوغۇق ئېقىمنىڭ ياكى سوغۇق يېمەكلىكلەرنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچرىغاندا ، ئاسانلا قىسقىرىپ ، ئاشقازان مۇجۇپ ئاغرىپ ، ئىچى سۈرۈش كېلىپ چىقىدۇ. ئاشقازان ، ئۈچەي كېسەللىكى بولغان كىشىلەر ، ئاشقازان - ئۈچەي بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغاندا ، قىززىق گىرىلكىدا ئىسسىق ئۆتكۈزگەندە راھەتلىنىپ قالىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.
سوغۇق نەرسە ئاشقازاننى بىئارام قىلىدۇ، چۈنكى سوغۇقتا ئاشقازان - ئۈچەيدىكى قان تومۇرلار قىسقىرىپ ، يېمەكلىكنىڭ ھەزىم قىلىش يولى شىللىق پەردىسى ئارقىلىق قانغا ئۆتۈشىگە تەسىر قىلىدۇ.
ئاشقازان ئاغرىش، قورساق قىسمى بىئارام بولۇش، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى چىكىنگەنلىكتىن ، بۇ چاغدا خام ، سوغۇق يېمەكلىكلەرنى يېگەندە ئاشقازاننىڭ بىئارام بولىشىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ.
تەكلىپ:
1. توڭلاتقۇدىن ئەمدىلا ئالغان يېمەكلىكلەر بىۋاسىتە يېمەسلىك ، قىزدۇرۇش ئارقىلىق ياكى سەل قويۇپ ئەسلىگە كەلگەندە يېيىش كېرەك.
2. ئادەتتە بېلىق بېشى، قوي گۆشى شورپىسى ئارقىلىق ئاشقازاننى ئاسرىسا بولىدۇ.
3. بۇلارنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل ، كالتسىي، فوسفور، كالىي قاتارلىق تەركىبلەر مول بولۇپ ، ئاساسەن تالنى ساغلاملاشتۇرۇش ، تۈگۈنلەرنى تارقىتىش ، بەلغەم بوشتىش ، يەنە يىلىكنى كۆپەيتىش قاتارلىق ئۈنۈمى بار.
بۇنىڭغا گۆش قوشقاندا ، شۇنداقلا كۈتۈنۈشتىكى ياخشى يېمەكلىك بولۇپ ، تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ ، ئاشقازاننى ئىللىتىش رولى ئىگە .
3- بۆرەك گۆشتىن قورقىدۇ
ئاقسىل مىقدارىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ، بۆرەككە ھارغىنلىق يېتىدۇ
دائىم مېھماندارچىلىقتا ، بېلىق ۋە گۆشنى كۆپ يېيىشتىن ، ئاسانلا ئاقسىل قوبۇل قىلىش مىقدارى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇزاق مۇددەت يۇقىرى ئاقسىل قوبۇل قىلىنسا بۆرەكنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ ، ھەتتا ، ئۇزاق مۇددەت بۆرەكنىڭ يۈكى « نورمىدىن ئارتۇق بېسىم » ھالىتىدە تۇرىدۇ. ئاقسىل تۇخۇم بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن ، يەنە كالا سۈتى، تۈرلۈك گۆش تۈرى ، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ۋە پۇرچاق تۈرىدىكىلەر تەركىبىدە ئاقسىل بار. سىز يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىپ ، يەنە قارىغۇلارچە ئاقسىل مىقدارى يۇقىرى ئوزۇقلۇقلارنى قوبۇل قىلغاندا ، بۆرەكنى ھاردۇرۇپ قويۇشتىن ئېھتىيات قىلىڭ .
تەكلىپ:
1. قۇرامىغا يەتكەنلەر كۈنىگە 60 گىرام 80 گرام ئاقسىل قوبۇل قىلسا ، ئېھتىياجنى قاندۇرۇشقا بولىدۇ.
2. ئادەتتە ھەر يېرىم كىلو قوي گۆشى تەركىبىدە 84.5 گرام ، كالا گۆشى تەركىبىدە 100.5 گرام ئاقسىل بار . ئۇندىن باشقا، تۇخۇم ، سۈت ۋە پۇرچاق ياسالمىلىرى تەركىبىدە ئاقسىل بار ، بۇنداق ھېسابلىغاندا ، ھەر كۈنى 4 سەردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
3. پىچەكگۈلنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش. پىچەكگۈل نۇرغۇن ئەزالارنى قۇۋۋەتلەيدۇ ، لېكىن يەنىلا بۆرەكنى ئاساس قىلىدۇ ، دائىم پىچەكگۈل يېگەندە ، بۆرەكتىكى زەھەرنى ھەيدەش رولى بولىدۇ.
4- جىگەر سېمىزلىكتىن قورقىدۇ
جىگەرنى ماي قاپلاش تەرەققىي قىلىپ ئېغىرلاشقاندا جىگەر راكىنى پەيدا قىلىدۇ
سېمىزلىك ئاسانلا جىگەرنى ماي قاپلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئېغىر بولغاندا جىگەر تالالىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، داۋاملىقلىق تەرەققىي قىلغاندا جىگەر قېتىش ، جىگەر راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
جىگەرنى ماي قاپلاشنىڭ ئورنىنى ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغى ئىگىلەپ ، ئېلىمىز ئاھالىلىرىنىڭ بىرىنچى چوڭ جىگەر كېسەللىكىگە ئايلاندى. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە ، سېمىز ئادەمنىڭ جىگىرىدىكى ئۆزگىرىشلەر ناھايىتى روشەن . ئوتتۇرىچە ئېيتقاندا، بەدەن سۈپىتى كۆرسەتكۈچ سانى ( BMI )ھەر 10 ئاشقاندا ، جىگەرنىڭ « يېشى » 3.3 يىل ئاشىدۇ.
تەكلىپ:
1. يېمەك - ئىچمەككە كونترول قىلىشقا مۇۋاپىق ھەرىكەتنى قوشۇش ئورۇقلاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى.
2. ئۆزىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ، ئۈچ ۋاق تاماقنىڭ مۇۋاپىق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا ، يىمەكلىكنى تىزگىللەش پىلانىنى تۈزۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ ، قەدەم باسقۇچقا بۆلۈپ ئېغىرلىقىنى كېمەيتىش كېرەك.
3.جىگەر بەدەندىكى ئەڭ چوڭ زەھەر تازىلاش ئەزاسى ،كۆپ قىسىم دورىلارنىڭ ھەممىسى جىگەر ئارقىلىق ئالمىشىدىغان بولغاچقا ، بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان دورا مەنبەلىك جىگەر زەخىملىنىش يۈز بېرىش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى . شۇڭا، دورا ئىشلەتكەندە ئۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان ناچار رېئاكسىيەگە دىققەت قىلىش كېرەك ، خالىغانچە ئۆز ئالدىغا دورا ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
5- قان تومۇر جىددىيلىكتىن قورقىدۇ
قان بېسىمىنىڭ تەۋرىنىشى چوڭ بولغاندا ، ئاسانلا تاسادىپىيلىق يۈز بېرىدۇ
قان تومۇر خۇددى بىر رېزىنكە سۇ تۇرۇبىسىغا ئوخشايدۇ ، ھەر قېتىم ھاۋا سوۋۇغان ۋاقىتتا ، كاۋچۇك چۈرۈكلىشىپ كېتىدۇ ، ئەگەر سۇ بېسىمى ئېشىپ كەتسە ، ئاسان يېرىلىدۇ ، بىزدىكى قان - تۇمۇرلار ئۈچۈنمۇ شۇنداق بولىدۇ .
ئۇندىن باشقا، قان تومۇر ئەسلىدىنلا ، « سوغۇقتىن تارىيىپ ، ئىسسىقتىن كەڭرىش» قانۇنىيىتىگە ئىگە بولۇپ ، يازدىكى ئىسسىقتا قان تومۇرلار كېڭىيىپ ، قىشتىكى سوغۇقتا قان بېسىمى تۆۋەنلەيدۇ.
ھاۋا كىلىماتى ئۆزگەرگەندە قان بېسىمىنىڭ تەۋرىنىش خاراكتېرلىك ئاشىدۇ ، مېڭىگە قان چۈشۈش ، مېڭە تىقىلمىسى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئۆلۈش نىسبىتى ئېشىپ كېتىدۇ.بولۇپمۇ ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردا ، قان تومۇر ئېلاستىكىلىقى ئەسلىدىنلا ياشلاردىن ناچار بولىدۇ ، شۇڭا مېڭە قاناش قاتارلىق تاسادىپىيلىقنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.
تەكلىپ:
1. بالدۇر ئارام ئېلىپ، ئاز تۈنەش ، چۈنكى تۈن بويى تۈنىگەندە ، پەقەت ئۆزىنىلا ئەمەس ، يۈرەك مېڭە قان تۇمۇرلارنىڭ بىيولوگىيەلىك سائىتى قالايمىقانلىشىپ ، بەدەندە زىيادە ئادرېنالىن ۋە نورئادرېنالىن كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، قان تومۇر تارىيىش ، قاننىڭ ئېقىشى ئاستىلاش ، قاننىڭ يېپىشقاقلىق دەرىجىسىنىڭ ئارتىشىنى پەيدا قىلىدۇ.
2. قان تومۇر تازىلايدىغان يېمەكلىكلەرنى يەپ بېرىش
دولانا، سۇلۇ، ( قارا ) قېرىنقۇلاق، سېرىق ئاپېلسىن، پىدىگەن، تاتلىقياڭيۇ، سامساق،
پىياز قاتارلىق بۇ 8 يېمەكلىكلەر قان تومۇرلارنى ئېچىپ، تومۇرلار دىۋارىنىڭ ئېلاستىكلىقىنى ساقلايدۇ.
6- ئۈچەي قىسىۋېلىشتىن قورقىدۇ
زىيانلىق ماددىلارنى قايتا قوبۇل قىلىش
چوڭ تەرەتنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا باكتېرىيە ۋە توكسىن بار بولۇپ ، بەدەندە ئۇزۇن ۋاقىت تۇرۇپ قالسا بولمايدۇ ، نورمال ئادەم ھەر كۈنى بىر قېتىم چوڭ تەرەت قىلىشى كېرەك.
« ئاممىۋى رەقەم گېزىتى » دە ، تەرەتنى قىسىۋېلىش ناچار تۇرمۇش ئادىتى ، چوڭ تەرەت ۋاقتىدا سىرتقا چىقىرىپ تاشلانمقغاندا، سۇ ئۈچەي تەرىپىدىن تەكرار سۈمۈرۈلۈپ كېتىدۇ ، چوڭ تەرەت قۇرغاقلىشىپ چىقىرىش تەسلىشىدۇ.
تەرەت تەركىبىدىكى زەھەرلىك ماددىلارنىڭ بەدەنگە توپلىنىپ تۇرۇش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە ، زىيانلىق ماددىلارنى ئۈچەي يوللىرى سۈمۈرۈپ ، روھسىزلىنىش ، باش قېيىش ماغدۇرسىزلىنىش ، ئىشتىھا تۇتۇلۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ؛ ئېغىر بولغاندا ھەتتا ئۈچەي راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
تەكلىپ:
1. چوڭ تەرەت قىلغاندا قىسىۋالماسلىق
ئەتىگەن ۋە ناشتىدىن كېيىنكى ۋاقىت چوڭ تەرەت قىلىش.ىڭ ياخشى پۇرسىتى ، بۇ چاغدا ھەرگىز چىداپ قىسىۋالماسلىق كېرەك. پەقەت قەرەللىك چوڭ تەرەت قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەندە ، تەرەت قىلىش رېفلېكسى تەدرىجىي پەيدا بولۇپ شەرتلىك رېفلېكس بولىدۇ ، ئادەت پەيدا بولسا ۋاقتىدا تەرەت قىلغىلى بولىدۇ.
2. سۇنى ئىچىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ
نۇرغۇن ئادەملەر سۇنى كۆپرەك ئىچىشنىڭ ئۈچەي يوللىرىنىڭ ساغلاملىقىغا ئالاقىدار ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالمايدۇ . بەزىلەر ئالدىراش بولۇپ ھەتتا بىر يۇتۇم سۇ ئىچىش بىلەن كارى يوق ، گال قۇرۇپ چاپلىشىپ قالغاندا ئاندىن ئىستاكاننى قولىغا ئالىدۇ- دە، بىر قورساق سۇ ئىچىۋېتىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بىر چۈشتىن كېيىن بىئارام بولۇپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، ئۇسسىغاندا سۇ ئىچىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
7. ئۆپكە ئىس تۈتەكلەردىن قورقىدۇ
تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقىرى
ئۇزاق مۇددەت تاماكا چەككەن ، بەدەن ئۇزاق مۇددەت ئىككىلەمچى تۈتەك مۇھىتىدا تۇرۇش ، خىزمەت جەريانىدا ئۇزاق ۋاقىت ئىس - تۈتەك چاڭ - توزان قاتارلىقلار بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بوكۇش خەتىرى يۇقىرى كىشىلەر توپى . مېدىتسىنادا ئىشلىتىلىدىغان تاماكا چېكىش كۆرسەتكۈچى ئارقىلىق جۇغلانما تاماكا چېكىش مىقدارى بىلەن ئۆپكە راكىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلەش ، تاماكا چېكىش كۆرسەتكۈچى = ھەر كۈنى چەككەن تاماكا سانى × تاماكا چېكىش يىل سانى .
ئەگەر بىر تاماكا چەككۈچى ھەر كۈنى بىر قاپ تاماكا يەنى 20 تال تاماكا چەكسە ، ئۇدا تاماكىنى 20 يىل چەككەن بولسا ( بىر يىل 365 كۈن ) ھېسابلىنىدۇ ، دەل 7300 قاپ ، ئۇنداقتا ئۇنىڭ تاماكا چېكىش كۆرسەتكۈچى 20×20=400 ، تاماكا چېكىش خەتەر كۆرسەتكۈچى 400 دىن يۇقىرى بولىدۇ، ئۆپكە راكى بولۇش خەتىرى يۇقۇرى كىشىلەر توپى قاتارىغا كىرىدۇ.
تەكلىپ:
1. قاچان تاماكا تاشلاش ھەممىسى كېچىككەنلىك ئەمەس ، ھازىردىن باشلاپ تاماكا تاشلاڭ.
2. ئۇندىن باشقا، يېنىدىكى ئائىلىسىدىكىلەر ئىككىلەمچى تاماكىنىڭ زىيىنىدىن يىراق تۇرۇشى كېرەك.
8- كۆز چارچاشتىن قورقىدۇ
كۆز چارچاش ، ئىچكى ئەزالار بىلەن چېتىشلىق
كۆز ھەقىقەتەنمۇ ئەڭ « نازۇك » ئەزا، چارچاشقا قارشىلىق جەھەتتە كۆز ئەڭ بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. جۇڭگو تېبابىتىدە « ھېرىش كۆزگە كىرىدۇ » دەيدىغان گەپ بار ، كۆز زىيادە چارچاش ، ھەم ئىچكى ئەزالارغا باغلىنىشلىق بولۇپ ، باش ئاغرىش ، ئۇيقۇسىزلىق ، بىئارام بولۇش ، كۆڭلى ئېلىشىش قاتارلىق چارچاش ئالامىتى بولىدۇ.
تەكلىپ:
1. ئادەتتە كومپيۇتېر ، يان تېلېفون قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەتكەندە ، ھەر 45 مىنۇتتا 10 مىنۇت ئەتراپىدا دەم ئېلىش كېرەك.
2. باش بارماقنى چىمداش
باش بارماقتا ئۈچ قوشنا پەللە بار بولۇپ ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا مىڭ كۆز ئۇۋىسى ، چۈلۈك پەللىسى ۋە چوڭ قۇرۇق سۆڭەك ئۆڭكۈرى .
بىر قولنىڭ باش ۋە كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن يەنە بىر قولنىڭ باش بارمىقىنى قىسىپ تۇرۇپ ، تىرنىقى بىلەن بۇ ئۈچ پەللىنى غىدىقلاش ، سەل ئاغرىش ھېس قىلغىچە بېسىم سالمىقىنى ئاشۇرۇش ، بۇنى تەكرار 10 قېتىم ئىشلەش.
بۇ ئۇسۇلنىڭ مېڭىنى روھلاندۇرىدىغان ئۈنۈمى بار ، كۆز چارچاشنى تېز ئۈنۈمدە پەسەيتىش مەقسىتىگە يېتىدۇ .
9. قۇلاق سوغۇقتىن قورقىدۇ
ئېقىپ ئۆتىدىغان قان ئاز ، مىقدارى ئاز
قۇلاق سوغۇقتىن قورقىدىغان بىر ئەزا ، بۇ ئۇنىڭ « ئورۇق » بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. قۇلاق نېپىز تېرە ئاستىدىكى يۇمشاق ، ئاساسەن ھېچقانداق ماي يوق. ئۇندىن قالسا، قۇلاققا تارقالغان ئاخىرقى ئۇچ قىل قان تومۇردىن ، ئېقىپ ئۆتىدىغان قان ئاز ، ئېنېرگىيە ۋە ئىسسىقلىق مىقدارى ئاز . شۇڭا، سوغۇق شامال تەككەندە قۇلاق سەسكىنىپ كېتىدۇ.
قۇلاق بۇنچە سوغۇقتىن قورقىدىغان بولغاچقا ، توڭلاشتىن ساقلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك ، بولۇپمۇ قۇلىقى ئاسان توڭلايدىغان ئادەم.
تەكلىپ:
1.ھاۋا سوغۇق چاغدا ، ئىشىكتىن چىقىشتا قۇلاق قاپلىغۇچ ياكى پوسما ، شارپا ئارقىلىق سوغۇقتىن ساقلانسا بولىدۇ.
2.بۇرنۇمنى تاشلىغاندا ، بىر تەرەپ بۇرۇن تۈشىكىنى ئىتىۋېلىش كېرەك ، يېنىك كۈچەپ يەنە بىر تەرەپنى تاشلاش ئارقىلىق ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
قان تومۇر جىددىيلىكتىن ، يۈرەك تۇزدىن ، ئۈچەي قىسىۋېلىشتىن قورقىدۇ … بەدەندىكى ھەر قايسى ئەزالارنىڭ قاتىلىنىڭ ھەممىسى يېنىمىزدا.
ياشانغان دوستلار ئۇنى ئېسىدە چىڭ ساقلىغاندا ، ھەر قايسى ئەزالارنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ ، ئاندىن ساغلاملىكقا كاپالەتلىك قىلغىلى ، ئۆمۈرنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ ، دوستلارغا تەۋسىيە قىلىشنى ئونۇتماڭ !
bilimdan# #bilimzar
No comments:
Post a Comment