ئىسىل كىشىلەر قايسى ئۈچ خىل كەيپىياتنى تاشلىۋەتكەن ؟
ناپولېئون: كەيپىياتنى ياخشى كونترول قىلالايدىغان ئادەم بىر شەھەرنى ئالالايدىغان گېنېرالدىنمۇ ئۇلۇغ، دېگەنىدى.
بۈگۈنكى كۈندە يەنە بەزىلەر مۇنداق دەيدۇ: كىشىلىك ھايات يولىدا دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ دۈشمەن ئىقتىدار ئەمەس، شارائىت ئەمەس، بەلكى كەيپىيات.
بىزدە پەيدا بولغان ھەر بىر كەيپىيات ئەمەلىيەتتە بىر مەيدان ھەيۋەتلىك قوشۇنغا ئوخشايدىغان بولۇپ، بۇجەرياندا بىز بۇ قوشۇن ئىچىدە ھەرگىزمۇ تىركەشمەيمەن ياكى ئارىلاشمايمەن دىيەلمەيمىز ،بىر ئادەم كۈچلۈك بولىمەن دەيدىكەن، چوقۇم كەيپىيات تەرىپىدىن چۈشەپ قويۇلماسلىقى، كەيپىيات ئۈستىدىن غالىب كېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى كېرەك.
ھەقىقىي يۇقىرى دەرىجىلىك كىشىلىك ھاياتتا، تۆۋەندىكى ئۈچ خىل كەيپىيات ئاللىبۇرۇن يوقالغان بولىدۇ .
بىرىنچى
مۈشكۈل ئەھۋالغا قالغاندىكى ئۈمىدسىزلىك ۋە قايغۇ ـ ھەسرەت
دوستۇم ئىلگىرى ماڭا مۇشۇنداق بىر ھېكايىنى سۆزلەپ بەرگەن.
بىر كۈنى ئەتىگەندە، بىر ئەر ئالدىراپ ـ تېنەپ مېتروغا ئولتۇرغىلى ماڭدى، ئۇ مېترو ئىشىكىگە ئىككى ـ ئۈچ مېتىر قالغاندا، مېترونىڭ گۈدۈكى چېلىنىپ قوزغالماقچى بولدى.
مېترو ئىشىكى يېپىلىدىغان چاغدا، ئەر مەزمۇت قەدەم بىلەن ئاتلاپ مېتروغا چىقىۋالدى، ئۇ مېتروغا ئۈلگۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن مېتروغا چىققاندا، سول پۇتىنى ئىشىك قىسىۋېلىپ، پۇتىدىكى ئاياغ ۋوگزال سۇپىسىغا چۈشۈپ قالدى .
بۇ چاغدا، كۆپچىلىكنىڭ نەزىرى ئەرگە تىكىلدى. دوستۇم بۇ ئەرنى قىيىن ئەھۋالدا قالدى دەپ ئويلاۋاتقان چاغدا ،بۇكىشى بىر بۇلۇڭغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئويلىمىغان يەردىن كەڭ قورساقلىق بىلەن يەنە بىر ئايىغىنى سېلىۋەتتى ھەمدە يۇقىرى ئاۋازدا ئۆزىنى مەسخىرە قىلىپ، پۈتۈن ۋاگوندىكى يولۇچىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك كۈلدۈردى.
بىردەمدىن كېيىن، دوستۇم بۇ ئەر كىشىدىن: بۇنداق ئىشقا يولۇققاندا، سىز ئۆزىڭىزنى بەك نەس باسقاندەك ھېس قىلىپ ئازراق ئۈمىدسىزلەنمىدىڭىزمۇ؟ دەپ سورىغاندا، ئەر قىلچە پىسەنت قىلمىغان ھالدا: ئىشقىلىپ مەنمۇ مېترودىن چۈشۈپ يۈگۈرۈپ بېرىپ ئاياغنى تېپىپ كېلەلمەيمەن، ئۇنداقتا بۇ ئىش ئۈچۈن كەيپىياتىمىزغا تەسىر يەتكۈزۈشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ دەپ جاۋاب بەردى.
بەزى ئىشلار بۇرۇنلا يۈز بېرىپ بولغان بولۇپ ، ئۇنىڭغا نىسبەتەن بىزنىڭ ھەر قانچە تىرىشچانلىق كۆرسەتكىنىمىز بىكار.
شۇڭا ئىزچىل ھالدا مۈشكۈل، چۈشكۈن كەيپىياتقا پېتىپ يۈرگەندىن، كۈلكىنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ، باشقىلارغا خۇشاللىق ئاتا قىلغان، ئۆزىنى خاتىرجەم قىلغان ياخشى ئەمەسمۇ ؟
ئىككىنچى
كىچىك ئىشلارغا بولغان غەزەپ ـ نەپرەت
ئالدىنقى بىر مەزگىلدە، مەن توردا ئادەمنى بىئارام قىلىدىغان بىر خەۋەرنى كۆردۈم.
شېنجېن باۋئەن رايونىدىكى 19 ياشلىق بىر ئوغۇل بالا كىچىككىنە بىر ئىش سەۋەبىدىن ئۆي ـ زېمىن خوجىلىق ئىشچىسى بىلەن تاكاللىشىپ قالدى، بىر مەھەللىك غەزەپ تۈپەيلىدىن، ئوغۇل بالا ئۆيىدىن مېۋە پىچىقىنى ئېلىپ چىقىپ تازىلىقچىنى يارىلاندۇردى.
ئوغۇل بالىنىڭ دادىسى بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، دەرھال يۈگۈرۈپ چىقىپ نەسىھەت قىلدى. ئەمما ئويلىمىغان يەردىن، ئۇ توسۇش جەريانىدا غەزىپى پەلەككە يەتكەن ئوغلى تەرىپىدىن بىھۇدە يارىلىنىپ، ئاخىرىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىلىپ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن.
ئوغۇل بالا ئۆزىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ بىر مەھەل ھاياجانلىنىپ دادىسىنىڭ ئۆلۈپ كىتىشىگە سەۋەبچى بولغانلىقىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن، پۇشايمان ۋە ئۆزئۆزىنى ئەيىبلەشنىڭ ئازابى ئاستىدا، بىنادىن سەكرەپ ئۆلۈۋېلىشنى تاللىدى.
شۇنداق قىلىپ، بىر ئوبدان ئۈچ كىشىلىك ئىناق ئائىلە شۇنىڭدىن باشلاپ مازارغا ئوخشاپ قالغان بولۇپ، پەقەت يالغۇز ئانىسىلا قالدى، يەنە چەكسىز قايغۇ ـ ھەسرەت بۇ ئائىلىنى چىرمىۋالدى .
غەزەپلەنگەن كەيپىيات خۇددى ئۆتكۈر پىچاققا ئوخشايدۇ، يا باشقىلارنى يارىلاندۇرىدۇ، يا ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلىدۇ.
قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپى بىداگراس بىزگە: غەزەپ نادانلىق بىلەن باشلىنىپ، پۇشايمان بىلەن ئاخىرلىشىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇرغان
يۇقىرى دەرىجىلىك ئەقىل ـ پاراسەتكە ئىگە كىشى بىردەملىك كۆڭۈلسىزلىك بىلەنلا بىر مەزگىللىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ قويمايدۇ، باشقىلارنىڭ كىچىك خاتالىقى تۈپەيلىدىن سەلبىي كەيپىيات پەيدا قىلىپ، ئۆزىنى جازالاپ يۈرمەيدۇ .
ئۈچۈنچى
كەلگۈسىگە بولغان زىيادە تەشۋىشلىنىش
نۇرغۇن كىشىلەر ماڭا ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكى ئەندىشىسىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدىن ياكى بالىسىنىڭ كەلگۈسىدىن ئەنسىرەۋاتقاندەك قىلىدۇ
مەن ئىزچىل مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى ياخشى كۆرىمەن: تەقدىرنىڭ ئەڭ ئېسىل يېرى دەل ئۇنىڭ ئېنىقسىزلىقىدا
ھېچنېمىسىنى بىلگىلى بولمايدىغان كەلگۈسى ئۈچۈن ئارتۇقچە غەم قىلغاندىن كۆرە، مەۋقەنى ھازىرقى ئەھۋالغا قارىتىش ۋە ئىگىلەش كېرەك.
ۋاڭ ياڭمىڭ ئەپەندى مۇنداق دېگەن: ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، ئۆزى قىلالايدىغان ئىشنى ياخشى قىلىش، قالغىنىنى ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىش كېرەك
ئىلگىرى، مەن دائىم بىر ئادەمنىڭ ئوقۇش تارىخى، ئىقتىدارى قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن قارشى تەرەپكە ھۆكۈم قىلىشقا ئادەتلەنگەن. كېيىن كۆرگەن ئادەملەر كۆپەيدى، باشتىن كەچۈرگەن ئىشلارمۇ كۆپەيدى، مەن ھەقىقىي يوقۇرى دەرىجىلىك كىشىلىك ھاياتنىڭ ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان شەخسىي ئىقتىدارغا باغلىق بولۇپلا قالماي، كەيپىياتنى باشقۇرۇشقا تېخىمۇ باغلىق ئىكەنلىكىنى بايقىدىم.
كەيپىياتنى كونترول قىلىشنى بىلىدىغان ئادەم قىيىنچىلىققا، ئوڭۇشسىز شارائىتقا دۇچ كەلگەن تەقدىردىمۇ، ئاقىلانە ھۆكۈم ۋە تەمكىن ھەرىكەت ئارقىلىق جىددىي ۋەزىيەتنى ئوڭشىيالايدۇ
خۇددى «ئۆمۈرلۈك كاپىتال» دا يېزىلغاندەك: ھەرقانداق ۋاقىتتا، بىر ئادەم ئۆز كەيپىياتىنىڭ قۇلى بولماسلىقى، ھەممە ھەرىكەتنى ئۆز كەيپىياتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراتماسلىقى، ئەكسىچە كەيپىياتىنى تىزگىنلىشى كېرەك. ـ
ئاشۇ ھەقىقىي يامان ئادەملەر، ئاللىقاچان زۆرۈر بولمىغان قايغۇ ـ ھەسرەت، غەزەپ ـ نەپرەت ۋە تەشۋىشنى تاشلىۋەتتى،كەيپىيات بىر ئادەمنىڭ ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ھەر بىرىمىزنىڭ ئاشۇ ناچار كەيپىياتلارنى يېڭىشنى ئۆگىنىۋېلىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمىز
#bilimdan #bilimzar
No comments:
Post a Comment