Search This Blog

Saturday, September 21, 2019

داڭلىق كارتون فىلىم«مۈشۈك بىلەن چاشقان»غا يوشۇرۇنغان سىرلار


ئەسلىدە بىز كۆرگەن كارتون فىلىملەردىكى ۋەقەلىكلەر ھەقىقەتەن راستكەن ئەمەسمۇ!
كىچىك ۋاقتىمىزدا كۆرگەن داڭلىق كارتون فىلىم «مۈشۈك بىلەن چاشقان» ھېلىمۇ ئېسىڭلاردىمۇ؟ بۇ قونچاقتا مۈشۈك تومنىڭ ئۆتەلمەيدىغان، كىرەلمەيدىغان يەرلىرى يوق ئىدى. 
ھەتتا ھەرخىل شەكىلدە تولغىنالايتتى.
ياپىلاق ھالەتكە كېلەلەيتتى
تۈۋرۈك شەكلىگە كىرەلەيتتى
يەنە تېخى پۇتىنى ئىككى چەتكە كېرىپ ئولتۇرالايتتى
لوڭقا شەكلىدە بولالايتتى
بۇلارنىڭ ھەممىسى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
مۈشۈك چوقۇم سۇيۇق جىسىم!
دىققەت قىلمىسىڭىز بۇ مۈشۈكنى قەھۋەمىكىن دەپ قالىسىز
ئەگەر  مېنىڭ بەدىنىممۇ مۇشۇنداق بولۇپ قالغان بولسا ئاچقۇچنى ئۇنتۇپ قېلىشتىن ھەرگىز قورقمايتتىم جۇما
ئەسلى سۇن ۋۇكۇڭنىڭ رولىغا ئۆزلىرى بىر قوللۇق چىقسىلا بوپتىكەن
نېمانداق قورقۇنچلۇق؟
ما ئاداش پايپاققىمۇ پاتىدىكىنا؟
خوتۇندىن قوقاپ يوشۇرنىۋالغان ئوخشىماملا ئېدىش
بېلىقلارغا يۈز بەرگىن بىۋاپا مۈشۈك 
كۆدۇق بۇنىڭغىمۇ پاتىدىكەنسىز
سەن كىرمىگەن بىر ماتوڭ قالدى 
ماندا توم يىلاننى كۆرگەنمۇ؟
ئۇخلىساڭمۇ ئۇخلا ئاداش
بەدىنىڭنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى كۆز كۆز قىلماي ئۇخلا
ئاخىرى قوقۇتۇپ جېنىمنى ئالىدۇ بۇ 
چىققىنە ئاداش ماڭ 
ئاكاڭ قارىغايغا كاىۋات كەتمەيدىغۇ 
مانىڭ ئۇخلىشىغا قاراپ مەن ھېرىپ كەتتىم
پۇتىمۇ ئۇيۇشۇپ قالمامدىغاندۇ ئەجىبا؟
ئوخشاشلا مۈشۈك تۇرۇپ پەرقى نېمانداق زور؟
ماندا ئوڭ كۆزۈمدە قاراپ باقسام ئۆزلىرى يوگاچى ئوخشايلا
 جۇۋا كىيىۋالغان تۇرۇقلۇق مۇشتا يېتىپ ئىسسىمامسىلە؟
شۇنچە يوغان ئۆينى تاشلاپ بەسە 
ئىستاكاننىڭ ئىچىگە كىرىۋېلىشى ھەجەپ كاللامدىن ئۆيمەيدۇ مېنىڭ
مۇشۇ ئاداشنى قاچان ئۈزۈلۈپ كېتەكىن دەپ غەملا قىلىپ يۈرىيمەن مەن
ما ئاچقۇچقا ئازراق يۈز بېرىلى 
قاندالا يە ئوچۇق بولسا شۇ يەرگە كىرىپ كېتىدىغان ئاداشكەن بۇ 
قارايمىزغۇ غوجام مىندا چىرىپ كېتىمىز شۇ 
نەق مېنىڭ كارىۋىتىمكەنغۇ ماۋۇ
ما ئاداش بىلەن ئېزىپ تېزىپ مۆكۈشمەك ئويناپ قالماڭلار
مۈشۈكنىڭ بەدىنى زادى قانچىلىك يۇمشاق؟ 
ئىشىكنىڭ يوچۇقىنى 35 سانتېمېتىر قالدۇرۇپ قويغاندا ئۇ ناھايىتى بىمالال ئۆتەلەيدۇ
25 سانتا قالدۇرۇپ قويسىمۇ شۇ
15سانتا قالدۇرۇپ قويسىمۇ كۈچىمەيلا ئۆتەلەيدۇ
10 سانتا قالدۇرۇپ قويسىمۇ ئوخشاشلا كىرەلىدى
8 سانتا ئارىلىقتىنمۇ ھەم شۇنداق 
7 سانتا ئارىلىقتىنمۇ كىرەلىگىنى ھەقىقەتەن ئادەمنى چۆچۈتمەي قالمايدۇ

bilimdan  # bilimzar#

No comments:

Post a Comment