يوقۇرى دەرىجىلىك مەدەنىيەت راستىنلا كۋانت دۇنياسىدىمۇ؟
ۋاقىت بىزگە ئىنتايىن تونۇش بىر ئۇقۇم بولۇپ، ئۇ بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، مەيلى ھاياتلىقنىڭ ئۇزۇنلۇقى بولسۇن ياكى شەيئىلەرنىڭ تەرەققىياتى بولسۇن، ھەممىسى ۋاقىت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، شۇڭا بىز ئەلۋەتتە ۋاقىت بىر خىل ئوبيېكتىپ مەۋجۇدىيەت دەپ قارايمىز.
ھەممىمىزگە مەلۇم، 13 مىليارد 900 مىليون يىل ئىلگىرى ئالەم بوشلۇقىدا چوڭ پارتىلاش يۈز بەرگەن، شۇنىڭدىن باشلاپ زامان ۋە بوشلۇق ئۇقۇمى پەيدا بولغان، بىز بولساق زامان ۋە بوشلۇقنىڭ مەۋجۇتلۇق ئۆلچىمى ئىچىدە ياشايمىز.
شۇڭا، ئىنسانلار ئىزچىل تۈردە پۈتكۈل ئالەم مۇقىم ۋاقىت بويىچە مەڭگۈ توختىماي چۆرگىلەپ تۇرىدۇ، دەپ قاراپ كەلدى، شۇنداقلا ھېچكىمنىڭ ۋاقىتنى ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

ھالبۇكى 100 يىل ئىلگىرى ئېينىشتىيىن نىسپىيلىك نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، كىشىلەرنىڭ ۋاقىتتىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇمغا بولغان چۈشەنچىسى ئاندىن ئۈزۈل ـ كېسىل ئاستىن ـ ئۈستۈن بولۇپ كەتكەن.ئېينىشتىيىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ۋاقىتنىڭ ئېقىش سۈرئىتىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ سۈرئىتى مۇقىم ئۆزگەرمەيدۇ ئەمەس، تېزلەتكىلى ۋە ئاستىلاتقىلى بولىدۇ. دەرۋەقە، بۇنىڭمۇ ئالدىنقى شەرتى بار، يەنى بۇيەردە نۇر تېزلىكى ئۆزگەرمەسلىكى لازىم .
بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان يورۇقلۇق تېزلىكى ئۆزگەرمەيدۇ، ئەمەلىيەتتە يورۇقلۇق تېزلىكى ھەرقانداق جىسىمغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ سۈرئىتى ئۆزگەرمەيدۇ.بۇ سۆز قارىماققا ناھايىتى ئاددىيدەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن چۈشىنىش يەنىلا مەلۇم دەرىجىدە قىيىن. مەسىلەن، ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنى مىسالغا ئالساق، ھاۋا ئوچۇق كېچىلەردە ئاسماننى قاپلىغان يۇلتۇزلارنى كۆرەلەيمىز، بۇ يۇلتۇزلارنىڭ بەزىلىرى بىزگە يېقىنراق، بەزىلىرى بىزدىن يىراقراق، قارىماققا بۇ يۇلتۇزلار ئاسمانغا ئېسىلىپ مىدىرلىماي تۇرغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار توختىماي ھەرىكەت قىلىدۇ.
ئەگەر بىز يورۇقلۇق تېزلىكىنى ئۆلچەش ئەسۋابى ئارقىلىق بۇ يۇلتۇزلار تارقاتقان نۇرنى ئۆلچىسەك، بىز سۈرئەتنىڭ ھەممىسىنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، مەيلى بۇ يۇلتۇزلار يەر شارىغا قاراپ ھەرىكەت قىلسۇن ياكى يەر شارىدىن يىراقلاپ ھەرىكەت قىلسۇن، ياكى قانداق سۈرئەتتە ھەرىكەت قىلسۇن، يورۇقلۇق تېزلىكى بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتسىز، يورۇقلۇق تېزلىكى مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ.زادى نىمىشقا شۇنداق بولىدۇ ؟ئىلىم-پەن سالونىنىڭ قارىشىچە يورۇقلۇقنى تۈزگۈچى زەررىچىلەرنىڭ يىتەرلىك دەرىجىدە كىچىك بولۇشى ئۇلارنى بوشلۇقتىكى مەسىلەن :ھاۋا تەركىبىدىكى ئازوت گازى ،ئوكسىگېن ،ۋە باشقا گاز جىسىملارنىڭ زەررىچىلىرىنىڭ ئارىسىدىن ھېچقانداق توسقۇنلۇققا ئۇچىرىماي ياكى ئۇچرىسىمۇ سان ساناقسىز زەررىچىلەرنىڭ ئاز بىرقىسىمى خوراپ كۆپ قىسىمى يەنىلا ئەسلى يۆنىلىشى بويىچە تارقىلىپ كىلەلايدۇ، بۇ ھادىسە ۋاكوئومدا بولسىمۇ ئوخشاش بولىدۇ ،بەزىلەر يورۇقلۇق سۇدا ياكى قاتتىق جىسىملاردىمۇ ئوخشاش سۈرئەتتە تارقىلامدۇ ؟ دەپ سورىشى مۇمكىن ،ئىلىم-پەن سالونى بۇنىڭغا ئەقىلگە مۇۋاپىق جاۋاپ بىرەلەيدۇ ،بىراق مەزمۇن ئۇزىراپ كەتسە ئوقۇرمەنلەرگە خۇشياقمايدۇ ،شۇڭا ھازىرچە جىم تۇرۇشنى تاللايدۇ
ئەمەلىيەتتە بۇ نەتىجە بەك غەلىتە، ئۇنىڭ غەلىتە يېرى يورۇقلۇق تېزلىكى ئۆزگەرمەيدۇ دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى بىز بىر مەسىلىگە سەل قارىساق بولمايدۇ، ئۇ بولسىمۇ يەر شارىمۇ قۇياشنى چۆرىدەپ توختىماي ھەرىكەت قىلىدۇ، يەر شارى مۇتلەق تۇرغۇن جىسىم ئەمەس، شۇڭا يەر شارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن چۈشكەن نۇر بىلەن يەر شارى ئوتتۇرىسىدا نىسپىي ھالەتتە سۈرئەت پەرقى بولىشى كېرەك ئىدى، گەرچە يورۇقلۇق تېزلىكىنىڭ ئۆزى ئۆزگەرمەيدىغان،يەرشارى توختىماستىن ئايلىنىپ تۇرىدىغان بولسىمۇ،لېكىن ئۆلچەپ چىقىلغان نەتىجە يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش سۈرئىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولۇپ، سۈرئەت يەنىلا ئوخشاش بولۇپ چىققان
بۇنداق زىددىيەت پەقەت بىرلا خىل چۈشەندۈرۈشكە ئىگە بولىدۇ، ئۇ بولسىمۇ يورۇقلۇق تېزلىكىنىڭ ھەرقانداق بىر جىسىمغا نىسبەتەن نىسپىي تېزلىكى ئوخشاش بولىدۇ.
دېمەك، بۇ جىسىم مەيلى قانداق سۈرئەتتە ھەرىكەت قىلسۇن، نۇرنىڭ بۇ جىسىمغا بولغان سۈرئىتى ئوخشاش بولىدۇ،مەيلى ئوخشاش بولمىغان سۈرئەتتىكى جىسىملار بولسۇن، نۇرنىڭ ئۇلارغا بولغان سۈرئىتى ئوخشاش بولىدۇ.

بۇ نۇقتىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكىدەك سوئال كېلىپ چىقتى،يەنى نۇر زادى قانداق ھەرىكەت مېخانىزمى ئارقىلىق ھەرقانداق جىسىمغا نىسبەتەن ئۆزگەرمەس نىسپىي سۈرئەتنى ساقلاپ قالالايدۇ؟ بۇ مەسىلىگە ھازىرغىچە ئىلىم ـ پەن ساھەسىدىكىلەر جاۋاب تاپالمىدى.
لېكىن بۇ لوگىكا ئارقىلىق، بىز بىر جاۋابقا ئېرىشەلەيمىز، ئۇ بولسىمۇ سۈرئەت قانچە تېز بولسا، ۋاقىت شۇنچە ئاستا بولىدۇ. بۇ ئۇقۇمنى چۈشىنىش ئۈچۈن، بىز داۋاملىق بايىقى يۇلتۇز بىلەن يەر شارىنىڭ مىسالىنى ئىشلىتەيلى. يەر شارىنىڭ ئايلىنىش يۆنىلىشىگە بىردەك يۆنىلىشتە ھەرىكەت قىلىپ كەلگەن نۇر بىلەن يەر شارىنىڭ ئايلىنىش يۆنىلىشىگە قارشى تەرەپتىن ھەرىكەت قىلىپ كەلگەن نۇرنىڭ يەر شارىغا نىسبەتەن يورۇقلۇق تېزلىكى ئوخشاش بولسا، ئوخشاش ۋاقىتتا، ئارقا تەرەپتىكى نۇرنىڭ ھەرىكەت قىلىش ئارىلىقى ئۇدۇل تەرەپتىكى نۇرنىڭ ھەرىكەت قىلىش ئارىلىقىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئۇزۇن بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، يەنى مۇشۇ ئوخشاش ۋاقىت ئىچىدە ئارقا تەرىپىدىن كەلگەن نۇرغا كەتكەن ۋاقىت سەل ئۇزىراپ كەتكەن، بۇ نۇر تېخىمۇ ئۇزۇن ئارىلىقنى باشتىن كەچۈرگەن، ئالدى تەرىپىدىن كەلگەن نۇرغا كەتكەن ۋاقىت قىسقىراپ قالغان، بۇ نۇر بولسا تېخىمۇ قىسقا ئارىلىقنى باشتىن كەچۈرگەن بولىدۇ
ئەمەلىيەتتە، سۈرئەت قانچە تېز بولسا، ۋاقىت شۇنچە ئاستا بولىدۇ دېگەن يەكۈنمۇ ئىلىم ـ پەن ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئىسپاتلىشىغائېرىشكەن.1971
ـ يىلى بەزىلەر ئىككى ئاتوم سائىتى بىلەن بۇ تەجرىبىنى ئىشلىگەن،بۇ سائەتلەرنىڭ بىرى ئايروپىلانغا، يەنە بىرى يەر يۈزىگە قويۇلغان. ئاندىن ئاتوم سائىتى قويۇلغان ئايروپىلان يەر شارىنى بىر ئايلىنىپ ئۇچتى، نەتىجىدە ئايروپىلانغا قويۇلغان ئاتوم سائىتى يەرگە قويۇلغان سائەتتىن ئاستا بولۇپ قالدى. كونكرېت قانچىلىك ئاستا بولۇپ قالدى؟يۈز مىلياردتىن بىر سېكۇنت ئاستا بولۇپ قالدى.

ئەلۋەتتە، بەزىلەر بۇ تەجرىبە نەتىجىسىگە دىمىغىدا كۈلۈپ قويۇپ، بۇنچىلىك پەرق ئىشەنچلىك ئەمەس دەپ قارىشى مۇمكىن، لېكىن بىزنىڭ دېمەكچى بولغىنىمىز، بۇ ئاتوم سائىتى ئىنتايىن توغرا ۋاقىت ھېسابلاش قورالى، ئەگەر ئۇ توغرا بولمىسا، بۇنداق كىچىك بىرلىك پەرقىنى ھېسابلاپ چىققىلى بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە پەرقنىڭ بۇنچە كىچىك بولۇشىدىكى سەۋەب، ئايروپىلان سۈرئىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.
كېيىن «سۈرئەت قانچە تېز بولسا، ۋاقىت شۇنچە ئاستا بولىدۇ» دېگەن نەزەرىيە يەنە بىر نەزەرىيىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، يەنى «ماسسا قانچە چوڭ بولسا، ۋاقىت شۇنچە ئاستا بولىدۇ»
مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئالەمدە، ئوخشاش بولمىغان جايلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ۋاقتى ئوخشاش بولمايدۇ.ماسسىسى قانچە چوڭ بولغان يۇلتۇز ئەتراپىدا، ۋاقىت شۇنچە ئاستا ئۆتىدۇ.
مەسىلەن، قۇياش سىستېمىسىدا قۇياش، ساتۇرن، يۇپىتېرنىڭ ۋاقتى يەر شارىنىڭ ۋاقتىدىن ئاستا ئۆتىدۇ، ئەكسىچە مارسنىڭ ۋاقتى يەر شارى ۋاقتىدىن تېز ئۆتىدۇ، چۈنكى مارسنىڭ ماسسىسى تېخىمۇ كىچىكرەك بولىدۇ.شۇڭا، ئەگەر ئىنسانلار راستىنلا مارسقا كۆچۈپ كەتمەكچى بولسا، ئۇنداقتا ۋاقىت تېخىمۇ تېز ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن.
ۋاقىت ئەڭ ئاستا ئۆتىدىغان جاي قارا ئۆڭكۈر ئەتراپى بولۇپ ، بۇ كىشىگە يىراق قەدىمكى رىۋايەتلەردە تارقالغان «ئاسماندا بىر كۈن، يەردە بىر يىل» دېگەن مەشھۇر سۆزنى ئەسلىتىدۇ. بەلكىم بۇ ئەپسانە ـ رىۋايەتلەردىكىدەك ئۇنداق ئاددىي بولماسلىقى مۇمكىن، بەلكىم ئىنسانلاردىن ئىلگىرى يەر شارىدا ھەقىقەتەن يۈكسەك مەدەنىيەت بارلىققا كەلگەن بولۇشى ، ھەتتا باشقا پىلانېتلارغا بارغان، ياكى باشقا پىلانېت ئاھالىلىرى يەر شارىنى زىيارەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا مۇشۇنداق بىر قاراشنى قالدۇرغان. ئەلۋەتتە بۇ پۈتۈنلەي ئاپتورنىڭ پەرىزى، كۆپچىلىك راست دەپ قالماڭلار.
ئەمما ماسسا قانچە چوڭ بولسا، ۋاقىت شۇنچە ئاستا بولىدۇ دېگەن نەزەرىيىگە نىسبەتەن، ئەگەر ئۇنى ئازراق كېڭەيتىپ باقساق، ناھايىتى قىزىقارلىق بىر يەكۈننى كەلتۈرۈپ چىقارغىلى بولىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئەگەر ئالەمدە بىر جاينىڭ ماسسىسى ئىنتايىن چوڭ بولسا، ئۇنداقتا ئۇ جاينىڭ ۋاقتى ئىنتايىن ئاستا ئۆتىدۇ ، يەرشارىغا نىسبەتەن ناھايىتى ئۇزۇن بولغان ۋاقىتمۇ ئۇجايدا پەقەت بىر سېكۇنتلا بولۇشى مۇمكىن.
بەلكىم ئالەملىك چوڭ پارتلاش بولغاندىن كېيىن، ئوخشىمىغان ماسسىدىكى سەييارىلەر شەكىللەنگەن بولىشى، بەزىلىرى ئىنتايىن چوڭ، بەزىلىرى ناھايىتى كىچىك بولىشى مۇمكىن ،
ئۇنداقتا بۇيەردە بىر خىل ئېھتىماللىق بار، ناۋادا ھازىر ئالەم ئەمدىلا پارتىلىدى دەپ قارىساق، بەزى سەييارىلەرنىڭ ماسسىسى ئىنتايىن كىچىك بولغانلىقتىن ، مەسىلەن يەر شارىدا 13 مىليارد 900 مىليون يىل ئۆتۈپ كەتتى، يەنە يەر شارىدىنمۇ كىچىك پىلانتلاردا بولسا نەچچە يۈز مىليارد يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن، ئەمما ماسسىسى ئەڭ چوڭ پلانېتىلاردا بولسا ئالدىنقى سېكۇنتتىلا چوڭ پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، بۇ سانلىق مەلۇماتلار سەل چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىلگەندەك كۆرۈنسىمۇ ، لېكىن مۇمكىن ئەمەس دېگەنلىك ئەمەس، قانداقلا بولمىسۇن، بىزنىڭ ھازىر ئالەمنى چۈشىنىشىمىز بەك ئاز بولۇپ ، ھەتتا يەر شارىنىڭ ئۆزىنىڭ تارىخىنىمۇ بەك ئاز بىلىمىز، بىر پۈتۈن پايانسىز ئالەمنى چۈشىنىش قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟
بۇ خىل يەكۈن پۇت تىرەپ تۇرالىسا، ئۇنداقتا ئالەمدە، ئەگەر راستىنلا يۇقىرى دەرىجىلىك مەدەنىيەت مەۋجۇت بولسا، ئۇيەردە چوقۇم ماسسا ئىنتايىن چوڭ بولىشى كېرەك ، چۈنكى ماسسىسى چوڭ جايدا ۋاقىت تېخىمۇ ئاستا ئۆتسە، ئاندىن مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پۇرسىتى بولىدۇ.
ئۇنداقتا زادى قانداق جايدا يۇقىرى دەرىجىلىك ھاياتلىق پەيدا بولىدۇ؟ ھازىرقى ئىنسانلارنىڭ ئالەمگە بولغان چۈشەنچىسى بويىچە ئېيتقاندا، بۇنداق جاي كۋانت دۇنياسى بولۇشى مۇمكىن.
#bilimdan #bilimzar
No comments:
Post a Comment