Search This Blog

Monday, September 9, 2019

نۇر تېزلىكى راسلا ئىنسانلارنى چۈشەپ قويغان كىشەنمۇ؟

نۇر تېزلىكى راسلا ئىنسانلارنى چۈشەپ قويغان كىشەنمۇ؟



بىپايان ئالەم ئالدىدا، ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى نەقەدەر كىچىك ھە! نۆۋەتتە ئىنسانلارنىڭ يەر شارىدىكى سانى 7 مىليارد ئەتراپىدا، لېكىن پۈتكۈل ئالەمگە سېلىشتۇرغاندا، ئىنسانلارنىڭ سانى خۇددى ئوكياندىكى بىر تامچە سۇدەك كۆزگە چېلىقمايدۇ.

تەھلىل قىلىنىشىچە، پۈتكۈل ئالەمدە 70 مىليارد 100 مىليون تۇرغۇن يۇلتۇز بولۇشى مۇمكىن، بۇ سان ھەرگىزمۇ ئالەمنىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭ ـ پۇچقاقلىرىغا تارقالغان  تۇمانلىق، سەييارە ۋە مېتېئورىت تاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، قىزىقىشى كۈچلۈك ئىنسانلار ھەمىشە ئالەمنىڭ چېگراسى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى ئويلايدۇ، لېكىن ئىنسانلار ھالقىپ ئۆتكىلى بولمايدىغان نەرسىلەر تەرىپىدىن پۇت ـ قولىنى چۈشەپ قويىدۇ، ئۇ بولسىمۇ يورۇقلۇق تېزلىكى 

نۆۋەتتە ئالىملار تەكشۈرۈش ئەسۋابىدىن پايدىلىنىپ كۆزەتكەن ئالەم دائىرىسى 93 مىليارد يورۇقلۇق يىلى بولۇپ، بۇ دائىرە كۆزەتكىلى بولىدىغان ئالەم دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدا 20 تىرىليون سامانيولى سىستېمىسىغا ئوخشاش چوڭلۇقتىكى يۇلتۇزلار سىستېمىسى بار، سامانيولى سىستېمىسى تەركىبىدىكى تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ سانى 400 مىلياردتىن ئاشىدۇ، بۇنىڭدىن پۈتكۈل ئالەمنىڭ نەقەدەر بىپايان ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ.

لېكىن ئىنسانلار كۆزىتىشكە بولىدىغان ئالەمنىڭ چىگىرىسىدىن چىقىپ كىتەلەمدۇ يوق بۇنى ھازىرچە دېمەي تۇرايلى، قۇياش سىستېمىسىدىن چىقىپ كىتىشىمۇ ئاساسەن مۇمكىن بولمايدىغان بىر ئىش.
قۇياش سىستېمىسىنىڭ دىيامېتىرى تەخمىنەن ئىككى نۇر يىلى بولۇپ، سامانيولى سىستېمىسىنىڭ 100 مىڭ نۇر يىلى كېلىدىغان دىيامېتىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، قۇياش سىستېمىسى خۇددى بىر دانە تىكتاك توپنى پۇتبول مەيدانىغا قويۇپ قويغانغا ئوخشايدۇ.
ئىنسانلار ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70ـ يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا قويۇپ بەرگەن تەكشۈرگۈچ ساياھەتچى 1ـ نومۇر ۋە ساياھەتچى 2ـ نومۇر ناملىق ئالەم كېمىسى ئالەمدە 40 نەچچە يىل ئۇچۇپمۇ ھازىرغىچە قۇياش سىستېمىسىنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈرمەكتە.

ساياھەتچى 1ـ نومۇرلۇق تەكشۈرگۈچمۇ ئىنسانلارنىڭ ھازىرغا قەدەر ياساپ چىققان ئۇچۇش سۈرئىتى ئەڭ تېز ئۇچقۇ بولۇپ قالدى، ئۇنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىكى سۈرئىتى سېكۇنتىغا 17.8 كىلومېتىر، يەنى سائىتىگە 56 مىڭ كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇ سۈرئەت يەر شارىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئىنتايىن تېز بولدى، لېكىن يورۇقلۇق تېزلىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ساياھەتچى 1ـ نومۇرلۇقنىڭ سۈرئىتى خۇددى قۇلۇلىگە ئوخشايدۇ.

ئىنسانلار يورۇقلۇق تېزلىكىدە ئۇچۇشنى ئىگىلىگەن تەقدىردىمۇ، ئالەمنى پۈتۈنلەي كۆزىتىش مۇمكىن بولمايدىغان ئىش بولۇپ قالىدۇ. پۈتكۈل كۆزىتىشكە بولىدىغان ئالەمنىڭ دىئامېتىرى 93 مىليارد يورۇقلۇق يىلى بولۇپ، يورۇقلۇق تېزلىكى بولغان تەقدىردىمۇ، 93 مىليارد يىلدا ئاندىن كۆزىتىشكە بولىدىغان ئالەمنىڭ چىگرىسىدىن ئۇچۇپ چىقىپ كېتەلەيدۇ، ئىنسانلار ئالەمنىڭ زادى قانچىلىك چوڭلۇقتا ئىكەنلىكىنى ئەسلا بىلمەيدۇ، بەلكىم سىرتقى دۇنياغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كۆزىتىشكە بولىدىغان ئالەممۇ بۇنىڭ ئىچىدىكى ناھايىتى كىچىك بىر قىسمى بولۇشى مۇمكىن، ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئاتومغا ئوخشايدۇ.

كىشىنى تېخىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى شۇكى، يورۇقلۇق تېزلىكىنىڭ دەرىجىسىگە يەتكىلى بولمايدۇ ھەم ئۇنى تەۋرىتىشمۇ تەس، چۈنكى تىنچ ھالەتتىكى ماسسىسى بولغانلىكى ماددىلارنىڭ يورۇقلۇق تېزلىكىگە يېتىشى مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا ئىنسانلار قۇياش سىستېمىسىغا باغلىنىپ قالغاندەك قىلىدۇ.

شۇڭا بۇ نۇقتىئىنەزەرلەر بىر قىسىم قۇلاق كەستىلەرنىڭ دۇنياغا كېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ئۇلار ئىنسانلارنىڭ سۈرئىتى يۇقىرى دەرىجىلىك مەدەنىيەت تەرىپىدىن چەكلەندى، ئىنسانلارنىڭ يورۇقلۇق تېزلىكى بىلەن چەكلىنىشى يۇقىرى دەرىجىلىك مەدەنىيەت تەسىس قىلغان كىشەن، بۇ دەل ئىنسانلارغا ئالەمنىڭ تېخىمۇ كۆپ مەخپىيەتلىكىنى بىلدۈرمەسلىك ئۈچۈندۇر، يورۇقلۇق تېزلىكى چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلىغان ھامان، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى ئالەمنىڭ ئىككىنچى، ئۈچىنچى دەرىجىلىك مەدەنىيىتىنىڭ دەرىجىسىگە يىتىشى مۇمكىن 

#bilimdan   #bilimzar 

No comments:

Post a Comment