Search This Blog

Monday, September 23, 2019

بۇ يىلقى قىزىقارلىق نوبىل مۇكاپاتى

بۇ يىلقى قىزىقارلىق نوبىل مۇكاپاتى






قىزىقارلىق نوبىل مۇكاپاتىنىڭ Logoسى


  بېيجىڭ ۋاقتى 13-سېنتەبىر سائەت 6 دە، 29-قېتىملىق قىزىقارلىق نوبېل مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ساندېرس تىياتىرخانىسىدا ئۆز قەرەلىدە ئۆتكۈزۈلدى.  بۇ يىلقى تېما « ئادەت» (Habits). ئۆتكەن يىللاردىكىگە ئوخشاش، بۇ يىل جەمئىي 10 مۇكاپات تارقىتىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە نوبېل مۇكاپاتى بىلەن ئوخشاش مۇكاپات تۈرى بەش خىل، خالىغانچە مۇكاپات تۈرى بەش خىل.  بۇ يىل تەشكىلىي كومىتېتىمۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرگە«مول» مۇكاپات بۇيۇمى تەييارلىدى: ئاستىدىكى مۇكاپات لوڭقىسى، «يۇقىرى سوممىلىق مۇكاپاتى» 10 تىرىليون زىمبابۋې پۇلى  ۋە ئۈچ نەپەر نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش پۇرسىتى بېرىلىدۇ.

  ئەمدى بىز ئوقۇرمەنلەرگە بۇ يىلقى بارلىق مۇكاپات تۈرلىرىنى تونۇشتۇرىمىز. 




مېدىتسىنا مۇكاپاتى
 پىسا قاتلىمىسى كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ



  ئىتالىيەلىك Silvano Gallus ، يۇرتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئېسىل تائامى --- پىساغا تولىمۇ چوڭقۇر مۇھەببەت بار.  بۇ يۇقىرىدىكى رەسىمدە ئىپادىلىنىپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭ تەتقىقاتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، قىسقىغىنە بىر نەچچە يىل ئىچىدە، ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىپ، پىسانى يېسە راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى، ھەمدە سۈت بېزى راكى، مەزى بېزى راكىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنى ئاشۇرمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.  لېكىن ئالدىنقى شەرت شۇكى، سىز چوقۇم ھەقىقىي ئىتالىيە پىساسىنى يېيىشىڭىز كېرەك، ئىتالىيەدە ئەتكىنىنى، يەنە كېلىپ ئىتالىيەدە يېيىشىڭىز كېرەك!  ئەلۋەتتە، ئۇمۇ بۇنداق ساغلاملىقنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ بىر پۈتۈن يېمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. نېمىلا دېگەن بىلەن، بۇ ھېكايە بىر نۇقتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ: ئاچ پاقىلىقمۇ ئىلمىي تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولالايدۇ.


مېدىتسىنا مائارىپ مۇكاپاتى
ئىت مەشىق قىلىش ئۇسۇلى بىلەن، تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرىنىمۇ مەشىقلەندۈرگىلى بولىدۇ

 نۇرغۇن ئەرمەك ھايۋان باقىدىغانلار ئۈچۈن «ئاۋاز تاختىسى مەشىقى» (clicker traning) چوقۇم ناتونۇش ئەمەس − ئىت-مۈشۈكنىڭ ھەرىكىتىنى مەشىقلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلار ۋەزىپىنى ئورۇنداپ بولغاندىن كېيىن، ئىگىسى پالاق ئۇرۇش ئارقىلىق مۇكاپاتلايدۇ. ھازىر، ئىككى ئامېرىكىلىق ئالىم Karen Pryor ۋە Theresa McKeon نىڭ بايقىشىچە، ئاۋاز تاختىسى مەشىقى بىلەن يەنە تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرىنى مەشىقلەندۈرۈش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ سۆڭەك بۆلۈمى شەكىل تۈزەش ئوپېراتسىيىسى قىلىش ئىقتىدارىنى مۇستەھكەملىگىلى بولىدىكەن. قانداقلا بولمىسۇن، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئىت ۋە تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى مەشىقلەندۈرۈشكە ئىشلىتىدىغان پىرىنسىپ ئىنتايىن ئوخشىشىپ كېتىدۇ...



بىئولوگىيە مۇكاپاتى
توڭلاتقۇ سۈۋەرەك چاپلىقىنى قانداق ياسايدۇ



  سىنگاپور ئالىملىرى باش بولغان بۇ تەتقىقات بىزگە توڭلاتقۇ سۈۋەرەك چاپلىقىنى قانداق ياساشنى ئېيتىپ بەردى.  تەتقىقاتچىلار ئۈسكۈنىدىن پايدىلىنىپ سۈۋەرەكنى ماگنىتلىغاندىن كېيىن، پەقەت ئۆلۈك سۈۋەرەك توڭلاتقۇغا مەھكەم چاپلىشىدىغانلىقىنى، تىرىك سۈۋەرەكنىڭ تېزلا چۈشۈپ كېتىدىغانلىقىنى بايقىدى. شۇڭا ئۇلار ئۆلۈك سۈۋەرەكنى تېخىمۇ ئۇزاق ۋاقىت ماگنىتلانغان ھالىتىنى ساقلىيالايدۇ، ئەمما تىرىك سۈۋەرەك بولسا ساقلىيالمايدۇ دەپ قارىدى. ھە راست، بۇ تەتقىقاتتا ئىشلىتىلگەن سۈۋەرەك ئامېرىكا قىتئەسىدىكى سۈۋەرەك بولۇپ بۇ خىل سۈۋەرەك ئۇچالايدۇ.

خىمىيە مۇكاپاتى
 بەش ياشلىق بالا بىر كۈندە قانچىلىك شۆلگەي ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ؟

  بىر مەسىلە ئۈستىدە ئويلىنىپ باقايلى: بىز ئاجراتقان شۆلگەينى يۇتۇۋەتسەك، ئۇنداقتا ئېغىز بوشلۇقىدىكى شۆلگەينىڭ ئاجرىلىپ چىقىش مىقدارىنى قانداق ئۆلچەيمىز؟  25 يىل ئىلگىرى، بىر نەچچە ياپونىيەلىك ئالىم بىر تەجرىبىنى تاماملىغان. بەش ياشلىق بالىنىڭ بىر كۈنلۈك شۆلگەي سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىش مىقدارىنى ئۆلچەپ چىقىش ئۈچۈن، تەتقىقاتچىلار بالىغا باناننى قايتا-قايتا چايناپ، ئاندىن باناننى ئىستاكانغا قۇسۇپ، چايناشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئېغىرلىق پەرقى ئارقىلىق شۆلگەي سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىش مىقدارىنى ئۆلچەپ باققانلىقىنى ئېيتتى.  ئەڭ ئاخىرقى جاۋابى 500 مىللىلىتىر




قۇرۇلۇش مۇكاپاتى
بوۋاقلار ئۈچۈن ئاپتوماتىك زاكا ئالماشتۇرىدىغان سىرلىق ماشىنا



  بۇ يىللىق قۇرۇلۇش مۇكاپاتى ئىران ئامىر كابىر تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى Iman Farahbakhsh غا بېرىلدى، ئۇ بوۋاقلار زاكىسىنى ئالماشتۇرۇش ماشىنىسى كەشىپ قىلدى.  بۇ كەشپىياتقا ئامېرىكىدا پاتېنت ئىلتىماس قىلدى. پاتېنتنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە پەقەت بوۋاقنى بۇ قۇرۇلمىغا قويۇپ قويغاندا، ئۈسكۈنە بوۋاقنىڭ بەدىنىگە تەگمەي تۇرۇپلا زاكا ئالماشتۇرۇش، يۇيۇپ قۇرۇتۇش قاتارلىق باسقۇچلارنى ئاپتوماتىك تاماملايدۇ دەپ يېزىلغان.


  ئىقتىسادشۇناسلىق مۇكاپاتى
 قايسى دۆلەتنىڭ قەغەز پۇلى خەتەرلىك باكتېرىيەلەرنى تېخىمۇ ئاسان تارقىتىدۇ؟

  جاۋابى رومىنىيە. گوللاندىيە ۋە تۈركىيىدىن كەلگەن ئۈچ ئالىم يەتتە خىل قەغەز پۇلنىڭ سېرىق ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە، چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەسىنىڭ مىقدارىنى ھەمدە قەغەز پۇل ئىشلەتكەندىن كېيىن، بۇ باكتېرىيىلەرنىڭ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قولىغا يۇققان-يۇقمىغانلىقىنى ئۆلچەپ چىقتى.  نەتىجىدە، پەقەت رۇمىنىيە قەغەز پۇلى بىرلا ۋاقىتتا بۇ ئىككى خىل باكتېرىيىنى تارقىتىدۇ. مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر نەق مەيداندا يەنە كۆپچىلىككە قەغەز پۇل باكتېرىيىسىدىن يىراق تۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلىنى ئۆگەتتى: پۇللاردىن قەغەز ئايروپىلان ياساڭ، ئاندىن تاشلىۋېتىڭ!  (مەن تەرەپكە تاشلىساڭلار تامامەن بولىدۇ)

تىنچلىق مۇكاپاتى
قىچىشقان قايسى ئورۇننى قاشلىسا پەيزى بولىدۇ؟

  ئەنگلىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، سىنگاپور ۋە ئامېرىكىدىن كەلگەن يەتتە ئالىم ناھايىتى قالتىس بىر تەتقىقات ئىشلىگەن: پىدائىيلار بەدىنىنىڭ ئوخشاشىمىغان يەرلىرىنى قاشلاپ، ئاندىن مىقدار بەلگىلەپ قايسى ئورۇننى قاشلىسا ئەڭ خۇشال بولىدىغانىلىقىنى ئۆلچىگەن.  نەتىجىدە، ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇرىغىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئوشۇق، دۈمبە ۋە بىلەك بولغان.


پسىخولوگىيە مۇكاپاتى
قەلەم چىشلەش سىزنى خۇشال قىلالايدۇ

بۇ يەكۈن نۇرغۇن قەلەمخورلارنى بەك خۇشال قىلامدۇق قانداق؟ لېكىن!  بۇ يەكۈننى چىقارغان گېرمانىيە پىسخولوگى Fritz Strack كۆپ يىللاردىن كېيىن بۇ نەتىجىنىڭ ھەرگىز تەكرارلانمايدىغانلىقىنى بايقىغان.  پىدائىيلار قەلەمنى چىشلىگەندە كۈلمەيدۇ، خۇشالمۇ بولمايدۇ، ئەلۋەتتە، بۇنداق كۈلكىلىك كۆرۈنۈش يېنىدىكىلەرنى خۇشال قىلىشى مۇمكىن، ئەڭ ئاخىرىدا تەتقىقاتچىلار ھەتتا بىر پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىپ، پسىخولوگىيەدىكى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ چىنلىق مەسىلىسىنى مۇلاھىزە قىلدى. بۇ بەلكىم پسىخولوگىيە ئارقىلىق ھاياتتىن گۇمانلىنىش بولسا كېرەك...


فىزىكا مۇكاپاتى
خالتىلىق ئېيىقنىڭ پوقى نېمە ئۈچۈن چاسا شەكىلدە بولىدۇ؟



  شۇنچە كۆپ ھايۋان تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن پەقەت خالتىلىق ئېيىقلا بىردىنبىر چاسا شەكىللىك پوق ئېتەلەيدۇ؟ بۇ مەسىلىگە بىر قانچە ئالىم دىققەت قىلغان، ئۇلار تاشيولدا سوقۇلۇپ ئۆلگەن ئىككى خالتىلىق ئېيىقنى تېپىپ، ئاناتومىيە تەتقىقاتى ئارقىلىق مۇنداق جاۋابنى تاپقان: « ئۈچىيىنىڭ ئاخىرىدا، گەندىسى سۇيۇق ھالەتتىن بىر توپ ئۇزۇنلۇقى ئىككى سانتىمېتىر كېلىدىغان قاتتىق ھالەتتىكى كۇبقا ئايلىنىدۇ. بۇ خىل ھالەتكە ئۆزگىرىشىنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۈچەي يولى دىۋارىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدە ئوخشاش بولمىغان ئېلاستىك خۇسۇسىيەت بار. ئەلۋەتتە، بىر تۈرلۈك فىزىكا تەتقىقاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ تەتقىقاتنىڭ ئەھمىيىتى غەلىتە بولۇپلا قالماستىن، ئۇ يەنە يۇمشاق ماتېرىيال ئارقىلىق غەيرىي ئوق سىممېتىرىيەلىك قۇرۇلمىنى قانداق ياساش ئۈچۈن يېڭى پىكىر يولى بىلەن تەمىنلىدى.



چاسا ماياقنى نېمىگە ئىشلەتكىلى بولىدۇ؟

بۇ مەسىلە ئۈستىدە تورداشلار ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇرىنى قاناتلاندۇرۇپمۇ باققان بولۇپ، قېنى بىرلىكتە ئۇلارنى تەسەۋۋۇرلىرىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى


يەر بەلگىسىگە ئىشلىتىشكە بولىدۇ




بالىلار ئويۇنچۇقى قىلىشقا بولىدۇ



ھەرخىل نەرسىلەرنىڭ مودېلىنى ياساشقا بولىدۇ



خەت يېزىشقا بولىدۇ




ئورۇن ئىگەللەشكە بولىدۇ


بۇنى كۈتۈپخانىدا ئورۇن ئىگەللەشكە ئىشلەتسەك بولامدۇ قانداق؟

سىزچە يەنە قانداق ئىشلارغا ئىشلەتكىلى بولىدىغاندۇ؟

#بىلىمدان   #بىلىمزار
bilimdan#   #bilimzar 

No comments:

Post a Comment