بىر ئاۋياماتكا ياساش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدۇ
بىر نەچچە مىسال كەلتۈرەيلى، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ئادەتتىكى ئېنېرگىە ئاۋىئاماتكىسى« كىچىك بۈركۈت» ناملىق ئاۋىياماتكىنىڭ 1961-يىلى ياسالغان چاغدىكى خىراجىتى 265 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، بۇ ئەينى چاغدىكى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ 10 دانە« چوڭ كامبالا بېلىقى» دەرىجىلىك يادرو چۆكمە پاراخوتىنىڭ پۈتۈش باھاسىغا باراۋەر. 1975-يىلى ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگەن« نىمز» ناملىق يادرو ئاۋىئاماتكىسىنىڭ پۈتۈش باھاسى بىر مىليارد 880مىليون دوللار بولۇپ، « كالىفورنىيە» دەرىجىلىك توققۇز يادرو ئېنېرگىيەلىك چارلىغۇچى پاراخوتنىڭ ئومۇمىي خىراجىتىگە توغرا كېلىدۇ. ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ يېڭى« فورد» دەرىجىلىك ئاۋىئاماتكىسىنىڭ يەككە ئاۋىياماتكا پۈتۈش باھاسى 11 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كېتىدۇ، بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بىر دۆلەتنىڭ كۈچلۈك ئىقتىسادىي كۈچى يوق بولسا ھەرگىزمۇ ئاۋىئاماتكىغا ئوخشاش بۇنداق« ئېغىر قورال» ياسىيالمايدۇ، ياسىيالىسىمۇ« باقالمايدۇ» ، ئاۋىئاماتكىنى قوغداش ھەققى ئوخشاشلا يۇقىرى يەنى ئاۋىئاماتكىغا كۈچلۈك قوغداش پاراخوتى سەپلەشنىمۇ سۆزلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق.
« باقالمايدىغان» ئاۋىئاماتكىنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى ئەنگلىيىدىن ئىبارەت، ئەنگلىيە دۇنيادىكى ئەڭ بۇرۇن ئاۋىئاماتكا ياسىغان دۆلەت، ئاۋىئاماتكا ۋە ئاۋىئاماتكا جەڭگىۋار توپىنىڭ تەرەققىياتىدا ئۇزاق مەزگىل ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئەنگلىيە ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 26 ئاۋىئاماتكىغا ئىگە بولغان. لېكىن رەھىمسىز ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى باشتىن كەچۈرگەچكە، ئەنگىلىيەنىڭ دۆلەت كۈچى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان دېڭىز ئارمىيەسىنى ساقلاپ قالالمىدى، نۇرغۇن ئاۋىئاماتكا سېتىۋېتىلدى، تەقدىم قىلىندى ياكى چېكىندۈرۈلدى. "1986-يىلى ئەنگلىيە« ماھارەت ئىلاھى» ناملىق ئاۋىئاماتكىنى 50 مىليون فوندستېرلىڭ باھا بىلەن ھىندىستانغا سېتىپ بەرگەن، 2010-يىلى« تەڭداشسىز» ناملىق ئاۋىئاماتكىنى 2 مىليون فوندستېرلىڭ باھادا تۈركىيەدىكى بىر كېمىسازلىق زاۋۇتىغا سېتىپ بەرگەن. 2011-يىلى ئەنگىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 200 مىليون فوندستېرلىڭغا يارايدىغان« خان جەمەتى كېمىسى» ناملىق ئاۋىئاماتكىنى 3 مىليون 500 مىڭ فوندستېرلىڭلىق تۆۋەن باھا بىلەن ساتماقچى بولغان، بۇنىڭدىن ئەنگىلىيىنىڭ ھازىرقى دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىنىڭ جىددىيلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
ئامېرىكىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئاۋىئاماتكا جەڭگىۋار توپىنى مىسالغا ئالساق، ئادەتتە بىر چوڭ تىپتىكى ئاۋىئاماتكا جەڭگىۋار توپىغا بىر يادرو ئېنېرگىيەلىك ئاۋىئاماتكا، ئۈچ قوغلىغۇچى پاراخوت، ئۈچ قوغدىغۇچى پاراخوت، ئىككى يادرو سۇ ئاستى كېمىسى ۋە 80 ئەتراپىدا ئاۋىئاماتكا ئايرۇپىلانى سەپلىنىدۇ. بىر دانە 100 مىڭ توننىلىق ئاۋىياماتكىنىڭ پۈتۈش باھاسى 7 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى، بىر دانە« زىۋىس قالقىنى» سەپلەنگەن قوغلىغۇچى پاراخوتنىڭ پۈتۈش باھاسى 1 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى، بىر چوڭ تىپتىكى قوغدىغۇچى پاراخوتنىڭ پۈتۈش باھاسى 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرى، بىر چوڭ تىپتىكى يادرو چۆكمە پاراخوتىنىڭ پۈتۈش باھاسى 2 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى، بىر ئاۋىياماتكا ئايروپىلانىنىڭ ئوتتۇرىچە پۈتۈش باھاسى 50 مىليون ئامېرىكا دوللىرى، تەخمىنەن ھېسابلاپ بېقىڭ، پەقەت ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى دەرىجىلىك ئاۋىياماتكا ئۇرۇش توپى بەرپا قىلىش ئۈچۈن 23 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا پۇل كېتىدۇ.
خىتاينىڭ تۇنجى ئاۋىياماتكىسى« لياۋنىڭ» ناملىق ئاۋىئاماتكىغا بولغان ئۆزگەرتىش خىراجىتىلا 20 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ كەتتى، ھازىر ياسىلىۋاتقان 002 نومۇرلۇق خىتايدا ئىشلەنگەن ئاۋىئاماتكىنىڭ پۈتۈش باھاسى ئاز دېگەندىمۇ 30 مىليارد يۈەن ئەتراپىدا، بۇ پەقەت ئادەتتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە ئاۋىئاماتكىلا بولۇپ، تونناژمۇ ئامېرىكىنىڭ يادرو ئېنېرگىيەلىك ئاۋىئاماتكىسىدىن چوڭ ئەمەس بۇلۇپ ، ئامېرىكىنىڭ ئىنتايىن پىشقان ئاۋىياماتكا ياساش سىستېمىسىغا ئوخشىمايدۇ، شۇڭا تېخنىكا ۋە تەجرىبىسى يېتەرلىك بولمىغان دۆلەتلەر ئاۋىئاماتكىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن سەرپ قىلغان تەننەرخى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇپ ھەتتا ھەسسىلەپ ئېشىشى مۇتلەخ .
bilimdan#
bilimzar#
No comments:
Post a Comment