ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن بەدىنىدىكى قان ئەڭ ئاخىرىدا نەگە كېتىدۇ؟
يۈرىكىمىز ھەر كۈنى سوقۇپ، پۈتۈن بەدىنىمىزگە يېڭى قان يەتكۈزۈپ، بەدىنىمىزنىڭ قان ئايلىنىشىنى ساقلايدۇ، ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن يۈرەك سوقۇشتىن توختايدۇ، ئۇنداقتا بەدىنىمىزدىكى قان ئەڭ ئاخىرىدا نەگە كېتىدۇ؟
ئادەتتىكى ئەھۋالدا، يۈرەك سوقۇشتىن توختىغان قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بەدەندىكى قان يەنىلا قان تومۇرلاردا قالىدۇ، لېكىن ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، بەدەندىكى قان تەدرىجىي ئۆزگىرىدۇ. ئادەم قازا قىلىپ 12 سائەت ئىچىدە قاندىكى قان ھۈجەيرىسىنىڭ سىرتقى شەكلى يەنىلا مۇكەممەل ساقلىنىدۇ، لېكىن ئېغىرلىق كۈچىنىڭ تەسىرىدە قان تومۇرلاردىكى قانلار مەلۇم دەرىجىدە ئېقىپ كېتىدۇ، يەنە كېلىپ قاننىڭ توپلىنىشىغا ئەگىشىپ قان تومۇرلار كېڭىيىپ كېتىدۇ.
12 سائەتتىن كېيىن بەدەندىكى توقۇلما سۇيۇقلۇقى قان تومۇرلارغا سىڭىپ كىرىپ، قان ھۈجەيرىلىرنى سىقىپ چىقىرىۋېتىدۇ، بەزى قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى بېسىمغا بەرداشلىق بېرەلمەي قان ئېرىش ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ، بۇ چاغدا قان پىلازمىسىنى قان قىزىل ئاقسىلى بويىلىپ قان تومۇر سىرتىغا ئاستا-ئاستا سىڭىپ كېتىدۇ، توقۇلما سۇيۇقلىقىمۇ قان قىزىل ئاقسىلى تەسىرىدە قىزىل رەڭگە ئۆزگىرىدۇ. 24 سائەتتىن كېيىن قان يەنە ئۆزگىرىدۇ، قاندىكى ئېرىشچان سۇيۇقلۇق كىشىلەرنىڭ ھەر خىل توقۇلمىلىرىغا ئېقىپ كىرىپ، يەر يۈزى بىلەن ئۇچراشقان ھامان جەسەتلەردە داغ بولۇپ قالىدۇ.
ئەگەر ئۆلۈش سەۋەبى ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك ياكى شۈك بولۇپ قېلىش سەۋەبىدىن بولسا، كۆكرەك بوشلۇقىغا قان يىغىلىپ، قورساق قىسمى ۋە داس بوشلۇقى قېتىپ كېتىدۇ، جەسەتتىكى قاندىكى سۇلار پارغا ئايلىنىپ كەتسە، قالغان ھۈجەيرە قۇرۇپ قان تومۇرلاردا تۇرۇپ قالىدۇ.
#bilimdan #bilimzar
No comments:
Post a Comment