قۇياش سىستېمىسىدىن چىقىپ كەتكەن ئالەم ئۇچقۇچىسى

ئىنسانلارنىڭ ئالەم بوشلۇقى ساھەسىدىكى ئىزدىنىشى ئىنتايىن جاپالىق بولدى، ئىلگىرى سانسىزلىغان ئالىملار بۇنىڭ ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى دۆلەتنىڭ ھەتتا پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ ئۈمىدىنى زىممىسىگە ئالغان، لېكىن ئالەم بوشلۇقىغا چىقىش ئىنسانلارنىڭ تۈرلۈك نامەلۇم خەتەرلەرگە دۇچ كېلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئىنسانلارنىڭ ئالەم ئۈستىدە ئىزدىنىش تارىخىدا، ئەڭ ئاۋۋال ئالەم بوشلۇقىدا ئىزدىنىشنى قانات يايدۇرغان دۆلەت سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا بولۇپ، بۇ ئىككى دۆلەتتە نۇرغۇن ئالەم ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان ئۇلۇغ كىشىلەر بارلىققا كەلگەن، جۈملىدىن ئالەم بوشلۇقىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان تۇنجى كىشى يۇرى ئالېكشېيېۋىچ گاگارىن ھەمدە تۇنجى بولۇپ ئايغا يېتىپ بارغان ئىنسانلاردىن ئارمستروڭ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تاشقى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىدىغان ئالەم ئۇچقۇچىلىرى نۇرغۇن مەشىقلەرنى قىلىش ئارقىلىق تاشقى ئالەم بوشلۇقىدىكى ئېغىرلىق كۈچى يوق مۇھىتنى يېڭىپلا قالماي، يەنە كۈچلۈك پىسخىكىلىق ساپانى ھازىرلىشى كېرەك، چۈنكى تارىختىكى 18 ئالەم ئۇچقۇچىسى ئىنسانلارنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىكى ئىزدىنىش ئىشلىرى ئۈچۈن بەختكە قارشى ئالەم بوشلۇقىدا قازا قىلغان.


پلۇتون ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان بىر يۇلتۇز، ئۇنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ تېمپىراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن ئىككى يۈز سېلسىيە گىرادۇسقا يىتىدۇ، قۇياش نۇرى بۇ يەرگە كېلىشكە ئاز دېگەندىمۇ بەش سائەت ۋاقىت كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ يۇلتۇز مۇز ۋە قورام تاشتىن تەركىب تاپقان.

بۇ ئۇلۇغ زات ۋاپات بولغاندىن كېيىن، كىشىلەر ئۇنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، ئۇنىڭ جەسەت كۈلىنى پلۇتونغا قويۇپ بەرگەن، بۈگۈنكى كۈندە، كىشىلەر كلايدنىڭ جەسىتىنىڭ پلۇتوندىن ئۆتۈپ، چوڭ قوياش سىستىمىسدىن چىقىپ كەتتى دەپ قارايدۇ.
#bilimdan
#bilimzar
No comments:
Post a Comment