ۋاقىتنىڭ ماھىيىتى خىيالىي تۇيغۇ؟
ئىنسانلار قۇياشنىڭ شەرقتىن كۆتۈرۈلۈپ غەربكە پېتىشى، ئاينىڭ تۇتۇق، ئوچۇق، يۇمىلاق بولۇشى ۋە تۆت پەسىلنىڭ ئالمىشىشىدىن ۋاقىت ئۇقۇمىغا ئېرىشتى.لېكىن ۋاقىتنىڭ ماھىيىتىنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى ھېچكىم تولۇق ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرەلمەيدۇ.
نىيۇتوندەك ئىلىم ـ پەن گىگانت ئادىمى بولغان تەقدىردىمۇ، ۋاقىتقا بولغان چۈشەنچىسى ناھايىتى يۈزەكى بولۇپ، پەقەت ۋاقىتنى جىسىم ھەرىكىتىنىڭ بىر پارامېتىرى دەپ قارايدۇ .ئۇ بىزدەك ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئوخشاش، ۋاقىتنىڭ باشلىنىشى يوق، ئاخىرلىشىشىمۇ يوق دەپ قارايدۇ ، ۋاقىت خۇددى ئوقياغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ ، ئۇ پەقەت ھازىرغا قاراپ تەكشى ئۇچۇپ كېلىدۇ،ئۇ يەنە ئاخىرقى نۇقتىسىنى بىلگىلى بولمايدىغان كەلگۈسىگە قاراپ تەكشى سۈرئەتتە ماڭىدۇ.پۈتۈن ئالەمنىڭ ۋاقتى پۈتۈنلەي ئوخشاش بولۇپ كوئوردىنات سىستېمىسىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئۆزگەرمەيدۇ.بۇ خىل مۇتلەق ۋاقىت قارىشى يەنىلا سىز ۋە مېنىڭ چوڭ مېڭەمدە جاھىللىق بىلەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا .
ئېينىشتىيىن نىسپىيلىك نەزەرىيەسىنى بايقىغاندىن كېيىن، مۇتلەق ۋاقىت قارىشى ھەققىدە ئىنسانلارنىڭ چوڭ مېڭىسىدە ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى .ئېينىشتىيىننىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيىسى بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، ۋاقىت بىلەن بوشلۇق پەقەت جىسىم ھەرىكىتىنىڭ ئابستراكت پارامېتىرىلا ئەمەس بەلكى ۋاقىت بىلەن بوشلۇق جىسىمنىڭ تېز سۈرئەتتىكى ھەرىكىتىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ، ۋاقىت مۇتلەق بولمايدۇ، ۋاقىتنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئۆلچىمى بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر جىسىمنىڭ ۋاقىت شىكالىسى، ئېقىش سۈرئىتىنىڭ تېز ـ ئاستىلىقى ئوخشاش بولمايدۇ.ۋاقىت نىسپىي فىزىكىلىق مىقدار بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان پايدىلىنىش سىستېمىسىدىكى كىشىلەر ئوخشاش بىر ۋاقىتنى كۆزەتسە، ئېرىشىدىغان ۋاقىت ئۇچۇرى ئوخشاش بولمايدۇ.داڭلىق «قوشكېزەكلەر قارشىلىق نەزەرىيىسى» دە مۇنداق دېيىلگەن: بىر جۈپ قوشكېزەك ئاكا ـ ئۇكا بار بولۇپ ،ئاكىسى نۇر تېزلىكىدىكى ئالەم كېمىسىگە ئولتۇرۇپ سەييارىلەر ئارا ساياھەتكە بېرىپ، يەر شارىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ يەنىلا ياش يىگىت ئىكەنلىكىنى، ئىنىسىنىڭ چاچلىرى ئاقارغان بوۋايغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بايقىدى.ئەلۋەتتە، نۆۋەتتە ئىنسانلار نۇر تېزلىكىدىكى ئالەم كېمىسىنى ياساپ چىقالمايدۇ، قوش كېزەكلەر قارشىلىق نەزەرىيىسى تېخى سىناق قىلىپ دەلىللەنمىگەن ئىدىيىۋى سىناققا تەۋە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ ،بىراق سەپەرگە چىقىشىمىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان
GPS
سۈنئىي ھەمراھى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ ۋاقىت قارىشىنى پاكىت ئارقىلىق ئىسپاتلىدى.
تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسى پىرىنسىپىغا ئاساسلانغاندا، جىسىمنىڭ ھەرىكەت سۈرئىتى قانچە تېز بولسا، ۋاقىت شۇنچە ئاستا بولىدۇ، شۇڭا يەر شارىدا تۇرۇپ
GPS
سۈنئىي ھەمراھىنى كۆزەتكەندە، ئۇ ئېلىپ ماڭغان سائەت ئاستىراق ماڭىدىغان بولۇپ ، ھەر كۈنى تەخمىنەن يەتتە مىكرو سېكۇنت ئاستا بولىدۇ.يەنە كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزىرىيىسىنىڭ پىرىنسىپىغا ئاساسلانغاندا، ماددىنىڭ ماسسىسى ۋاقىت ـ بوشلۇقنىڭ ئېگىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ماسسىسى قانچە چوڭ،ماددىلارنىڭ ئارلىقى قانچە يېقىن بولسا، شۇنچە كۈچلۈك ئېگىلىدۇ، ۋاقىت شۇنچە ئاستا بولىدۇ.
GPS
سۈنئىي ھەمراھىنىڭ يەر يۈزى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 20 مىڭ كىلومېتىر بولۇپ، يەر شارى ماسسىسىنىڭ تەسىرىدە، يەر شارى يۈزىدىكى ۋاقىت ـ بوشلۇق
GPS
سۈنئىي ھەمراھى تۇرۇشلۇق ۋاقىت ـ بوشلۇققا قارىغاندا تېخىمۇ ئەگرى بولىدۇ، شۇڭا
GPS
سۈنئىي ھەمراسىدىكى سائەت تېزرەك ماڭىدۇ، ھەر كۈنى تەخمىنەن 45 مىكرو سېكۇنت تېز ماڭىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تار مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزىرىيىسى ۋە كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزىرىيىسىنى ئويلاشقاندىن كېيىن،
GPS
سۈنئىي ھەمراھ سائىتى ھەر كۈنى يەنە تەخمىنەن 38 مىكرو سېكونت تېز بولۇشى كېرەك.
بۇ كىچىككىنە 38 مىكرو سېكۇنتقا سەل قارىماڭ، كىچىككىنە سەۋەنلىك ياكى خاتالىق نۆۋىتى كەلگەندە غايەت زور چوڭ خاتالىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ، ئەگەر يول باشلاش سىستېمىسى بۇ ۋاقىت پەرقىنى ھەر ۋاقىت تەڭشەپ تۇرمىسا ، سىز كېچىدە يول باشلاش سېستىمىسىدىن پايدىلىنىپ ماشىنا ھەيدىسىڭىز تىك ياردىن چۈشۈپ كېتىشىڭىز مۇمكىن.
ۋاقىت ئىسترېلكىسىنى بۇزۇپ تاشلاش تەجرىبىسى بولسا قوش يوچۇقلۇق ئىنتېرفېرىنسىيە تەجرىبىسى بولۇپ ،قوش يوچۇقلۇق ئىنتېرفېرېنسىيە تەجرىبىسىنى كۆپچىلىك بىر قەدەر پىششىق بىلىدۇ، بۇ يەردە تەپسىلىي تەسۋىرلەپ ئولتۇرمايمىز.بۇ تەجرىبىنىڭ غەلىتە يېرى شۇكى، بىر ئېلېكترون بىرلا ۋاقىتتا توسۇش تاختىسىدىكى ئىككى تار يوچۇقتىن ئۆتەلەيدۇ، يەنى ئوخشاش بىر پەيتتە، ئېلېكترون ئىككى ئورۇندا پەيدا بولىدۇ.بىر ئېلېكترون قانداق قىلىپ ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئوخشاش بولمىغان ئىككى ئورۇندا پەيدا بولىدۇ؟ۋاقىتنىڭ سەۋەب ـ نەتىجە قانۇنىيىتى بۇ ھادىسىگە ھەرگىز يول قويمايدۇ!ئەگەر سىز بىر «كۋانت ئادىمى»گە ئايلىنىپ قالسىڭىز، بەلكىم بۇخىل بىرلا ۋاقىتتا بەدەن «ئايرىش» ماھارىتىنى ھېس قىلالىشىڭىز مۇمكىن.ھىم، بۇ ھادىسىنى پەقەت ئۆزىمىز بېرىپ ھېس قىلىپ باقمىساق، نەق مەيداندىكى رىئال يۈزبەرگەن ھادىسىنى كۆزىتىش مۇمكىن ئەمەس.چۈنكى كۆزىتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ھامان ئېلېكترون دولقۇن ھالىتىدىن تارىيىپ زەررىچە ھالىتىگە ئۆتىدۇ، ئۆزى بىلەن ئۆزى ئارىلىشىدىغان ھادىسە دەرھال يوقىلىدۇ.
بېشىڭىز قېيىۋاتامدۇ؟قايغان بولسا توغرا بولىدۇ!بىراق، يەنە تېخىمۇ سىرلىق بىر سىناق بار، ھازىرقى ۋەقەنىڭ ئىلگىرىكى ۋەقەگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغانلىقى ئىسپاتلانسا،خۇددى ھازىر سىز كۋانت مېخانىكىسىنى چۈشىنىدىغان تالانت ئىگىسى بولۇشنى ئويلىسىڭىز،ئۇچاغدا ئاتا ـ ئانىڭىز ئەينى ۋاقىتتا ئۆزئارا تونۇشقاندىن كىيىن كېچىكىپ توي قىلىپ سۈپەتلىك پەرزەنت كۆرۈشنى تاللىغانغا ئوخشاش.بۇ مۇمكىنمۇ؟ئەگەر سىز كۋانت ئادىمى بولسىڭىز بۇ تامامەن مۇمكىن!بۇ ئاجايىپ تەجرىبە دەل قوش يوچۇقلۇق ئىنتېرفېرېنسىيە تەجرىبىسىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخىسى، يەنى قوش يوچۇقلۇق ئىنتېرفېرېنسىيە كېچىكتۈرۈش تەجرىبىسىدۇر.
قوش يوچۇقلۇق ئىنتېرفېرېنسىيە كېچىكتۈرۈش تەجرىبىسىنىڭ ئاساسىي لايىھە تەپەككۇرى، يېرىم كۈمۈش يالىتىلغان رېفلېكتورنى قوش يوچۇقنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشتىن ئىبارەت.بىر دانە فوتوننىڭ يېرىمى قايتۇرۇش ئەينىكى ئارقىلىق ئۆتۈپ كېتىشى، يېرىمى قايتۇرۇلۇشى مۇمكىن.بۇ كۋانتنىڭ تاسادىپىي جەريانى بولۇپ، ئۇنىڭ قوش يوچۇقنى تاللىشى بىلەن بىر يوچۇقنى تاللىشى ماھىيەتتە ئوخشاش.
قايتۇرۇش ئەينىكى بىلەن فوتوننىڭ چۈشۈش يولىنى 45 گىرادۇسلۇق بۇلۇڭغا تۇغۇرلىغاندا، فوتونلارنىڭ يېرىمى تۈز ئۇچۇشى، قالغان يېرىمى 90 گىرادۇسلۇق بۇلۇڭ ھاسىل قىلىپ قايتىشى مۇمكىن.
بىز باشقا تولۇق قايتۇرۇش ئەينىكى ئارقىلىق، ئايرىلغان بۇ ئىككى ئاچا يولنى يەنە تۇتاشتۇرۇپ، ئاخىرقى نۇقتىدا فوتوننىڭ ئۇچۇپ كېلىش يۆنىلىشىنى كۆزەتسەك، ئۇنىڭ زادى قايسى يولنى بويلاپ ئۇچۇپ كەلگەنلىكىنى جەزملەشتۈرەلەيمىز.
لېكىن، ئاخىرقى نۇقتىغا 45 گىرادۇسلۇق بۇلۇڭ ھاسىل قىلغان يېرىم كۈمۈش يالىتىلغان رېفلېكتور قىستۇرغاندا، يەنە فوتوننىڭ ئۆز ـ ئۆزىگە ئارىلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.ئەگەر بىت فازىسىنى ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇرغاندا، بىر يۆنىلىشتىكى فوتوننى تەتۈر فازىداش ھالەتكە كەلتۈرۈپ ئۆزئارا يېيىشتۈرۈپ، بىر ئېنىق يۆنىلىشتە چىقارغىلى تامامەن بولىدۇ.شۇنداق قىلىپ، ھەر قېتىم ئېنىق بىر نەتىجىگە ئېرىشكەندە، فوتون جەزمەن بىرلا ۋاقىتتا ئىككى يولنى بويلاپ كېلىدۇ.
ئەگەر ئاخىرقى نۇقتىغا يېرىم رېفلېكتور قىستۇرۇلمىسا، فوتون مەلۇم بىر يولنى بويلاپ كېلىدۇ، ئەكسىچە بولغاندا ئۇ بىرلا ۋاقىتتا ئىككى يولدىن ئۆتىدۇ.ئاخىرقى نۇقتىغا يېرىم لىنزا كىرگۈزگەندە فوتون ئەمەلىيەتتە بىرىنچى پارچە رېفلېكتور ئارقىلىق ئاخىرقى نۇقتىغا يېتىپ باراي دېگەندە ئاندىن ئۇنىڭدا قانداق ھادىسىنىڭ يۈز بېرىشى كېرەكلىكىنى بەلگىلىگىلى بولىدۇ.
فوتونلارنىڭ ئىنتېرفېرېنسىيە كېچىكىش تەجرىبىسى فوتونلارنىڭ «ھازىرقى ۋەقەسى» نىڭ فوتونلارنىڭ «بۇرۇنقى ۋەقەسى»نى بەلگىلىيەلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.ماكرو دۇنيادا «ئۆتمۈشتىكى ۋەقە» «ھازىردىكى ۋەقە» نى بەلگىلەيدۇ، مىكرو ياقا دۇنيادا بولسا ھازىردىكى ۋەقە ئۆتمۈشتىكى ۋەقەنى بەلگىلەيدۇ.«ھازىر» بىلەن «ئۆتمۈش» نىڭ پەرقى يوق، ۋاقىتنىڭ سەۋەب ـ نەتىجە قانۇنىيىتى ئۈزۈل ـ كېسىل بۇزۇپ تاشلاندى، ۋاقىتنىڭ ئىسترېلكىسى يۆنىلىشنى تاپالمىغاندەك قىلىدۇ.
ۋاقىت ئەزەلدىن يۆتكىلىپ باقمىغان؟
ۋاقىت ۋە بوشلۇق چېچىلىپ كەتكەنمۇ؟
ۋاقىتنى توڭلىتىش قىيىن مەسىلىسى: فىزىكا ئىلمىدىكى يوچۇق؟
ۋاقىت نېمىشقا بىر كەتسە قايتىپ كەلمەيدۇ؟
مۇتلەق ئورۇن مەۋجۇت ئەمەسمۇ؟
بۈگۈن «ۋاقىتنىڭ ماھىيىتى» نى ئوقۇرمەنلەرگە تەۋسىيە قىلىمىز، بۇ سىرلارنى موشۇ كىتاب دوستلار ئۈچۈن يېشىپ بېرەلەيدۇ.
#bilimdan #bilimzar
No comments:
Post a Comment