Search This Blog

Thursday, November 21, 2019

بۆلەكلەر زەنجىرى بىلەن ۋىكى قامۇسىنىڭ ماھىيەتلىك پەرقى


بۆلەكلەر زەنجىرى بىلەن ۋىكى قامۇسىنىڭ ماھىيەتلىك پەرقى


ھەممىمىزگە مەلۇم دۇنياغا داڭلىق «ۋىكى قامۇسى»، يەنى Wikipedia ناملىق ئىنتېرنت قامۇمىسى 2001-يىلى ئامېرىكىلىق كارخانىچى جىممىي ۋېيلېس تەرىپىدىن قۇرۇلغان. ئۇ ئىنتېرنېت تېخنىكىسى ئاساسىدىكى، ئۇچۇق مەزمۇنلۇق، كۆپ تىللىق ۋە پۈتكۈل يەرشارى خاراكتېرلىك چوڭ قامۇس ياكى ئېنسىكلوپېدىيە، شۇنداقلا دۇنيا بويىچە ھەجىمى ئەڭ چوڭ تور نۇسخىسىدىكى قامۇس، ئۇ دۇنيادىكى كۆپلىگەن دۆلەت تور ئابۇنىتلىرىنى غايەت زور بىلىم ۋە ئۇچۇر بىلەن تەمىن ئېتىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ قەغەز نۇسخىدىكى قامۇس ھېسابلىنىدىغان ئەنگلىيە «بۈيۈك بېرىتانىيە قامۇسى»نىڭ ئىنتېرنېت تور نۇسخىسىدۇر. دۇنيادىكى ھەرقانداق بىلىم ۋە ئۇچۇرنى ئىزدىسىڭىز تېپىلىدۇ. ئۇ خۇددى گۇگول  قاتارلىق زامانىۋى ئىنتېرنېت ئىزدەش ماتۇرلىرىغا ئوخشاش ئىزدەش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. لېكىن پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلمايدۇ. 



بۈگۈن بىز ئۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرما قىلىدىغان تېمىمىز بولسا يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئېتىلما خاراكتېرلىك تەرەققىياتقا ئېرىشكەن «بۆلەكلەر زەنجىرى» (Blockchain) دۇر. «بۆلەكلەر زەنجىرى» دېگەن بۇ ئۇقۇم ئەڭ بۇرۇن ياپونىيە تەۋەلىكىدىكى ئامېرىكىلىق ساتوشى ناكاموتو، يەنى جۇڭبېنسۇڭ تەرىپىدىن 2008-يىلى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قانچە يىلدا مەزكۇر تېخنىكا ئاساسىدا ئېلېكتىرونلۇق مەۋھۇم پۇل ھېسابلىندىغان "بىت تەڭگىسى" (Bitcoin) ۋە ئۇنىڭ يادرولۇق تۈزگۈچى تەركىبى، يەنى بارلىق سودىدىكى شىفىرلاشتۇرۇلغان ئاممىۋى ھېسابات دەپتىرى بارلىققا كەلدى. ئۇنىڭ ئاساسى P2P (نۇقتىدىن نۇقتىغا ياكى ئۇچتىن ئۇچقا بولغان تەپمۇتەك تور ئەندىزىسى) تور تېخنىكا ئەندىزىسى. 

«ۋىكى قامۇسى» دىكى ئېنىقلىمىغا ئاساسلانغاندا، بۆلەكلەر زەنجىرى بولسا "مەركەزسىزلەشتۈرۈلگەن" بىر خىل سانلىق مەلۇمات ئامبىرى بولۇپ، "بۆلەك" (Block) دەپ ئاتىلىدىغان بىر تىزىملىك جەدۋەلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ھەربىر بۆلەك بىر "ۋاقىت مۆھۈرى" (Timestamp) بولۇپ، ئالدىنقى بىر بۆلەك بىلەن ئۇلىنىدىغان بىر تال "زەنجىر" ۋە سودا سانلىق مەلۇماتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك قارا رەڭلىك بۆلەك غول زەنجىرى يېشىل رەڭلىك ئانا بۆلەك بىلەن نۆۋەتتىكى بۆلەكنى ئۆزئارا ئۇلايدۇ، بىنەپشە رەڭلىك مۇستەقىل بۆلەك بولسا غول زەنجىرنىڭ سىرتىدا تۇرىدۇ.


بۆلەكلەر زەنجىرىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ھەر قانداق بىر ئادەم ياكى ئورگان كونترول قىلالمايدۇ ھەم ئۆزگەرتەلمەيدۇ: خاتىرلەنگەن ھامان شۇنىڭدىن باشلاپ ھەر بىر بۆلەكتىكى سانلىق مەلۇمات قايتىلانمايدۇ. بارلىق ئادەم ھېسابات خاتىرلىگۈچى ئورگان ياكى ئاپپارات سۈپىتىدە بۇ خىل تەقسىملەنمە ھېسابات خاتىرلەش شەكلىدىكى بۆلەكلەر ئۇلىنىش زەنجىرىگە قاتناشسا بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۆلەكلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا باغلىنىش يۇقىرى-تۆۋەنلىك ۋاقىت باغلىنىشلىقىغا ئىگە بولىدۇ، كونترول قىلىش، ئۆزگەرتىش ياكى ساختا ھېسابات خاتىرلەش دېگەندەك ئىشلارنىڭ ھېچقايسىسى مۇمكىن بولمايدۇ. دەل شۇنداق بولغاچقا بۆلەكلەر زەنجىرى نىڭ ئىشەنچىلىكلىكى ۋە ئىناۋەت دەرىجىسى ۋاقىتنىڭ سىلجىشى (يەنى زەنجىرنىڭ كۆپىيىشى)غا ئەگىشىپ بارا-بارا ئېشىپ بارىدۇ.

تەقسىملەنمە (تارقالما) توردا ئىجرا بولۇش ۋە ئاۋامنىڭ قاتنىشىشىغا يول قويۇش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بۆلەكلەر زەنجىرى بىلەن ۋىكى قامۇسى ئوخشاپراق كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋىكى قامۇسىدىكى نۇرغۇن سۆزلۈك تىزىمى، مەزمۇن ۋە ئۇچۇرلارنىمۇ ئابۇنىتلار يازغان ياكى تەمىنلىگەن، ھەرگىزمۇ ۋىكى قامۇسىنىڭ خىزمەتچىلىرى مەخسۇس تەييارلىغان ئەمەس ياكى ھېچكىمنىڭمۇ ئۇ ئۇچۇلارنى كونترول قىلىۋېلىش غەرىزى يوق؛ ئابۇنىتلار پەقەت تور بېكەتكە تىزىملىتىپ كىرسىلا ھەر ۋقىت شۇ سۆزلۈكلەر تىزىمىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىغا ھەمدە ئۇلارنىڭ دەرىجىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن نۇسخىسىغا ئېرىشەلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ۋىكى قامۇسى "ئابۇنت-مۇلازىمېتىر" تور ئەندىزىسى شەكلىدە ئىنتېرنېتقا ئۇلانغان.



شۇڭلاشقا ۋىكى قامۇسىنىڭ رەقەملەشكەن تور قۇرۇلمىسى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، بانكا ۋە سۇغۇرتا شىركەتلىرىگە ئوخشاش يۇقىرى دەرىجىدە قوغدىلىپ تۇرىدۇ، مەركەزلەشتۈرۈلگەن سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ئاساسەن ئوخشاش. مەركىزىي سانلىق مەلۇمات ئامبىرى باشقۇرۇلۇپ تۇرىدۇ ۋە دەرىجىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدۇ ھەمدە تور تەھدىتىدىن قوغدىنىش تەدبىرلىرى قوللىنىلغان بولىدۇ، مۇشۇنداق بىر قاتار ئىشلار ھەر ۋاقىت ئېلىپ بېرىلىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ سانلىق مەلۇماتى مەركەزلەشتۈرۈلگەن. يەنى بىر ياكى بىر قانچىلا سانلىق مەلۇمات مەركىزى بار دېگەن گەپ. ئۇلارنىڭ خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراش، سانلىق مەلۇمات يۇقاپ كېتىش ياكى ئۆچۈرۈلۈپ كېتىش خەۋىپى ھەر ۋاقىت بار بولىدۇ. شۇڭا بۇلار يۇقارىقى كارخانا ئورۇنلار ۋە كەسپىي ئورۇنلار دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ مەسىلىدۇر.


ئەمدى بۆلەكلەر زەنجىرىگە كەلسەك، ئۇنىڭ يۇقارىقى ئورۇنلارنىڭ تېخنىكىسى بىلەن ئەڭ چوڭ ئوخشىمايدىغان يېرى دەل مۇشۇنىڭدا. بۆلەكلەر زەنجىرىدە توردىكى ھەربىر تۈگۈن ئەڭ ئاخىرىدا يەتكۈزىدىغان ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بولىدۇ، يەنى ھەربىر قاتناشقۇچى ھېسابات خاتىرلىگۈچى سۈپىتىدە سانلىق مەلۇمات ياكى سودا خاتىرىسىنى مۇستەقىل ھالدا يېڭىلىيالايدۇ ۋە دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ، ئۇنىڭدا ئەڭ قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن خاتىرە (ھېسابات خاتىرىسى ياكى بىت پۇلى ئۇيۇنىدىكى ھەربىر ماتېماتىلىق ھېساب) ئومومنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشسىلا رىقابەتتە ئۇتۇپ چىقىپ، ئەمەلىيەتتىكى "ئورگان" نۇسخىسىدىكى بۆلەك بولالايدۇ، شۇ ئارقىلىق ئەڭ دەسلەپكى ئىپتىدائىي نۇسخىنىڭ ئورنىنى ئالالايدۇ ھەمدە كېيىنكى نۆۋەتلىك ۋاقىت بۆلىكىدىكى ھېسابات خاتىرلەش باسقۇچىغا كىرەلەيدۇ (كېيىنكى ئۆتكەلگە ئۆتەلەيدۇ). ناۋادا بىرەر ھېسابات خاتىرلىگۈچىنىڭ خاتىرىسى يۇقاپ كەتكەن ياكى ئۆچۈپ كەتكەن بولسا، بۇ خاتىرە باشقا ھېسابات خاتىرلىگۈچىلەردە ئوخشاشلا ساقلانغان بولىدۇ. ئەنسىرەش ھاجەتسىز. 
دەل مۇشۇ ئالاھىدىلىكلەر بۆلەكلەر زەنجىرى تېخنىكىسىنى ئىنتايىن زور قىممەتكە ئىگە قىلغان، ئۇ يېڭى بىر خىل ئۇچۇر خاتىرلەش ۋە تارقىتىش شەكلىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك. بۇ ئارقىلىق ئەنئەنىۋى ھالەتتىكى مونوپوللىققا ئىگە ئۈچىنچى تەرەپ (مۇلازىمېتىر ۋە سانلىق مەلۇمات ئامبىرى) كە بولغان ئېھتىياجدىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ.


بۆلەكلەر زەنجىرىنىڭ شۇنچە زور ئالقىشقا ئېرىشىشىدە يەنە مۇنداقمۇ سەۋەب بار، يەنى ئۇ پىرىنسىپ جەھەتتە رەقەم دەۋرىدە كىشىلەرنى تور ئىناۋىتى مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان ئۈنۈملۈك بىر يول بىلەن تەمىن ئەتكەن. مەۋھۇم تور دۇنياسىدا سالاھىيەتنى دەلىلەش، ھوقۇق بېرىش قاتارلىق ئىشلار بىر تەرەپ ياكى كۆپ تەرەپكە بولغان ئىشەنچتىن ئايرىلالمايدۇ ئەلۋەتتە. تور دۇنياسىدا ئىشەنچ-ئىناۋەت ۋە ئۇنى تەھقىقلاش ھەم ھوقۇق بېرىش مەسىلىسى زور بىر مەسىلە ھېسابلىنىدۇ، خۇددى "توختاپ تۇرۇڭە سىز كىمۇ؟ سىز بايا دەۋاتقان سىز شۇمۇ؟" دېگەندەك مەسىلىلەردە ئىشەنچ-ئىناۋەت قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن ئۇنىڭدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. بۆلەكلەر زەنجىرى تېخنىكىسى شىفىرلاشتۇرۇش ۋاستىسىدىن پايدىلىنىپ سالاھىيەت دەلىلەشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ھەمدە سانلىق مەلۇمات ئەۋەتىش ۋە زىيارەت قىلىشتىكى بىخەتەرلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان. 
ئەلۋەتتە، ۋىكى قامۇسى نۇقۇل ھالدىكى بىلىم تارقىتىدىغان تور بېكەت، بۆلەكلەر زەنجىرى ۋە ئۇنىڭ قوللىنىلىشى بولسا يەنىمۇ تېخنىكىلاشتۇرۇلغان ۋە سودىلاشتۇرۇلغان بىر ساھە، شۇڭلاشقا بۆلەكلەر زەنجىرىنىڭ پۈتكۈل جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە يۈرۈشۈش ئەندىزىسىگە بولغان زەربىسى ھەم پايدىسى بەلكىم تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە بولۇشى مۇمكىن. لېكىن بۆلەكلەر زەنجىرى ئىنقىلابى راستىنلا ناھايىتى تېزلا يېتىپ كېلەمدۇ؟ ئۇ ئاللىبۇرۇن يېتىپ كېلىپ بولدى.  ئەمدى ئۆگەنمىسەك، بەك كېيىن قالىمىز، قېنى بىز توختىماي ئۆگەنگەچ،  دەۋر ۋە تېخنىكا يۈزلىنىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگەرگەچ ئۆگىنىشنى باشلايلى.

bilimdan# 
bilimzar#

No comments:

Post a Comment