كوكا-كولا ئاتىسىنىڭ رىۋايەتلىك ھاياتى
ئاسا كاندېلېر كوكا-كولا شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە بىرىنچى نۆۋەتلىك باش لىدىرى. ئۇ سودا سەزگۈرلۈكى ۋە ئاجايىپ جاسارىتى بىلەن ئادەتتىكى بىر ئىچىملىكنى پۈتۈن دۇنيا كىشىلىرى ياخشى كۆرىدىغان ئىچىملىككە ئايلاندۇرۇپ، ئۇنى دۇنيانىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ– پۇچقىقىغىچە تونۇتتى. ئۇ كوكا-كولانى ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ يۇمشاق ئىچىملىك شىركىتىگە ئايلاندۇردى.

ئاسا ئامېرىكا جورجىيە ئىشتاتىدىكى بىر باي ئائىلىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ ئۆيىدە سەككىزىنچى بالا ئىدى. دادىسى ئۇ بىر داڭلىق دوختۇر بولۇشىنى ئۈمىد قىلاتتى، چۈنكى ئەينى چاغدا ئامېرىكىدا دوختۇرلار ئەڭ ھۆرمەتلىنەتتى. ئۇنىڭ دادىسى جورجىيە ئىشتاتىدىكى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان سودىگەر ۋە ئۆي-زېمىن خوجايىنى ئىدى. ئاسانىڭ ئاتا-ئانىسى نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ ناھايىتى تەستە بىر كەسىپنى ياراتقاچقا، ئۇلار پەرزەنتلىرىنى تېخىمۇ قاتتىق تەربىيەلىگەن ئىدى. ھالبۇكى، ئاسا ئاتا- ئانىسى ئۈمىد قىلغاندەك، دوختۇر ياكى داڭلىق تېببىي ئىنستىتۇتنىڭ پروفېسسورى بولماي، بەلكى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان كارخانىچى بولۇپ چىقتى. ئاسا ئوقۇۋاتقان دەۋر دەل ئامېرىكىدىكى ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلى بولغاچقا، ئىچكى ئۇرۇشتىن كېيىن دادىسى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، ئائىلە ئىقتىسادىي ئەھۋالى يامانلىشىشقا باشلىدى، 19 ياشلىق ئاسا قەتئىيلىك بىلەن ئىش تېپىپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلماقچى بولدى. ئۇ ئاۋۋال كاتېرسۋېر بازىرىدىكى كىچىك دورا دۇكىنىدا شاگىرت بولدى، ئىككى يىلدىن كېيىن، شاگىرتلىق ھاياتى ئۇنىڭ بىر دورىگەر بولۇش قارارىنى روياپقا چىقاردى.

راھەت - پاراغەت چەمبىرىكىدىن قېچىپ چىقىش
بىر ئادەمنىڭ بىر خىل كەسىپتە مەڭگۈ چىڭ تۇرۇشىنىڭ ھاجىتى يوق. ئادەمدە پەقەت يېتەرلىك ئىقتىدار، يېتەرلىك ئىشەنچ ۋە ئىرادە بولسىلا باشقا كەسىپتىمۇ ئاجايىپ نەتىجە قازىنالايدۇ. ئاسا ئەينى چاغدا، كاتېرسۋېردىن ئىبارەت بۇ كىچىك بازاردا تۇرۇپ قېلىشنى خالىماي، ئۆزىنىڭ راھەت - پاراغەت چەمبىرىكىدىن قېچىپ چىقىشنى تاللىدى. شاگىرتلىق مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، ئاتلانتاغا بارماقچى بولدى. ئەينى چاغدا ئۇنىڭ يانچۇقىدا ئاران 1.75 دوللارلا بار ئىدى، شۇڭا ئۇ شەھەرنىڭ ھەممە بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىنى كېزىپ ئىش ئىزدەشكە باشلىدى. ئەمما ئۇنى ھېچكىم قوبۇل قىلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئۇ تاكى بىر كوچىدىكى«ئاممىباب دورىخانا» غا كەلگەندە، دورىخانا خوجايىنى چارچاپ ھالىدىن كەتكەن بۇ يىگىتكە قاراپ، ئۇنى سىناق ئىشلىتىپ بېقىشقا ماقۇل بولدى. دورىخانىدىكى خىزمەت ئالدىراش ھەم جاپالىق بولۇپ، ئۇ ئۆز تىرىشچانلىقى ئاساسىدا دورىخانىنىڭ رەسمىي خىزمەتچىسى بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خوجايىننىڭ قىزى لۇسى بىلەن تۇنۇشتى. ئەمما ئۇنىڭ لۇسى بىلەن تۇنۇشىشى خوجايىننىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى، چۈنكى ئۇ چاغدا ئۇ پەقەت بىر ياللانما خادىم، يەنە تېخى نامرات بولغاچقا، باي ئائىلىنىڭ قىزى قىزى بىلەن ئىسسىق ئۆتۈشۈپ قالسا بولمايتتى. ئەمما ئاسا بۇنىڭغا ھەرگىزمۇ تىز پۈكمىدى، بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن، يەنە بىرتەرەپتىن ئۆزىنىڭ مۇھەببىتى ئۈچۈن ئىگىلىك تىكلەشنى قارار قىلدى. ئۇ گەرچە ھېچقانداق كىتاب ئوقۇمىغان بولسىمۇ، لېكىن سودىغا قاتتىق ئېپى بار ئىدى.

كوكا كولانىڭ خوجايىنىغا ئايلىنىش
1886-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئامېرىكا ئاتلانتادىكى بىر تەجرىبىخانىدا، دورىگەر پېمبېرتون بىر خىل شېكەر قىيامى ياساپ چىقتى، ئۇ ياردەمچىسى بىلەن بۇ خىل قىيامغا كوكاكولا (Coca cola) دەپ نام قويدى. ھەمدە دەسلەپتە بىر خىل ئىچىدىغان دورا سۈپىتىدە دورىخانىدا سېتىلىشقا باشلىدى.
كوكا-كولانىڭ قۇرغۇچىسى دورىگەر پېمبېرتون
1888-يىلى، كىچىكىدە ئاسانىڭ تۇيۇقسىز باش ئاغرىق كېسلى قوزغىلىپ، دوستلىرى ئۇنى كوكا-كولانى سىناپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلدى. ئۇ كوكا – كولانى ئىچىپ باش ئاغرىقى دەرۋەقە يېنىكلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئاسانىڭ كوكا كولاغا بولغان قىزىقىشى قوزغالدى. ئۇ پېمبېرتوننىڭ تىجارەت قىلىشقا ماھىر ئەمەسلىكىنى بايقاپ ئۇنىڭغا پاي قوشۇشنى قارار قىلدى. ئويلىمىغان يەردىن ئاسا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 2300 دوللار سەرپ قىلىپ، كوكا كولانىڭ بارلىق پاي ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، كوكا كولانىڭ خوجايىنىغا ئايلاندى. 1891-يىلى كۈزدە، ئاسا ئۆزىنىڭ كوكاكولا شىركىتىنى ئاتلانتادىكى دېكېت كوچىسى 42-نومۇرلۇق بىناغا كۆچۈردى. بۇچاغدا شىركەت ئىگىلىك تىكلەش باسقۇچىدا بولۇپ، ئادەم ئىنتايىن ئاز ئىدى. شۇڭا ئاسا ئۆزىنىڭ جەمەت ئەزالىرىنى خىزمەتكە قۇبۇل قىلدى. كېيىن بارا – بارا كوكا – كولا ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە، خادىملار سەرخىللىشىپ، ئىش تەقسىماتى ئېنىق، خىزمەت ئۈنۈمى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىگە يەتتى.
«كوكا-كولا پادىشاھلىقى» نى بەرپا قىلىش
ئاسا كوكا كولانىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشنى كۈچەيتتى. بىراق ئۇ ناھايىتى تېزلا ئەگەر بۇ ئىچىملىكنى پەقەت «دورىلىق ئىچىملىك» سۈپىتىدە ساتقاندا، مەھسۇلات «بىمارلار توپى» بىلەنلا چەكلىنىپ قالىدىغانلىقىنى ھېس قىلدى ھەمدە سېتىشنى تېزلىتىش، تەشۋىقات مەزمۇنى ئۆزگەرتىش، ئاممىۋى يۇمشاق ئىچىملىككە ئايلاندۇرۇشنى ئويلىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ كوكا -كولا دورىلىق ئىچىملىكتىن كىشىلەرگە تونۇشلۇق بولغان «روھلاندۇرۇش» ئىچىملىكىگە ئايلاندى. ئۇ ئىگىلىك تىكلەش مەزگىلىدە خېرىدارلارنىڭ غېمىنى يەيدىغان سودا ئېڭى ۋە قىلچە بىخەستەلىك قىلمايدىغان ئېسىل پەزىلەت يىتىشتۈرگەن بولۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەرقانداق سودىنى قولدىن بېرىپ قويمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ خېرىدارلارنى ئۇتۇۋېلىپ، كوكا كولانىڭ سودىسىنى روناق تاپقۇزۇپ، بارغانسېرى زورىيىشقا باشلىدى. ئاسانىڭ: «كوكا – كولانىڭ بۈگۈنكى زىيىنى، ئەتە مەڭگۈ تولۇقلانمايدۇ» دېگەن ھېكمەتلىك سۆز بار. شۇڭا ئۇ ئىنچىكە نۇقتىلاردىن قول سېلىپ، ئەستايىدىللىق بىلەن ھەر بىر سودىنى پۈتتۈردى ھەمدە سودىنى ياخشى قىلىشقا تىرىشتى، بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن خېرىدارلار ئۇنىڭدىن يېتەرلىك ئىززەت تېپىپ، ئۇنىڭدىن ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ھېس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ خېرىدارى بارغانسېرى كۆپىيىپ، سودىسىمۇ زورايدى. ئەمما شانلىق نەتىجە ئىچىدە كوكا كولا نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلارغا ئۇچرىدى، كوكا كولانىڭ زور مۇۋەپپەقىيىتى ئالدىدا، شۇ چاغدا بازاردا نۇرغۇن ساختا مەھسۇلاتلار پەيدا بولۇشقا باشلىدى، شۇڭا كوكا – كولا شىركەتنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداشنى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە قىلدى. 1905- يىلى ئامېرىكا «تاۋار ماركىسى قانۇنى» ئەمدىلا يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ شىركىتىگە كوكا كولا ماركىسىنى ئەنگە ئالدۇرۇپ، قانۇن قورالىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدىدى.
« ئەپسوسلىنارلىق» بىلەن ئاياغلاشقان ھايات
1903-يىلى، بىر خىمىيە ئالىمى كوكا كولا تەركىبىدىن چەكلەنگەن بويۇم - كوكايىن تەركىبىنى تەكشۈرۈپ چىقتى، شۇنىڭ بىلەن فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى ئۇنى ئەرز قىلىپ ئاسا دەۋادا يېڭىلىپ قالدى. ئەمەلىيەتتە ئەينى چاغدىكى ئەھۋالدا كىشىلەر كوكايىننى بىر خىل دورا دەپ قاراپ، ئۇنىڭ زەھەرلىك ماددا ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى، كېيىن ئاسا ئىچىملىكنىڭ تەركىبىدىن كوكائىننى ئايرىۋېىپ داۋاملىق مەھسۇلات ئىشلىدى. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي، 1906-يىلى ئاسا يەنە ئەيىبلەندى، چۈنكى يېڭىدىن تەيىنلەنگەن دورا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بۇ چوڭ بېلىققا قايتا تور تاشلىماقچى بولغان ئىدى. شۇنداق قىلىپ بۇ دەۋا سەككىز يىل داۋاملاشتى، دەۋاغا 250 مىڭ دوللار سەرپ بولغان بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئاسا دەۋادا يەڭگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئاللىقاچان ھېرىپ ھالىدىن كەتكەن ئىدى. شۇڭا ئۇ سودىدىن چېكىنىپ چىقىپ، ئاخىرقى ئۆمرىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى. 1919-يىلى، ئاساغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەڭ بەختسىز يىل بولدى، چۈنكى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئايالى لۇسى راك كېسىلى بىلەن ئىككى يىلغا سوزۇلغان كۈرەشتىن كېيىن ئۇنىڭدىن مەڭگۈلۈك خوشلاشتى. ئايالىنىڭ ئازابىدا ئاسا ساقسىز بولۇپ، شۇ يىلى يازدا كوكا كولانى باشقىلارغا سېتىۋەتمەكچى بولدى. پايچىكلارنىڭ قارارىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى مەڭزىنى بويلاپ ئېقىپ چۈشتى. ئۇ يېىشنى سۈرتكەچ: «مەن ئەتە خۇددى بۇرۇنقى ئىشسىز ھالىتىم بىلەن ئاتلانتا كوچىسىنى يەنە ئايلىنىمەن» دېدى. ئاسا ئايالى لۇسى ۋە كوكاكولا شىركىتىدىن ئىبارەت ئىككى مەنىۋى تۈۋرۈكىدىن ئايرىلىپ قالدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئۇنىڭ سالامەتلىكى قايتا ياخشىلىنالماي 1929-يىلى 3-ئايدا، 77 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
No comments:
Post a Comment