Search This Blog

Sunday, November 24, 2019

يىڭناغۇچنىڭ 28000 دانە كۆزى بار


يىڭناغۇچنىڭ 28000 دانە كۆزى بار


ھاشاراتلارنىڭ باش قىسمىدا ئادەتتە بىر جۈپ مۇرەككەپ كۆز بولىدۇ، بەزىدە يەنە ئۈچ تاق كۆز بولىدۇ. ئۇلار ئاساسلىق كۆرۈش سەزگۈ ئەزاسى بولۇپ، ھاشاراتلارنىڭ ئوزۇقلىنىش، ئۆسۈش، كۆپىيىش قاتارلىق پائالىيەتلىرىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. ھاشاراتلارنىڭ مۇرەككەپ كۆزى ئالتە بۇلۇڭلۇق كىچىك كۆزدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، مۇرەككەپ كۆزنىڭ ھەجىمى قانچە چوڭ بولسا، كىچىك كۆزنىڭ سانى شۇنچە كۆپ بولىدۇ، ئۇلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ؛ ئەكسىچە مۇرەككەپ كۆزنىڭ ھەجىمى قانچە كىچىك بولسا، كۆرۈش قۇۋۋىتى شۇنچە ئاجىز بولىدۇ.

يىڭناغۇچ
بارلىق ھاشاراتلار ئىچىدە يىڭناغۇچنىڭ مۇرەككەپ كۆزى ئەڭ چوڭ بولۇپ، ئۇلارنىڭ باش قىسمىنىڭ ئىككى تەرىپىگە پولتىيىپ چىققان بولىدۇ، باش قىسمىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ، ئۇ 28 مىڭ دانە كىچىك كۆزدىن تەركىب تاپىدۇ. يىڭناغۇچنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئۇچۇش جەريانىدا كىچىك ھاشاراتلارنى تۇتالايدۇ. كېپىنەكنىڭ مۇرەككەپ كۆزى يىڭناغۇچتىن كىچىك بولۇپ، 1200 ~ 1700 گىچە بولغان كىچىك كۆزدىن تەركىب تاپىدۇ؛ سۇ قوڭغۇزىنىڭ مۇرەككەپ كۆزى 9000 دانە كىچىك كۆزدىن تەركىب تاپىدۇ؛ قاسراقلىق چىۋىننىڭ مۇرەككەپ كۆزىدە 4000 دانە كىچىك كۆز بار.
يىڭناغۇچ ناھايىتى تېز ئۇچىدۇ، بەزىدە ئۇچۇش سۈرئىتى 100 كىلومېتىرغا يېتىدۇ، ئەمما ئۇ بوشلۇقتا قىسقا ۋاقىت مىدىرلىماي تۇرالايدۇ. ئۇ ئۇچقاندا يۆنىلىشنى جانلىق ئۆزگەرتەلمەيدۇ، بەدەننى مۇقىملاشتۇرۇپ ئاندىن بۇرىلالايدۇ. ئارام ئالغاندا قانىتى يەنىلا سىرتقا سوزۇلىدۇ، يەنى قانىتىنى قاتلىيالمايدۇ، شۇڭا قونىدىغان جايى چوقۇم كەڭرى بولۇشى كېرەك، ئۇلار كۆپىنچە شاخ ئۇچى ياكى يوپۇرماقنىڭ ئۇچىغا قونىدۇ.
يىڭناغۇچنىڭ جۈپلىشىشىمۇ ئۇچۇش جەريانىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەركەك يىڭناغۇچ قورساق قىسمىنىڭ ئاخىرىقى ئۇچىدىكى ئىلمەكسىمان نەرسە بىلەن چىشى يىڭناغۇچنىڭ بوينىنى چىڭ تۇتۇۋالىدۇ، چىشى يىڭناغۇچنىڭ قورساق قىسمىنى تۆۋەندىن ئالدىغا ئېگىپ، كۆپىيىش ئەزاسىنى ئەركەك يىڭناغۇچنىڭ قورساق قىسمىنىڭ 2-بوغۇمى ئاستىدىكى ئىسپېرما ساقلايدىغان ئەزاسىغا تەڭلەيدۇ، ئارقىدىن ئەركەك يىڭناغۇچ چىشى يىڭناغۇچنى ئۇرۇقلاندۇرىدۇ. چىشى يىڭناغۇچ سۇغا تۇخۇملايدۇ، كۆپىنچىسى ئۇچقاندا قۇيرۇق قىسمىنى سۇ يۈزىگە تەگكۈزۈپ تۇخۇملايدۇ. بىزگە دائىم ئۇچرايدىغان «يىڭناغۇچنىڭ سۇنى چېكىشى» ئەمەلىيەتتە سۇغا تۇخۇملىغانلىقىدۇر.

#بىلىمدان
#بىلىمزار

No comments:

Post a Comment