سۈنئىي ئىدراك قاچان،قەيەردە چاقماق چاقىدىغانلىقىنى بىلەلەيدۇ ؟
تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، چاقماقنىڭ ئەجەللىك ۋە بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىنى كۆزدە تۇتقاندا ئۇنىڭ قاچان، قەيەردە يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئالدىن بىلىش بولسا ئۇنىڭ تەسىرىنى ۋە زىيىنىنى ئازايتىشقا پايدىلىق ئىكەن.بىر يېڭى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئاساسىدىكى سىستېمىنىڭ بەلكىم بۇنىڭغا ياردىمى بولۇشى مۇمكىن، پەقەت ئۆلچەملىك مېتېئورولوگىيە پونكىتى سانلىق مەلۇماتىدىن پايدىلانساقلا بۇ مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ.
بۇ سىستېمىنى شىۋېيتسارىيە لائۇسان فېدېراتسىيە تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئىنستىتۇتى EPFL
تەتقىقات ئورنىنىڭ ئېلېكتىر ماگنىت ماسلىشىشچانلىق تەجرىبىخانىسىنىڭ كوللېكتىپى ئاچقان بولۇپ، سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىكى تۆت ئاساسىي ھاۋارايى پارامېتىرى ( ئاتموسفېرا بېسىمى، تېمپېراتۇرا، نىسپىي نەملىك ۋە شامال سۈرئىتى) نى ئىشلىتىپ سان ئوقۇش ئارقىلىق
AI
ھېسابلاش ئۇسۇلىغا قارىتا مەشىق ئېلىپ بارغۇزغان.
بۇ سانلارنى ئۆتكەن ئون يىلدا شەھەر ۋە تاغلىق رايوندىكى 12 دانە شىۋىتسارىيە مېتېئورولوگىيە پونكىتى يىغقان بولۇپ، چاقماق تەكشۈرۈش ۋە ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسىدىكى خاتىرىلەر بىلەن كىرىشتۈرۈپ نەقىل كەلتۈرۈلگەن.بۇ
AI
ھېسابلاش ئۇسۇلىنى بېرىلگەن رايوندىكى قايسى ھاۋارايى ئەھۋالىنىڭ چاقماق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇنىڭدىن پەيدا بولغان كومپيۇتېر سىستېمىسى مۇددەتتىن 10 مىنۇتتىن 30 مىنۇتقىچە ئالدىن مۆلچەرلەش ۋە رادىئۇسى 30 كىلومېتىر ( 19 ئىنگلىز مىلى ) رايون ئىچىدە قاچان، قەيەردە چاقماق چاقىدىغانلىقىنى ئالدىن مۆلچەرلىيەلەيدىكەن، توغرىلىق نىسبىتى 80% كە يېتىدىكەن.
تېخنىكىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، توغرىلىق دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.
دوكتور
Amirhossein Mostajabi
مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتىكى سىستېمىنىڭ ئايلىنىشى ئاستا ھەم ئىنتايىن مۇرەككەپ، ئۇلار رادار ياكى سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق باھاسى قىممەت بولغان تاشقى سانلىق مەلۇماتلارغا ئېرىشىشى كېرەك. بىزنىڭ ئۇسۇلىمىز ھەر قانداق مېتېئورولوگىيە پونكىتىدىن ئېرىشكەن سانلىق مەلۇماتلارنى ئىشلىتىش. بۇ بىزنىڭ رادار ۋە سۈنئىي ھەمراھ دائىرىسىنىڭ سىرتىدىكى ھەم ئالاقە تورىنى ئىشلەتكىلى بولمايدىغان چەت رايونلارنى قاپلىيالايدىغانلىقىمىزدىن دېرەك بېرىدۇ.
مەزكۇر تەتقىقاتقا مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي ماقالە يېقىندا
《Climate and Atmospheric Science》
ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان.
#بىلىمدان
بىلىمزار#
No comments:
Post a Comment