Search This Blog

Sunday, November 24, 2019

يانفوننىڭ «*» ۋە «#» كۇنۇپكىلىرى نېمە قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ

يانفوننىڭ «*» ۋە «#» كۇنۇپكىلىرى نېمە قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ

سىز بايقىدىڭىزمىكىن، دائىم تېلېفون ئۇرغاندا ئېنىقلا 9-0 ئارلىقىدىكى سانلارنى ئىشلىتىمىز، ئۇنداقتا نومۇر بېسىش تاختىسىدىكى ساندىن باشقا «*» ۋە «#» كۇنۇپكىلىرى زادى نېمىگە ئىشلىتىلىدۇ؟

ھازىرقى يانفونلاردا مەيلى مۇقىم تېلېفون ياكى يانفون بولسۇن ھەممىسىدىلا * ۋە #دىن ئىبارەت ئىككى كۇنۇپكا بولىدۇ. ۋاقىتنى يەنە بىر ئاز ئالدىغا سۈرسەك، ئىلگىرىكى كىنو تېلېۋىزىيەلەردە پات-پات ئۇچراپ قالىدىغان كونا پاسوندىكى تېلېفونلارنىڭ نومۇر بۇراش تاختىسىدىكىنىڭ ھەممىسىنىڭلا سان ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.


ئۇنداقتا مەسىلە پەيدا بولدى، 9-0گىچە ئارلىقتىكى ساننىڭ ئۆزىلا ئىشلىتىشكە يېتىدىغان تۇرسا، يەنە ئوشۇق ئىككى كۇنۇپكا قوشۇۋېلىش سەل ئارتۇقچىمۇ قانداق؟
بۇ ئىككى كۇنۇپكىنىڭ بارلىققا كېلىش تارىخىنى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن سۈرۈشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. بېل تەجرىبىخانىسى تېلېفون بىلەن كومپىيۇتېرنى ئۆزئارا ئۇلاشنى تەتقىق قىلغاندا 9-0 گىچە بولغان 10 دانە ساننى xنى xكە كۆپەيتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق تىزغاندا ھەرقانچە قىلىپمۇ مۇكەممەلىك ھاسىل قىلالمىغان، 3×3 بويىچە تىزسا بىرسى ئېشىپ قالىدۇ، 3×4 بويىچە تىزسا ئىككىسى كەم چىقىدۇ.

بىر سان كەم بولسا ئەلۋەتتە بولمايدۇ، شۇڭا ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا 3×4 شەكلى بويىچە تىزىپ ئارتۇق چىققان ئىككى ئورۇنغا * ۋە #نى ئورۇنلاشتۇرغان.


ئۇنداقتا بۇ ئىككى كۇنۇپكا زادى نېمىگە ئىشلىتىلىدۇ؟
ئەمەلىيەتتە دەسلەپتە لايىھەلىنىپ چىققاندا، لايىھەلىگۈچىمۇ نېمىگە ئىشلىتىشنى بىلمىگەن، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئارتۇق ئىككى كۇنۇپكا كەلگۈسىدە تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئۈچۈن قالدۇرۇلغان.

كېيىنكى رىئاللىق بۇ ئىككى كۇنۇپكىنىڭ ئىنتايىن چوڭ رولى بارلىقىنى ئىسپاتلىدى، مەسىلەن 90-يىللاردا يانفون تېخى كەڭ ئومۇملىشىپ كەتمىگەن ۋاقىتلاردا، تېلېفون ئۇرۇشتا كۆپىنچە IP قوللايدىغان ئاممىۋى تېلېفون ئىشلىتىلەتتى، بۇ ۋاقىتتىكى مەشغۇلاتنىڭ تۇنجى قەدىمىدە # كۇنۇپكىسىنىڭ توختىتىش ياكى يۆتكەش رولى بار ئىدى.

كېيىن مۇقىم تېلېفوننىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ تېلېفون ئاساسىي جەھەتتىن ھەممە ئائىلىلەردە بار بولدى. مۇقىم تېلېفونلاردا تېلېفون ئۇرۇشتىن باشقا يەنە بەزى قوشۇمچە ئىقتىدارلارمۇ بار بولدى، مەسىلەن قوڭغۇراقلىق سائەت، قايتۇرۇپ ئۇرۇش قاتارلىق. بۇ ئىقتىدارلارنى يۇقارقى ئىككى كۇنۇپكا ئارقىلىق ئىشلەتكىلى بولاتتى.

كېيىن يانفوننىڭ ئومۇملىشىشى بىلەن بۇ ئىككى كۇنۇپكىنىڭ رولىمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى. مەسلەن ئەينى ۋاقىتلاردىكى نوكىيا يانفونلىرىدا ئېكران قۇلۇپىنى يېشىش ئۈچۈن يەنىلا * ۋە #دىن ئىبارەت ئىككى «ئارتۇق» كۇنۇپكا ئىشلىتىلدى.

ھازىرغا كەلگەندە ئەقلىيفونلاردىكى بەزى ئىقتىدارلاردىمۇ يەنىلا بۇ ئىككى كۇنۇپكا ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. مەسلەن يانفوننىڭ IMEI نومۇرىنى تەكشۈرۈش، بەلكىم بۇنى ھەممەيلەن بىلىدىغۇ دەيمەن: «#06#*».

ئەلۋەتتە، بۇندىن كېيىن بۇ ئىككى كۇنۇپكىنىڭ ئىشلىتىلىش رولى بارغانسېرى كۆپىيىدۇ، پاراڭلىشىش جەريانىدىكى رولى بولسا ئېھتىمال يۆتكەپ ئۇلاش، مەسلەن كۆچمە خەۋەرلىشىش ياكى بانكىغا تېلېفون ئۇرغاندا دائىم دېگۈدەك «مەخپىي نومۇرنى كىرگۈزۈڭ ۋە # كۇنۇپكىسىنى بېسىپ ئاخىرلاشتۇرۇڭ!» دېگەن بۇيرۇقلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. ۋە ياكى كارخانا ئورۇنلاردىكى تېلېفۇنلاردا يەنىلا مۇشۇ ئىككى كۇنۇپكا ئارقىلىق پاراڭلىشىش لىنىيىسىنى ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق تېلېفونغا يۆتكىگىلى بولىدۇ.

#بىلىمدان    #بىلىمزار 

No comments:

Post a Comment