دۇنيادا قايسى دۆلەتلەردە ھازىرغىچە پادىشاھ بار
خان جەمەتى پادىشاھلىق تۈزۈمدىكى دۆلەتلەردە خانلىق ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ دۆلەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان جەمەت گۇرۇھىنى كۆرسىتىدۇ. ھازىر پۈتۈن دۇنيادا خان جەمەتىدىن جەمئىي 26سى بار بولۇپ، كۆپ قىسمى ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا تارقالغان.
ئاسىيادا 11: ياپونىيە خان جەمەتى، تايلاند چاكرى خان جەمەتى، مالايسىيا نىن خان جەمەتى، كامبودژا سىخانۇك خان جەمەتى، برۇنېي بولكىياھ خان جەمەتى، بۇتان ۋاڭچۇك خان جەمەتى، ئىئوردانىيە ھاشىم خان جەمەتى، قاتار ئەلسانى خان جەمەتى، كۇۋەيت ئەل ساباھ خان جەمەتى، ئومان بۇسەئىد خان جەمەتى، سەئۇدى ئەرەبىستانى سەئۇدى خان جەمەتى.
ياۋروپادا 10: بۈيۈك برىتانىيە ۋە شىمالىي ئېرلاندىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقى (ئەنگلىيە) ۋىندسور خان جەمەتى، گوللاندىيە ئورونگى-ناسسائو خان جەمەتى، بېلگىيە ۋېتتىن خان جەمەتى، ليۇكسېمبۇرگ ناسسائۇ ۋېلبۇرگ خان جەمەتى، ئىسپانىيە بوربون خان جەمەتى، لېچتېنستېين لېچتېنستېين خان جەمەتى، موناكو گرىمالدى خان جەمەتى، شۋېتسىيە بېرنادوت خان جەمەتى.
ئافرىقىدا 3: ماراكەش ئالاۋى خان جەمەتى، لېسوتو موشېش خان جەمەتى، سۋازىلاند دلامىنى خان جەمتى.
ئوكيانىيەدە: تونگا تۇپو خان جەمەتى.
بۇلارنىڭ ئىچىدە قولىدا ئەمەلىي ھوقۇقى بارلاردىن سەئۇدى ئەرەبىستانى، كۇۋەيت، ئومان، تونگا، لېسوتو، برۇنېي قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ خان جەمەتىدىكىلەر بار. تايلاند خان جەمەتى ئۇزاقتىن بۇيان مۇقىم ھۆكۈمرانلىق قىلغاچقا، يىللاردىن بېرى نۇرغۇن بايلىق توپلاپ، دۇنيادىكى ئەڭ باي خان جەمەتىگە ئايلانغان.
No comments:
Post a Comment