Search This Blog

Friday, November 1, 2019

قارتتىكى (كورت) شەخسلەرنى تونۇمسىز؟

قارتتىكى شەخسلەرنى تونۇمسىز؟

تاپان كارۋۇل
فرانسىيە پادىشاھى لۇئىس14، (1643—1715 يىلغىچە 72 يىل ھوقۇق تۇتقان)، ئۆزىنى «قۇياش ئىلاھى» دەپ ئاتىغان. ھوقۇقنى ئۆز چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغان، ياۋروپا پادىشاھلىق مۇستەبىت تۈزۈمىنىڭ تىپىك ۋەكىلى دەپ قارىلىدۇ .

قاغا كارۋۇل
مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ پادىشاھى (قوشۇمچە ئاۋسترىيە پادىشاھى) لېئوپورد1، (1658-1705 يىللىرى ھوقۇق تۇتقان). تۈركىيە تاجاۋۇزچىلىرىنى چېكىندۈرۈپ، ئاۋسترىيەنىڭ باش ھۆكۈمرانى بولغان. تىياتىر ۋە سەھنە كىيىمى كىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ.

غىچ كارۋۇل
ئورۇنج شاھزادىسى، ۋېليام 3، ( 1672-يىللىرى گوللاندىيەدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن، 1689-1702 يىللىرى ئەنگلىيەدە پادىشاھ بولغان، قوشۇمچە گوللاندىيەدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن) . ئەسلىدە گوللاندىيەدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن، 1688-يىل ئەنگلىيە ئوردىسىدا سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەندە قېينىئاتىسى جامۇس 2 نى تەختتىن چۈشۈرۈپ ئۆزى تەختكە چىقىپ، ئايالى مارىيە 2 بىلەن بىللە ئەنگلىيە پادىشاھى بولغان

چىللىك كارۋۇل
شۋېتسىيە پادىشاھى گۇستاف 2 ( 1611 - 1632 ) . پروتېستانت دىنىغا ئىخلاس بىلەن ئېتىقاد قىلاتتى، «قوراللىق كېڭەيمىچىلىك» نى تەشەببۇس قىلغان . 30 يىللىق ئۇرۇشتا ھەيۋىسىنى كۆرسىتىپ، «شىمالدىكى ئەركەك شىر» دەپ ئاتالغان، 1632-يىلى ئۇرۇشتا ئۆلگەن.

تاپان ماتكا 
لۇئىس 14 نىڭ خانىشى. ئەخلاق جەھەتتىن تەربىيىلىنىشنى تەشەببۇس قىلىپ، راھەت-پاراغەتكە بېرىلىپ، چىرىكلىشىشنى ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلغان.

غىچ ماتكا
ئاۋسترىيە لېئوپورد1 نىڭ خانىشى. ئەسلىدە گېرمانىيە مەلىكىسى. ئۇنى ئەمرىگە ئېلىش ئەينى ۋاقىتتا گېرمانىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى توسۇش ئۈچۈن ئىدى.


قاغا ماتكا
ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى مارىيە 2 ( 1689-1694 يىللىرى ھوقۇق تۇتقان). ئېرى ۋېليام 3 بىلەن بىرلىكتە ھوقۇق تۇتقان. پارلامېنت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىناق ئىدى. 


چىللىك ماتكا

شۋېتسىيە ئايال پادىشاھى كرىستىنا (1632-1654 يىللىرى ھوقۇق تۇتقان) . پەلسەپىنى تەتقىق قىلغان، ئارمىيەگە قوماندانلىق قىلغان، ياۋروپادىكى ئەڭ ئەقىللىق، گۈزەل ئايال پادىشاھلارنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ. 1654-يىلى تۇيۇقسىز تەختتىن چۈشۈپ، رىمغا بېرىپ كاتولىك مۇخلىسى بولغان.

تاپان لىتكا
لۇئىس 14 نىڭ شاھزادىسى كانت. ھەربىي ئىقتىدارى بار.

قاغا لىتكا
چېخ ئاقسۆڭىكى ۋالېنستان. كاتولىك دىنى مۇخلىسلىرى قوشۇنىنى باشلاپ كۆپ قېتىم پروتېستانت دىنى قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغان. كېيىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن.


غىچ لىتكا
كرومۋېل. پۇرىتانلارنى باشلاپ چارلىزⅠنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. 1649-1658 يىللىرى «دۆلەتنى قوغدىغۇچى» بولۇپ  ئەنگلىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان.


چىللك لىتكا
Bohemia پادىشاھى فرېدرىك، 30 يىل جەڭ قىلىپ ئاندىن پادىشاھ بولغان.




يۇقىرىقىلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تاپان فرانسىيىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ؛ قاغا گېرمانىيەگە ۋەكىللىك قىلىدۇ (تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاۋسترىيە بىلەن چېخنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)؛  غىچ  ئەنگلىيەگە ۋەكىللىك قىلىدۇ؛ چىللىك باشقا بىر قىسىم دۆلەتلەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
K  بىلەن Q ئەر-خوتۇن (پادىشاھ بىلەن خانىش) بولۇپ، پەقەت چىللىك K بىلەن Q ئوتتۇرىسىدا ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋەت بار.
J نىڭ تەركىبى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ، شاھزادە، ئاقسۆڭەك، ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى ۋە ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىنمىغان پادىشاھلار بار.

bilimdan#   #bilimzar 

No comments:

Post a Comment