ئەنگلىيەلىك بىر ماتېماتىك ئىنسانلارنى 64 يىلدىن بۇيان قايمۇقتۇرۇپ كېلىۋاتقان بىر ماتېماتىكىلىق مەسىلىنى يېشىپ چىقارغان. يەنى 33نى ئۈچ دانە كۇب ساننىڭ يىغىندىسى بىلەن ئىپادىلەش. يېقىندا بىرۇستوئۇنۋىرسىتىتىنىڭ پىروفىسسورى ئاندرۇ بوكېر بىر خىل ھېسابلاش ئۇسۇلى كەشپ قىلىپ، x^3 + y^3 + z^3 = k دېگەن يېشىمنى ئىزدىدى. بۇ ھېسابلاش 10^16نىڭ قىممىتىگە يېقىنلىشىدىكەن. گەرچە بۇ قارىماققا ئاساندەك كۆرۈنسىمۇ ئەمما ئۇزۇن مۇددەت ماتېماتىكا نەزەرىيە قىيىن مىسالى بولۇپ قالغان. بۇ مىسال 1955-يىلىدىن باشلانغان، ئۈچىنچى ئەسىردە بۇ مىسالنى گىرىتسىيەلىك مۇتەپەككۇر ئويلىنىپ باققان بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، يېىشىمى : x^3 + y^3 + z^3 = k
بۇ دىفانتوس تەڭلىمىسىنىڭ بىر مىسالى. دىفانتوس تەڭلىمسى مىسىرنىڭ قەدىمكى ماتېماتىكى دىفانتوس 1800 يىل بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار نامەلۇم ئۆزگىرىشچان مىقدارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەڭلىمە. سىز بىردىن تارتىپ چەكسىز چوڭلۇقتىكى بىر ساننى تاللاپ ئۇنى k قىممەت دەپ، x،y،z ئۈچىنىڭ قىممىتىگە جەڭ ئېلان قىلىمىز. بۇ ئۈچىنىڭ كۇبىنىڭ يىغىندىسى x،y،z،kنىڭ قىممىتىگە تەڭ كەلگەندە مەنپىي سان بولسىمۇ، مۇسبەت سان بولسىمۇ بولىدۇ.
بوكېرنىڭ ئېيتىشىچە شۇ چاغدا بۇ تەڭلىمىنىڭ يېشىمىنى تاپقاندا خۇشاللىقتىن سەكرەپ كەتكەن، ئايالى بولسا ھېچنېمىنى چۈشەنمەي گاڭگىراپ قالغان ئىكەن. بوكېرنىڭ تەڭلمىسىگە ئاساسلىنىپ ئالىملار تەڭلىمىدىكى قىممەتنىڭ 99 تىرىليارددىن چوڭ بولىدىغانلىقىنى بىلدى.
#بىلىمدان
#بىلىمزار
No comments:
Post a Comment