Search This Blog

Friday, November 1, 2019

ماتېماتىكىلىق تەپەككۇر ماتېماتىكىلىق ھېسابلاشتىنمۇ مۇھىم

ئالەمدىكى شەيئىلەر ناھايىتى ئاددىي، بارلىق مەسىلىلەرنى ماتېماتىكىلىق فورمۇلا ئارقىلىق ئىپادىلەشكە بولىدۇ، بۇ قوللىنىشچان ماتېماتىكا ئالىملىرىنىڭ بىر ئېتىقادى.


ماتېماتىكىنىڭ ئىسپاتلىنىشى پۇختا لوگىكىلىق ئەقلىي يەكۈنگە تايىنىدۇ، ئىسپاتلانغان ھامان مەڭگۈ توغرا بولىدۇ، شۇڭا، ماتېماتىكىلىق ئىسپات مۇتلەق بولىدۇ. ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىلىم-پەننىڭ ئىسپاتلىنىشى كۆزىتىشكە، تەجرىبە سانلىق مەلۇماتلىرىغا ۋە چۈشىنىش كۈچىگە تايىنىدۇ، ئىلىم-پەن نەزەرىيەسىنىڭ ئىسپاتى ماتېماتىكىلىق تېئورىمىنىڭ ئىسپاتى ئىگە بولغان مۇتلەق دەرىجىگە يېتىشى قىيىن، پەقەت ھەقىقەتكە يېقىنلاشقان ئۇقۇمنىلا ئوتتۇرىغا قويالايدۇ. خاتا بولسا ئاغدۇرۇۋېتىلىپ، تېخىمۇ توغرا قايتا بىر نەزەرىيە ئوتتۇرىغا قويىلىدۇ. بۇ ئىلم-پەننىڭ تۈپ روھىي. شۇڭا، تەپەككۇرى پۇختا ماتېماتىكلارنىڭ نەزىرىدە، فىزىكا، خىمىيە، بىئولوگىيە، ئاسترونومىيە قاتارلىق تەبىئىي پەنلەرنىڭ ھەممىسى تەجرىبە پەنلىرى ھېسابلىنىدۇ. بىر قىسىم  ئالدىن كۆرەر ئالىملار مۇنداق دەيدۇ: قوللىنىشچان ماتېماتىكا ئالىملىرى ماتېماتىكىنىڭ پۇختا ۋە توغرا بولۇش ئالاھىدىلىكىنى تەجرىبە پەنلىرىگە كىرگۈزۈش كېرەك، شۇنداقلا بۇ پەنلەردىكى تەجرىبە مەسىلىلىرىنى ھېسابلاش ۋاسىتىسى بىلەن بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدىغان ماتېماتىكىلىق مەسىلىلەرگە يىغىنچاقلاپ ياكى شۇ ئارقىلىق ئىپادىلەپ، تەجرىبە ئىلمىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بۇ ھەقىقەتەن توغرا كۆز قاراش.

ئىلگىرىكى تەجرىبىلەر بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، بارلىق ئىلمىي مەسىلىلەر ماھىيەتتە ئاددىي ھەم تەرتىپلىك. فىزىكىنىڭ بارلىق تېئورىمىلىرىنى ماتېماتىكىلىق فورمۇلا ئارقىلىق بىر ۋاراق قەغەزگە ئىپادىلەشكە بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىنسانلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتى يەنە ئاددىي ئۇقۇملار ئارقىلىق ئىلىم-پەننىڭ ئاساسىي مەسىلىلىرىنى شەرھلەپ بېرىشتە چىڭ تۇرىدۇ، بۇنداق قىلغاندا، ماتېماتىكا بىر ئاساسىي ئۇسۇل بولۇپ قالىدۇ.
قوللىنىشچان ماتېماتىكا بولسا ماتېماتىكا ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ تەجرىبە ئىلمىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان پەن. قوللىنىشچان ماتېماتىكا تەجرىبە خاراكتېرلىك ئەمەلىيەت ياكى پاكىتتىن باشلىنىدۇ، شۇنداقلا يەنە تەجرىبە خاراكتېرلىك پاكىتلارنى قانۇنىيەتلىك مۆلچەرلەشتە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. بۇ قانۇنىيەتلەر يەنە باشقا تەجرىبە سانلىق مەلۇماتلىرى تەرىپىدىن ئىسپاتلىنىشى ياكى دەلىلىنىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ماتېماتىكا نەزەرىيەسى ئارقىلىق تەجرىبە پەنلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كۆپ ھاللاردا ماتېماتىكىغا چوڭقۇر خىرىس ئېلىپ كېلىدۇ ھەمدە ساپ ماتېماتىكا تەتقىقاتىغا يېڭى يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

يېقىنقى زامان قوللىنىشچان ماتېماتىكىسى ئەنگلىيەدىن باشلانغان، نيۇتون دەل قوللىنىشچان ماتېماتىكىنىڭ پىرى. كۆزىتىپ چىقىلغان زور مىقداردىكى ئاسمان جىسىملىرى ھەرىكىتىگە دائىر ماتېرىياللارنى چۈشىنىش، ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئايلىنىشىنىڭ ئاساسىي قانۇنىيىتى (كېپلېرنىڭ ئۈچ چوڭ قانۇنى) نى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، نيۇتون ئاسمان جىسىملىرى ھەرىكىتىنىڭ ماتېماتىكىلىق مودېلىنى بەرپا قىلىپ، دەۋر بۆلگۈچ ئۈچ چوڭ مېخانىكا قانۇنى ۋە ئالەملىك تارتىش كۈچى قانۇنىنى ئوتتۇرىغا قويغان. لېكىن، مېخانىكا قانۇنىنىڭ مەزمۇنى شۇ دەۋردىكى ئەنئەنىۋى ماتېماتىكىنىڭ دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن بولغاچقا، نيۇتون يېڭى بىر ساھەنى ئېچىشقا مەجبۇر بولۇپ، دىففېرېنسىئال-ئىنتېگرالنى كەشىپ قىلغان (گېرمانيەلىك ئالىم لېيبېنزمۇ ئۆز ئالدىغا كەشىپ قىلغان). ئاندىن دىففېرېنسىئال-ئىنتېگرال، مېخانىكا قانۇنى ۋە ئالەملىك تارتىش كۈچى ئارقىلىق سەييارىلەرنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيىتىنى تاپقان ياكى ئۇنى نىسبەتەن مۇكەممەل شەرھىلىگەن. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى ئەنگلىيەدە، بارلىق نەزەرىيىۋى فىزىكا ئەمەلىي ماتېماتىكا دەپ ئاتالغان. يېقىنقى زاماندىكى كالىفورنىيە تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئىنستىتۇتىنىڭ دوكتور يېتەكچىسى فان (ۋون) كامېن  مۇ قوللىنىشچان ماتېماتىكىنى يەنە بىر ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچى ۋە تەشەببۇس قىلغۇچى. ئۇ تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ماتېماتىكىلىق ماھىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىگە قەتىي ئىشىنىدۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك كەچۈرمىشى ئارقىلىق ئاشۇ تەجرىبىگە تايىنىپلا ئايدىڭلاشتۇرغىلى بولمايدىغان تۇيۇق ساھەدىن ماتېماتىكىلىق جاۋاب ئىزدەيدۇ. فان كامېننىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى گېرمانىيە گوتتىنگېن ئۇنىۋېرسىتېتى قوللىنىشچان فىزىكا فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى، "ھاۋا دىنامىكىسى ئاتىسى" دەپ نام ئالغان ئالىم لۇدۋىگ پراندتېل (يېقىنقى زامان مېخانىكىسىغا ئاساس سالغۇچى) پروففېسسور بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ تۆھپىسى ئايروپىلاننىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇچىدىغانلىقىنى شەرھلەپ بەرگەن. ئۇنىڭ بىر ئىلمىي مىزانى "يىغىنچاقلاش ئۇسۇلى" بولۇپ، يەنى بىر مۇرەككەپ فىزىكىلىق جەريان (مەيلى مېخانىك ھەرىكەت ياكى دەريا سۈيىنىڭ ئېقىشى بولسۇن) دىن ئاچقۇچلۇق فىزىكىلىق ئامىللارنى يىغىنچاقلاپ چىقىش، ئاندىن ماتېماتىكا ئارقىلىق ئانالىز قىلىشتىن ئىبارەت.

فان (ۋون) نېۋمان 20-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ ساپ ماتېماتىكا ئالىمى ۋە قوللىنىشچان ماتېماتىكا ئالىمى، ئۇ ئېلان قىلغان 150 پارچە ئىلمىي ماقالە ئىچىدە، 60 پارچىسى ساپ ماتېماتىكا، 60 پارچىسى قوللىنىشچان ماتېماتىكىغا چېتىلىدۇ، جۈملىدىن ئىستاتىستىكا ئىلمى ۋە تاقابىللىق نەزەرىيەسى (قورشاۋ شاھمات نەزەرىيەسى ياكى تىركىشىش نەزەرىيەسى) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ داڭلىق مېھمان كۈتۈش ئۆيى تاقابىللىق نەزەرىيەسى ماقالىسىنى دەل 20 ياشقا كىرگەن يىلى تاماملىغان. ئۇ مورگېنشتېرىن ئوسكار (ئامېرىكا-گېرمانىيە تەۋەلىكىدىكى داڭلىق ئىقتىسادشۇناس) بىلەن ھەمكارلاشقان «تاقابىللىق نەزەرىيەسى ۋە ئىقتىسادىي ھەرىكەت» ناملىق ئەسەر 1944-يىلى نەشر قىلىنغان. بۇ ئەسەردە ئۇلار ماتېماتىكا ئىلمىنىڭ لوگىكىلىق تىلى، بولۇپمۇ توپلام نەزەرىيىسى بىلەن كومبىناتسىيەلىك (بىرىكمە، بىرلەشمە) ماتېماتىكا ئۇسۇلىنى ئىجتىمائىي نەزەرىيەنى ئىسلاھ قىلىش جەريانىغا قوللىنىدۇ، ھەم ئىقتىسادشۇناسلىقنى ئېھتىياتچان ماتېماتىكا ئاساسىغا ئىگە قىلىدۇ. ئوبزورچى خۇرۋىكس يەنە مۇشۇنداق 10 ئەسەر بولسىلا، ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ كەلگۈسى كاپالەتكە ئىگە بولاتتى، دەپ قارايدۇ. ئوقۇغۇچىلار بۇ كىتابنى بەك چوڭ كۆرىدۇ. فان (ۋون) نېۋمان باتۇرلۇق بىلەن ماتېماتىكا ساھەسىدىن چىقىش قىلىپ، ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئۇسۇل بىلەن ئوخشىمىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەت يوللىرىنى ئېچىپ ۋە باشتىن كەچۈرۈپ، ياش تالانت ئىگىلىرىنىڭ بەس-بەستە تەقلىد قىلىشىغا ئىلھام بەردى. جون فوربىس ناش  دەل شۇلارنىڭ بىرى. ناش ئىسپاتلىغان تەڭپۇڭلۇق تېئورىمىسى فان نېۋمان تېئورېمىسىنى كېڭەيتىپ، تىركىشىش نەزەرىيەسىنى ئىقتىسادشۇناسلىق، سىياسەتشۇناسلىق، جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە تەدرىجىي تەرەققىيات بىئولوگىيىسىگە تەتبىقلاشنىڭ دەرۋازىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاچتى. ناش تىركىشىش نەزەرىيەسى تېئورېمىسىنى ئىسپاتلىغانلىقى سەۋەبلىك 1994-يىلى نوبېل ئىقتىسادشۇناسلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇ قوللىنىشچان ماتېماتىكىنىڭ ئىقتىساد ئىلمىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئەڭ يېڭى ئىسپاتى ۋە مىسالى.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى قوللىنىشچان ماتېماتىكىنىڭ مۇستەقىل تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەيۋەتلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇ ئۇرۇش بىر قاتار ئىلىم-پەن ۋە تېخنىكىنىڭ رىقابىتىنى قوزغىدى ھەمدە ئۇرۇشتىن كېيىنكى يىللاردا، ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى، ئالاقە، كونتروللاش، باشقۇرۇش، لايىھەلەش ۋە سىناش قاتارلىق جەھەتلەردە كىشىلەرگە ماتېماتىكىنىڭ يېڭى كۈچىنى ھېس قىلدۇردى. 20-ئەسىردىكى ماتېماتىكىنىڭ نەتىجىلىرى ماتېماتىكا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭقۇر نەتىجىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. ئەمەلىي قوللىنىشچان ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر ئىلمى پەن-تېخنىكىدا زور ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىدىغان مۇھىم ئامىل بولۇپ قالدى، ئۇ زامانىۋى پەن-تېخنىكا ۋە سانائەت تېخنىكا دەۋرى تەرەققىياتىغا ئاساس سالدى. بۈگۈنكى كۈندىكى نۇرغۇن تېخنىكا، سانائەت مەھسۇلاتلىرى ۋە نەتىجىلىرى ئەمەلىيەتتە دەل يۇقىرىدىكى ئىككى پەندىن ئايرىلالمايدۇ.
شۇنداق، ئالەمدىكى شەيئىلەر ناھايىتى ئاددىي، بارلىق مەسىلىلەرنى ماتېماتىكىلىق فورمۇلا ئارقىلىق ئىپادىلەشكە بولىدۇ، بۇ قوللىنىشچان ماتېماتىكا ئالىملىرىنىڭ بىر ئېتىقادى.

bilimdan   #bilimzar#

No comments:

Post a Comment