Search This Blog

Friday, November 1, 2019

«سۇنى قىزىتىپ پاقا پىشۇرۇش» نىڭ ئاساسى بارمۇ؟



 نۇرغۇن كىشىلەر «سۇنى قىزىتىپ پاقا پىشۇرۇش» دېگەن ھېكايىنى ئاڭلاپ باققان بولۇشى مۇمكىن، لېكىن نەچچە يۈز يىلدىن بېرى تىلغا ئېلىنىپ كېلىۋاتقان بۇ ھېكايە راستمۇ؟ پاقا راستتىنلا شۇنداق دۆتمۇ؟ «سۇنى قىزىتىپ پاقا پىشۇرۇش» دېگەن بۇ سۆز 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا كورنېل ئۇنىۋىرسىتىدىكى ئالىملار ئىشلىگەن «سۇدا پاقا پىشۇرۇش تەجرىبىسى» دىن كەلگەن. ئالىملار پاقىنى 40 سېلسىيە گىرادۇسلۇق سۇغا (قايناۋاتقان سۇغا ئەمەس) تاشلىغاندا، پاقا تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ غىدىقلىشىغا بەرداشلىق بېرەلمەي دەرھال پۈتۈن كۈچى بىلەن سۇدىن سەكرەپ چىقىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك قېچىپ قۇتۇلغان. تەتقىقاتچىلار پاقىنى ئاۋۋال سوغۇق سۇ قاچىلانغان قاچىغا سېلىپ، ئاندىن ئاستا قىزىتقان (ھەر مىنۇتتا 0.2 سېلسىيە گىرادۇس ئۆرلىگەن) ئەھۋالدا، نەتىجە ئوخشاش بولمىغان. پاقا ئەكسىچە باشلىنىشىدا سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى راھەت بولغاچقا ئەركىن-ئازادە تۇرغان. كېيىن پاقا يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا بەرداشلىق بېرىشكە ئامالسىز قالغانلىقىنى بايقىغاندا، ئاللىقاچان ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان بولماي، بىلىپ-بىلمەي ئىسسىق سۇدا پىشىپ ئۆلۈپ قالغان. بۇ ھېكايە كىشىلەرگە مۇھىتقا بولغان ئۆزگىرىش سىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەت ۋە مەغلۇبىيىتىڭىزنى بەلگىلەيدۇ، بەك راھەت مۇھىت كۆپ ھاللاردا خەتەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، شۇڭا چوقۇم توختاپ، ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن پىكىر يۈرگۈزۈش كېرەك، ئۆگىنىش بولسا ئۆزگىرىشنىڭ ئەڭ ياخشى يولىنى بايقاشتۇر دېگەن ھېكمەتنى ھېس قىلدۇرغان.
مەسىلەن، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆز خىزمىتىنى ناھايىتى ئاسانلا تاماملىيالايدۇ، خىزمەتتە رىقابەت كۈچى بولمايدۇ، ئالغا ئىلگىرىلەش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىمۇ كەمچىل بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاستا-ئاستا ئالغا ئىلگىرىلەش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە يېڭىلىق يارىتىش روھى يوقىلىدۇ،. بۇنداق ئادەملەر شىركەتتە ئۆزگىرىش بولسا، تاشلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.

لېكىن شۇنچە توغرا ھەقىقەتنى چۈشەندۈرۈپ بەرگەن، يۈز يىلدىن ئارتۇق داۋام قىلغان بۇ ھېكايە راستمۇ؟ پاقا راستتىنلا شۇنداق دۆتمۇ؟ توردا خەۋەر قىلىنىشىچە، بىر ئايال بىئولوگىيە ئوقۇتقۇچىسى پۈتۈن سىنىپتىكى ساۋاقداشلارنى «سۇنى قىزىتىپ پاقا پىشۇرۇش» تەجرىبىسى ئىشلەشكە تەشكىللىگەن بولۇپ، سۇ تېمپېراتۇرىسى 60 سېلسىيە گىرادۇسقا چىققاندا، بىر قىسىم پاقىلار سۇدىن سەكرەپ چىقىشقا باشلىغان. سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى داۋاملىق 65 سېلسىيە گىرادۇسقا چىققاندا، بارلىق قاچىدىكى پاقىلارنىڭ ھەممىسى سەكرەپ چىقىپ كەتكەن. بۇنىڭدىن كورنېل ئۇنۋىرسىتىدىكى ئالىملارنىڭ سۆزىنىڭ يالغان ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى.
ئەمەلىيەتتە، ئوكلاھوما ئۇنۋىرسىتىدىكى زوئولوگىيە پىروفېسسورى خوچىسونمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر تەجرىبە ئىشلىگەن. خوچىسون ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى قوش ماكانلىقلارنىڭ تېمپېراتۇرىغا بولغان ئىنكاسىنى تەتقىق قىلىدىغان بولۇپ، پاقا قوش ماكانلىق ھايۋانغا تەۋە. قوش ماكانلىقلار سوغۇق قانلىق ھايۋان، شۇنداقلا تېمپېراتۇرىسى ئۆزگەرگەن ھايۋان بولۇپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسى مۇھىتنىڭ تېمپېراتۇرىسىغا ئەگىشىپ تەڭشىلىدۇ. خوچىسون قوش ماكانلىقلارنىڭ بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى قانچىلىك ئىكەنلىكىنى تەتقىق قىلغان.
خوچىسون تاللىغان قىزدۇرۇش سۈرئىتى مىنۇتىغا ئىككى ۋات (تەخمىنەن 1.1 سېلسىيە گىرادۇس) بولۇپ، بەلگىلىك تېمپېراتۇرىغا يەتكەندىن كېيىن، پاقىلار تىت-تىت بولۇپ، بۇ مۇھىتتىن قېچىشقا ئۇرۇنغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، خوچىسون «سۇنى قىزىتىپ پاقا پىشۇرۇش» ھېكايىسىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان.
كۆپچىلىك «سۇنى قىزىتىپ پاقا پىشۇرۇش» ھېكايىسىنى يالغان دەپ قارىغان ۋاقىتتا، يەنە بىر تەجرىبە بۇ ھېكايىنى ئىسپاتلىغان. خېنزىمان دەپ ئاتالغان بىرەيلەن ئەگەر سىزنىڭ قىزدۇرۇش سۈرئىتىڭىز يېتەرلىك تۆۋەن بولسا، پاقىنىڭ سەكرەپ چىقىش ئويى يوق بولىدۇ، دېگەن. خېنزىمان 90 مىنۇت ۋاقىت سەرپ قىلىپ، سۇنى 21 سېلسىيە گىرادۇستىن 37.5 سېلسىيە گىرادۇسقىچە قىزىتقان، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن مىنۇتىغا تېمپېراتۇرا ئۆرلەش سۈرئىتى 0.2 سېلسىيە گىرادۇسقا يەتمىگەن بولغاچقا پاقىنىڭ ھەرىكىتىدىكى نورمالسىزلىقنى بايقىمىغان. پاقىلار كرىتىك يۇقىرى تېمپېراتۇرىسىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولۇپ (تەخمىنەن 36-37 سېلسىيە گرادۇس) ئەگەر قىزدۇرۇپ 37.5 سېلسىيە گىرادۇسقا چىقسا، پاقا دەرھال ئۆلمىگەن تەقدىردىمۇ ئورنىدىن دەس تۇرۇش ئىقتىدارىنى يوقاتقان بولىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ يەرگە كەلگەندە ئۆلۈممۇ ئۇنىڭدىن يىراق بولمايدۇ.
دېمەك، تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشى كۆرۈنەرلىك بولغان ئەھۋالدا، پاقا تېز سۈرئەتتە سەكرەپ چىقالايدۇ. سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆزگىرىشى ناھايىتى كىچىك بولغاندا، پاقا بۇنى سېزەلمەيدۇ-دە، قېچىپ قۇتۇلۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ. دېمەك، «سۇنى قىزىتىپ پاقا پىشۇرۇش» ھېكايىسىنىڭ يەنىلا بەلگىلىك ئاساسى بار.
تەجرىبىنىڭ چىنلىقىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، «سۇنى قىزىتىپ پاقا پىشۇرۇش» نىڭ مەنىسى يەنىلا كۆپچىلىكنى ھوشيار بولۇشقا يېتەكلەشتۇر. ئەڭ يامان ئەھۋال ھەرگىزمۇ ناچار مۇھىتتا تۇرغان ۋاقىت بولماستىن، بەلكى ئۆزىمۇ سەزمىگەن ئاساستا ئۆزىنىڭ خۇدىنى يوقىتىپ قويۇپ، چەككە يەتكەندە پۇشايمان قىلىپمۇ ئۈلگۈرەلمەسلىكتۇر.

bilimdan#   #bilimzar 

No comments:

Post a Comment