كاۋاۋىچىن 8 كېسەلنى داۋالاپ، ھۆللۈكنى ھەيدەيدۇ...
كاۋاۋىچىن تىلغا ئېلىنسا، كۆپچىلىكنىڭ تۇنجى ئىنكاسى ئاشخانىدا كەم بولسا بولمايدىغان تېتىتقۇ، بولۇپمۇ ئاچچىق ـ چۈچۈك ساماۋەر شورپىسى يېگەندە كەم بولسا بولمايدىغان تېتىتقۇدىن ئىبارەت.
كاۋاۋىچىن سوغۇقنى ھەيدەپ، ھۆللۈكنى يوقىتىپ ئاغرىقنى توختىتىدۇ، قۇرت ئۆلتۈرۈپ زەھەر قايتۇرىدۇ، ئۇ بەدەننى ئاسراش، ساقلىقنى ساقلاشتىكى ئەڭ ياخشى ماتېرىيال بولۇپ، ئاشخانىدىكى ساغلاملىققا پايدىلىق خۇرۇچلار ئىچىدە 1- ئورندا تۇرىدۇ!
1 سىقىم كاۋاۋىچىن 8 خىل دورىغا تەڭ
1. كاۋاۋىچىنغا پۇتنى چىلاش: قېرىشقا قارشى تۇرۇپ، چاچ ئاقىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
كاۋاۋىچىننىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل، تەمى ئاچچىق بولۇپ، سوغۇقنى ھەيدەش تۈرىدىكى دورىلارغا تەۋە، يۈرەكتىكى سوغۇقنى ھەيدەيدۇ.
كاۋاۋىچىننىڭ ئاغرىق توختىتىش، زەھەرنى قايتۇرۇپ يەلنى ھەيدەش، سوغۇقنى ھەيدەپ ئاشقازاننى ئىللىتىش، قاننى جانلاندۇرۇپ تومۇرلارنى راۋانلاشتۇرۇش، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق ئۈنۈملىرى بار بولۇپ، تال ـ ئاشقازان كېسىلى، رېماتىزم، باش ئاغرىقى، تارقىلىشچان زۇكام، ئۇيقۇسىزلىق، سەكتە قاتارلىق كېسەللەرنى داۋالاش رولى بار.
ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددىي:
50 گىرام كاۋاۋىچىننى بىر پاختا رەختكە ئوراپ، يىپ بىلەن چىڭ چىگىمىز.
سۇ قۇيۇپ قايناتقاندىن كېيىن ئىككى پۇتنى سۇغا چىلاپ، تەخمىنەن 20 مىنۇتتىن كېيىن، ئاندىن پۇتنى ئىلمان سۇدا يۇيۇپ پاكىز سۈرتۈش كېرەك.
كاۋاۋىچىن بولىقىدىن قايتا ـ قايتا پايدىلانغىلى بولىدۇ، ھەر كۈنى كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن پۇتنى بىر قېتىم چىلاپ، ئىككى پۇتنىڭ تېرىسى قىزىرىپ، يۈزىدىن ئازراق تەر چىقسا مۇۋاپىق بولىدۇ، بىر ھەپتە ئەتراپىدا ئىشلەتكەندىن كېيىن ئاندىن يېڭىسىغا ئالماشتۇرسا بولىدۇ.
ھەر كۈنى داۋاملاشتۇرغاندا، پۇت قىسمىنىڭ قان ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، كېسەلنى داۋالاش ئۈنۈمىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
2. چىش ئاغرىقىنى توختىتىپ، ئاشقازاندىكى سوغۇقنى ھەيدەيدۇ.
كاۋاۋىچىن سوغۇقنى تارقىتىپ، رېماتىزمنى يوقىتىپ، قاننى راۋانلاشتۇرىدۇ. كاۋاۋىچىننىڭ يەنە بىر پايدىسى بار، ئېغىزغا سېلىپ بەرسە چىش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.
نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بېشىدىن ئۆتۈپ باققان ئىش ، قورسىقىغا سوغۇق ئۆتۈپ قالغاندىن كېيىن، قورسىقىدا يەل قاپلىشىپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ، بەزىلەرنىڭ ئىچى سۈرۈپ قالىدۇ ياكى قورسىقى ئاغرىيدۇ. بۇ چاغدا ئازراق كاۋاۋىچىندىن پايدىلانساق بولىدۇ: 7 تال كاۋاۋىچىن ئېلىپ، بىر قاچا سۇ بىلەن بىر نەچچە مىنۇت قاينىتىپ، ئازراق قارا شېكەر سېلىپ، ئىچىمىز.
3. كاۋاۋىچىن چېيى: ئوردىدىن كەلگەن ئاياللار كېسەللىكلىرى مۇقەددەس رېتسېپى
ئەگەر زەنجىۋىل چىلان چېيىغا بىر نەچچە تال كاۋاۋىچىن قوشۇپ قايناتسا، كاۋاۋىچىن زەنجىۋىل چىلان چېيى بولىدۇ، ئۇنىڭ سوغۇق ۋە نەملىكنى يوقىتىش ئۈنۈمى تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇپ، قورساق ئاغرىقىنى توختىتىدۇ.
كاۋاۋىچىن ـ زەنجىۋىل چېيىنى سوغۇق، ھۆللۈك ئېغىر كىشىلەرنىڭ ئىچىشىگە ماس كېلىدۇ، مەسىلەن، ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسىنى سوغۇق قاپلاپ كەتكەن ( ئاق خۇن كۆپ ھەم سۇيۇق، ئۇزاق مۇددەت ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش )، ئەرلەرنىڭ بۆرىكىنى سوغۇق قاپلاپ كېتىش، يەنە ئاشقازان ـ ئۈچەي سوغۇق بولۇپ قالغان، ئاستا خاراكتېرلىك ئىچى سۈرۈپ قالغان كىشىلەر دائىم ئىچسە بولىدۇ.
قورساق ئاغرىغاندا، بولۇپمۇ ئاياللار ھەيز مەزگىلىدە سوغۇق سۇغا يولۇققاندىن كېيىن قورسىقى ئاغرىسا، كاۋاۋىچىن ـ زەنجىۋىل چېيى ئىچىپ ئاغرىقنى پەسەيتسىمۇ بولىدۇ.
4. كاۋاۋىچىن سامساق ئاچچىقسۇ سۈيى: تىرناق تەمرەتكىسى، قول پۇت تەمرەتكىسى
كونا ئاچچىقسۇدىن 250 گىرام، سامساقتىن 250 گىرام ئېلىپ، سامساقنى ئېزىپ بوتۇلكىغا سالىمىز، بوتۇلكىغا قولنى كىرگۈزگىلى بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ، كونا ئاچچىقسۇنى قۇيۇپ بىر كۈن چىلاپ قويساقلا بولىدۇ.
تىرناق تەمرەتكىسىگە گىرىپتار بولغان قولنى سامساق ئاچچىقسۈيىگە ھەر كۈنى كەچتە بىر قېتىم، 15 ـ 20 مىنۇت چىلاش كېرەك، چىلاش جەريانىدا سامساق ئاچچىقسۈيى تىرناقنى يېپىش زۆرۈر بولۇپ، سامساق ياكى ئاچچىقسۇنى ئالماشتۇرۇشقا بولمايدۇ.
تىرناق تەمرەتكىسى، قول ـ پۇت تەمرەتكىسى تېرىنىڭ زەمبۇرۇغدىن يۇقۇملىنىشىدىن شەكىللەنگەن.
ئاچچىقسۈ بىلەن سامساقنىڭ ئوخشاشلا زەمبۇرۇغقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمى بار، شۇڭا ئۇلارنى ئارىلاشتۇرۇپ سىل كېسىلىنى داۋالاشقا ئىشلەتسە بولىدۇ.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئەگەر كېسەلگە گىرىپتار بولغان جاينىڭ ئەتراپى يېرىلىپ كەتسە ئىشلەتمەسلىك كېرەك.
5. سوغۇق ئۆتۈپ ئىچى سۈرۈش: كاۋاۋىچىن بىلەن قورۇلغان پۇرچاق بوتقىسى
كاۋاۋىچىن سوغۇق، مۇزەككەر زەئىپلىشىش تىپىدىكى ئىچى سۈرۈشنى داۋالايدىغان ياخشى نەرسە،« دورا ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى »دا: كاۋاۋىچىندىكى ساپ مۇزەككەر ماددىسى، سوغۇقنى تارقىتىپ، نەملىكنى يوقىتىدۇ، ئوڭ بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ دەپ خاتىرىلەنگەن. كاۋاۋىچىن ئارقىلىق سوغۇق، ھۆللۈكتىن ئىچى سۈرۈشنى داۋالاش قەدىمدىن تارتىپ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن.
كاۋاۋىچىندىن ئالتە گىرام، گۆش پۇرچاقتىن ئۈچ گىرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ شىرنىسىنى چىقىرىپ، ئەتىگەن ۋە كەچتە قېتىمغا بۆلۈپ ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.
ھەر كۈنى بىر قېتىم، بىر تالدىن بەش تالغىچە ئىچىڭ.
گۆشلۈك پۇرچاق ئۇيۇتمىسى كۆپ ئۇچرايدىغان پۇراقلىق دورا ماتېرىيالى بولۇپ، ئۇ يەنە گۆشلۈك مېۋە، قاشتېشى مېۋىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ ئوتتۇرا ھال قىرتاق، ئۈچەيدىكى يەلنى ھەيدەپ يوقىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە بولۇپ، دائىم ئىچى سۈرۈش، قورساق ئاغرىش، ياندۇرۇش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ رېتسىپ ئوتتۇراھال، قۇرۇق نەملىكنى يوقىتىپ، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ، شۇنداقلا بالىلارنىڭ يازدىكى سوغۇق، سوغۇقتىن بولغان ئىچى سۈرۈشنى داۋالايدۇ.
6. كاۋاۋىچىن «مائۇس» قولنى داۋالايدۇ
مائۇس قولنىڭ ئىلمىي نامى بېغىش ئۇنىۋېرسال كېسىلى بولۇپ، مائۇس قولى بولۇپ قالغاندا، بېغىش بوغۇمى ئىششىپ، بارماقلىرىنىڭ ھەرىكىتى جانلىق بولمايلا قالماي، جىددىي ئەھۋالدا ئازاب تۇيغۇسى يەنە بىلەك، مۈرە ۋە بويۇنغا يۆتكىلىدۇ.
كاۋاۋىچىن سۈيىگە قولىڭىزنى چىلاپ سىناپ بېقىڭ
كاۋاۋىچىننى مۇۋاپىق ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ بولغاندىن كېيىن، قول قوبۇل قىلالايدىغان تېمپېراتۇرىغا قەدەر چىلاپ ئۇۋۇلاپ يۇيۇش كېرەك.
كاۋاۋىچىن تېمپېراتۇرىدا سوغۇقنى تارقىتىدۇ، بۇ چاغدا تەركىبىدىكى ئۇچۇچان ماينىڭمۇ ناركوز قىلىش ۋە ئاغرىق توختىتىش ئۈنۈمى بار، شۇڭا مائۇس بىلەك كەلتۈرۈپ چىقارغان ئازابنى يېنىكلىتىش ئۈنۈمى بار.
7. ياشانغانلاردىكى سۈيدۈك قىستاش: كاۋاۋىچىن ئارقىلىق ئىسسىق ئۆتكۈزۈش
مۇزەككەر يەل زەئىپلىشىش ياشانغانلاردا كۆپ سىيىش، سۈيدۈك قىستاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ
ياشانغانلار ئازراق تۇز، كاۋاۋىچىن تەييارلاپ، ئۇلارنى مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاققا سېلىپ ئىسسىتىپ، ئاندىن داكا بىلەن ئوراپ، قوبۇل قىلالايدىغان تېمپېراتۇرىدا ئۆزىنىڭ كىندىكى ( كىندىكنىڭ ئاستىدىكى ئۈچ سۇڭ ) گە ئىسسىق ئۆتكۈزسە بولىدۇ.
8. تېرە قىچىشسا، كاۋاۋىچىن سۈيى سۈرتۈش كېرەك.
تېرە قىچىشىش، بىر خىل كۆپ ئۇچرايدىغان ئادەمنى بىزار قىلىدىغان كېسەللىك.
ئوتتۇرا ياش، ياشانغان ئاياللاردا ئەڭ ئاسان پەيدا بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ ھاللاردا دورا ئىشلىتىپ قىچىشىشنى توختىتىدۇ، دورىنى توختاتسا قايتا قوزغىلىدۇ.
بۇ ۋاقىتتا كاۋاۋىچىن سۈيى بىلەن قىچىشىشنى توختاتسا بولىدۇ.
ھەر قېتىم كاۋاۋىچىندىن ئىككى سىقىم ئېلىپ، 1000 گىرام سۇ قۇيۇپ، ئوتتا قاينىتىپ، سۇ تەخمىنەن 500 گىرام قالغاندا ئوتنى ئۆچۈرسە بولىدۇ.
كاۋاۋىچىن سۈيىنىڭ تېمپېراتۇرىسى مۇۋاپىق بولغاندا، پاكىز داكىنى كاۋاۋىچىن سۈيىگە چىلاپ قىچىشقان جاينى يېنىك سۈرتۈپ يۇيۇپ بەرسە، قىچىشىشنى توختىتىش ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ.
ھەر قېتىم ئىشلىتىپ بولالمىغان كاۋاۋىچىن سۈيىنى توڭلاتقۇغا سېلىپ، كېلەر قېتىم ئىشلىتىشتىن بۇرۇن، ئازراق قىزىتىپ ئاندىن ئىشلىتىش كېرەك.
كاۋاۋىچىننى بۇنداق ساقلىسا قۇرتلاپ كەتمەيدۇ
1. قۇرۇق كاۋاۋىچىن
كاۋاۋىچىن ئىشلىتىش مىقدارى بىر قەدەر ئاز بولغاچقا ئائىلىدە بىۋاستە قۇرۇق ھىملانغان بوتۇلكىغا قاچىلاپ ياكى كىچىك خالتىغا بۆلۈپ ئايرىم ـ ئايرىم ھىملاپ ساقلىسا بولىدۇ.
قۇرۇق كاۋاۋىچىننى ھىملانغان خالتىغا قاچىلىغاندا، ھاۋا ئالماشتۇرۇپ قۇرۇتۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك.
ئاستىغا ياغاچ تاختا ياكى باشقا نەرسىلەرنى قويۇپ نەملىكتىن ساقلاش كېرەك، نەملىك كۆپ بولۇپ كەتسە كۆكىرىپ قالىدۇ.
2. يېڭى كاۋاۋىچىن
يېڭى كاۋاۋىچىننىڭ خالتىسى بىلەن ئېتىپ، توڭلاتقۇغا سېلىش كېرەك، يېڭى كاۋاۋىچىننى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن ئارتۇق سۇ تەركىبىنى چىقىرىۋېتىپ، ھىم ئېتىلگەن سۇلياۋ خالتىدىن بىرنى ئېلىپ ئازراق سوۋۇتۇلغان قايناق سۇغا سېلىپ، توڭلاتقۇنىڭ توڭلىتىش بۆلۈمىگە تەكشى سېلىش كېرەك.
قانداق چاغدا ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، مۇز تۇتقان كاۋاۋىچىننى ئېلىپ، شورپىغا سېلىپ قويسىڭىزلا بولىدۇ.
ئادەتتە بىر يىل ساقلىغىلى بولىدۇ، ئەسلى تەمى يېڭى ئۈزگەن تەم بىلەن ئوخشاپ كېتىدۇ.
كاۋاۋىچىننى قانداق تاللايمىز
قانداق قىلغاندا رەڭگى، پۇرىقى ساپ بولغان ئالىي دەرىجىلىك كاۋاۋىچىننى سېتىۋالغىلى بولىدۇ، بۇمۇ نۇرغۇن كىشىلەر ئانچە تاللاپ كەتمەيدۇ، كاۋاۋىچىن پوستىنىڭ رەڭگىگە قاراپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ.
بىر خىلى پوستى قارامتۇل قىزىل رەڭدە بولغان كاۋاۋىچىن، يەنى بىز ئادەتتە ئىشلىتىشنى ياخشى كۆرىدىغان كاۋاۋىچىن؛
يەنە بىر خىلى كۆك كاۋاۋىچىن، بۇ خىل كاۋاۋىچىننىڭ پوستى قۇرغاق بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىنمۇ، يەنىلا كۆك ياكى سېرىق رەڭدە بولىدۇ.
مەيلى قىزىل كاۋاۋىچىن بولسۇن ياكى كۆك كاۋاۋىچىن بولسۇن، سۈپىتى ياخشى، سىرتقى كۆرۈنۈشى قۇرغاق ھەم مايلىق.
يېڭى كاۋاۋىچىننىڭ رەڭگى قىزىل، ساپىقى يوق، پوستى ئىنچىكە، دانىسى تەكشى، ئۇرۇقى ئازلىرىنى تاللاش كېرەك.
كۆك كاۋاۋىچىن بولسا رەڭگى يېشىل، پوستى قېلىن، پۇرىقى كۈچلۈك ۋە ئارىلاشما ماددىلار بولمىغانلىرىنى تاللاش كېرەك.
قاراش
بۇنىڭدا ئاساسلىقى كاۋاۋىچىننىڭ رەڭگى، دانىسىنىڭ چوڭ ـ كىچىكلىكى، ئېغىزىنىڭ ئاز ـ كۆپلۈكى ۋە باشقا ئارىلاشمىلارنىڭ بار ـ يوقلۇقىغا قارايمىز.
قىزىل كاۋاۋىچىننىڭ ئىچى ئاق رەڭدە بولىدۇ، بويالغان قىزىل كاۋاۋىچىننىڭ ئىچى ئاق رەڭدە ئەمەس.
سىقىش
كاۋاۋىچىننىڭ قۇرغاق ياكى ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىشنى كۆرسىتىدۇ، قۇرغاق كاۋاۋىچىننى سىققاندا شار ـ شار ئاۋاز چىقىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، سىقىپ بولغاندىن كېيىن كاۋاۋىچىننى قويۇپ قويغاندا، ئالقاننى كۆزەتسىڭىز، كاۋاۋىچىن تەركىبىدە لاي ـ لاتقا ئارىلاش ماددىلارنىڭ كۆپ ـ ئازلىقىنى تەكشۈرەلەيسىز.
پۇراش
سۈپىتى ياخشى كاۋاۋىچىنلارنىڭ ھەممىسى تەبىئىي خۇش پۇراققا ئىگە بولۇپ، كۆكىرىپ قالغان ياكى باشقا ئارىلاشما پۇراق بولمايدۇ.
قول بىلەن ئازراق تۇتۇپ ئالقاننىڭ ئىچىدە ئازراق تۇتۇپ، ئاندىن قولنىڭ دۈمبىسىنى پۇراش كېرەك، ئەگەر قولنىڭ دۈمبىسىدە كاۋاۋىچىن پۇرىقىنى ھېس قىلغىلى بولسا، بۇ كاۋاۋىچىننىڭ سۈپىتىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
تېتىش
كاۋاۋىچىندىن خالىغان بىر تال ئېلىپ، چىشى بىلەن يېنىك چىشلەپ، ئاندىن تىل ئۇچى بىلەن ھېس قىلىپ، ئاندىن بىر نەچچە قېتىم چىشلەپ تۈكۈرسە، ئاندىن بۇ كاۋاۋىچىندا ئاچچىق، قىرتاق تەم قاتارلىق غەيرىي تەمى بار ـ يوقلۇقىنى تەپسىلىي بىلگىلى بولىدۇ، پەقەت تەمى ساپ بولغانلىرى ئەڭ ياخشىسى ھېسابلىنىدۇ.
سېتىۋالغان كاۋاۋىچىننى ئەڭ ياخشىسى ھىم ئېتىپ ساقلاش كېرەك، بولمىسا رەڭگى ۋە تەمى يوقاپ كېتىپ ئىشلىتىش ئۈنۈمىگە تەسىر يېتىدۇ.
bilimdan #bilimzar#
No comments:
Post a Comment