سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى ئويغاتقان مەشھۇر نۇتۇق
2005ـ يىلى ئالما شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى سىتىف جوبىس سىتانفورد ئۇنۋىرسىتىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلارغا بىر مەيدان ئېسىل نۇتۇق سۆزلىدى. بۇ نۇتۇقنى كىشىلەر تارىختىن بۇيان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا ئېلان قىلىنغان ئەڭ ياخشى نۇتۇقلارنىڭ بىرى دەپ تەرىپلەندى.
ئىشتىن كېيىن، نۇتۇقنىڭ سىن كۆرۈنۈشى ۋە تېكىستى ئالاقە تورىدا كەڭ تارقالدى، سانسىزلىغان كىشىلەر ئۇنىڭ نۇتۇقىدا بايان قىلىنغان ئۆسۈپ يېتىلىشى توغرىسىدىكى ئۈچ ھېكايىدىن تەسىرلەندى. فوربېس ژۇرنىلىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى نۇتۇق كىشىلەرگە غايەت زور ئىلھام بېرىدىكەن. نۇتۇق ئاخىرقىدا جوبىس بىر ئابزاس سۆز قىلدى. بۇ بىر ئابزاس سۆز، بولۇپمۇ ئۇنىڭ بىرىنچى جۈملىسى كېيىن ئۇنىڭ ھېكمەتلىك سۆزىگە ئايلىنىپ، سانسىز كىشىلەرنىڭ ھاياتىدىكى ئەقلىيە سۆزگە ئايلاندى.
بۇ ئابزاسنىڭ ئىنگلىزچە تېكىستى مۇنداق:
Your time is limited,so don't waste it living someone else's life. Don't be trapped by dogma –which is living with the results of other people's thinking. Don't let the noise of other's opinions drown out your own inner voice. And most important, have the courage to follow your heart and intuition. They somehow already know what you truly want to become. Everything else is secondary. ۋاقتىڭىز چەكلىك، شۇڭا ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىپ باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆتكۈزمەڭ. دوگما ئىشلارغا باغلىنىپ قالماڭ، ئۇ باشقىلارنىڭ ئىدىيىسىدە ياشىغانلىقىڭىزنىڭ نەتىجىسى. باشقىلارنىڭ پىكرى قەلبىڭىزدىكى سادانى بېسىپ كەتمىسۇن. ئادەم ئۆزىنىڭ قەلبى ۋە بىۋاسىتە سېزىمىگە ئەگىشىشكە جۈرەت قىلىش كېرەك. ئۇلار مەلۇم دەرىجىدە سىزنىڭ نېمە بولغۇڭىز بارلىقىنى بىلىپ بولدى. ئەمدى ئويغىنىڭ، ئۆزىڭىزنى تونۇشتىن باشقا ھەممىسى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
ۋاقتىڭىز چەكلىك، ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىپ باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆتكۈزمەڭ
باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىنى كەچۈرۈپ باققانمۇ
بۇ گەپ ئاڭلىماققا ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. مەن تۇغۇلۇشۇمدىنلا ئەركىن ئادەم، يەنە قانداقسىگە باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆتكۈزىمەن؟ ئەمەلىيەتتە، جوبىسنىڭ بايان قىلماقچى بولغىنى، بىز ئىزچىل باشقىلارنىڭ ئۈمىدى ئىچىدە، باشقىلارنىڭ ئارزۇسى بويىچە ياشاپ كەلدۇق. بىز ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيمىز، چۈنكى ئاتاـ ئانىمىز بىزنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشىمىزنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىز مارافونچە يۈگۈرەيمىز، چۈنكى يەنە بىر قىسىم كىشىلەر سالامەتلىكىمىزنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىزنىڭ ئېرىشكىنىمىز ھەقىقىي قىزغىن سۆيىدىغان كەسىپ ۋە ئۇنىڭغا ئىنتىلىش ئەمەس، بەلكى كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان خىزمەت. بىر قەدەم چېكىنىپ ئېيتقاندا، بىز ئۆزىمىزنىڭ ئارزۇسى بويىچە ياشىغان تەقدىردىمۇ، بەلكىم ئۆزىمىز ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان ئىشنى قىلمىغان بولۇشىمىز مۇمكىن. بىز باشقىلارنىڭ ئۈمىدىنى قاندۇرمىدۇق، بەلكى ھازىر بار بولغان بەزى نەرسىلەردىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقتۇق.
جوبىس 17 ياشقا كىرگەندە مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى ئوقۇغان: If you live each day as if it was your last, someday you’ll most certainly be right. :ئۇيغۇرچە مەنىسى تەخمىنەن مۇنداق ئەگەر سىز ھەر بىر كۈننى ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈن دەپ قارىغان بولسىڭىز، ھامان بىر كۈنى، سىز بۇ كۈننىڭ ھەقىقەتەن يېتىپ كېلىدىغانلىقىنى بايقايسىز.
ھەر بىر كۈننى ھاياتىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى دەپ ئۆتكۈزىمەن
بۇ گەپ ئۇنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى. ئۇ ھاياتىدا تۇنجى قېتىم ئادەم ھامان بىر كۈنى ئۆلۈمگە يۈزلىنىدىغانلىقىنى. بۇ كۈن ھەقىقىي يېتىپ كەلگەندە، ھەممە ئىش ـ تاشقى دۇنيانىڭ ئۈمىدى، بارلىق مەغرۇرلۇق، قىيىنچىلىق ياكى مەغلۇبىيەتكە بولغان بارلىق ۋەھىمە ـ ئۆلۈم ئالدىدا يوقىلىدىغانلىقىنى، پەقەت ھەقىقىي مۇھىم نەرسىلا قالىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەن. ئۇ بۇ ھەقتە: «ئادەمنىڭ پات ئارىدا ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى ئەستە چىڭ تۇتۇش- ھاياتىمدا يولۇققان ئەڭ مۇھىم پەند ـ نەسىھەت بولۇپ، ئۆمرۈمدىكى مۇھىم قارارنى چىقىرىشقا ياردەم بەردى» دېدى. بىز دائىم ئۆزىمىزنىڭ بىرەر نەرسىدىن ئايرىلىپ قېلىشىمىزدىن قورقىمىز. ئەمما، ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، بىز پات ئارىدا ئۆلۈپ كېتىمىز، بۇ بىزنى دوگما تەپەككۇر قىلتىقىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ. ئاشۇ ھەقىقەتنى بىلىپ يەتكەندە بىز ھەممە ياسالمىلىقلارنى تاشلاپ قىپيالىڭاچ بولۇپ قالىمىز، ئۆزىمىزنىڭ قەلبىگە ئەگەشمەسلىككە يەنە ئاساسىمىز بارمۇ. شۇڭا شۇ كۈندىن باشلاپ، جوبىس ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئەينەككە قاراپ ئۆزىدىن: «ئەگەر بۈگۈن ھاياتىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى بولسا، مەن بۈگۈن قىلماقچى بولغان ئىشنى داۋاملىق تاماملاپ بولالامدىم؟» جاۋابى ئۇدا نەچچە قېتىم «ياق» بولغان چاغدا، ئۇ چوقۇم ھاياتىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش كېرەكلىكىنى بىلىپ يەتكەن.
قەلب ساداسىغا بويسۇنۇپ، ھەقىقىي قىزغىن سۆيىدىغان خىزمەت ۋە تۇرمۇشنى تېپىش كېرەك.
نۇرغۇن ئەھۋاللاردا، بىز دائىم لوگىكىغا ئۇيغۇن قارارلارنى چىقىرىمىز، لېكىن ئۆزىمىزنىڭ قەلبىدىكى سادانى بېسىپ قويىمىز. گەرچە «ئۆزىمىزنى ئاقىلانە قارار چىقىرىۋاتىمىز، ئۆزىمىزنىڭ ئورنىنى قوغداۋاتىمىز» دەپ قارىساقمۇ، ئەمما قەلبىمىزدىكى سادادىن ئۆزىمىزنى قاچۇرۇش چاكىنا تۇرمۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
بىز چوقۇم ئۆزىمىز ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان نەرسىنى تېپىشىمىز كېرەك. مەيلى خىزمەت بولسۇن، ياكى كىشىلىك ھاياتتىكى ھەمراھ بولسۇن، ھەممىسى شۇنداق. بىزنىڭ خىزمىتىمىز تۇرمۇشىمىزنىڭ زور بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. ئۆزىمىز ئۇلۇغ دەپ قارىغان خىزمەتنى قىلىش بىزنى ھەقىقىي رازى قىلىدىغان بىردىنبىر ئۇسۇلدۇر. ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنىڭ بىردىنبىر يولى ئۆز كەسپىنى قىزغىن سۆيۈش. ئەگەر سىز تېخى تاپالمىغان بولسىڭىز، داۋاملىق ئىزدەڭ، داۋاملىق سىناپ بېقىڭ. ئىزدىنىش قەدىمىڭىزنى توختاتماڭ. سىز توختىماي كۆڭۈل قويۇپ ئىزدىگەندە، ئاندىن جاۋابىنى تاپالايسىز.
ھاياتلىق نىشانىنى ئىزدەش ۋە ئۆزى قىلماقچى بولغان ئىشنى قىلىشتا مىلياردېر ۋاررېن باففېتنىڭ قارىشىمۇ ئۆزگىچە ئىدى. ئۇ ئىلگىرى: «ھەممىمىز ئۆزىمىز ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان خىزمەتنى تېپىشىمىز كېرەك، شۇندىلا ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئورنىمىزدىن تۇرغاندا، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن كارىۋاتتىن سەكرەپ چۈشىمىز. ئەگەر سىز ئىزچىل ئۆزىڭىز ياخشى كۆرمەيدىغان خىزمەتنى قىلىۋاتقان بولسىڭىز، بۇ خىزمەت سىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالىڭىزنى تېخىمۇ چىرايلىق كۆرسىتىدۇ خالاس، ئۇنداقتا سىز چوقۇم ساراڭ بولۇپ قاپسىز» دېگەن ئىدى.
بىز ئەمدىلا تۇغۇلغاندا ھەممىمىز پاك ئىدۇق. خۇددى پىششىقلاپ ئىشلەنمىگەن ئالماسقا ئوخشايتتۇق. ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا، ئەتراپتىكى دۇنيانى ئۆگىنىشكە، توغرا ۋە خاتانى پەرق ئېتىشكە باشلىدۇق. بۇ جەرياندا، بۇ ئالماس ئاستا ـ ئاستا باشقىلار ئۈمىد قىلغاندەك كېسىلدى. باشقىلارنىڭ قارىشىچە، بۇ ئالماس نۇقسانسىز ئىكەن. لېكىن ئۆزىمىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بەلكىم بىز ئارزۇ قىلغاندەك بولماسلىقى مۇمكىن.
قۇرامىمىزغا يەتكەندىن كېيىنمۇ بالىلىق قەلبىمىزنى ساقلاپ قېلىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن، خۇددى كىچىك بالىغا ئوخشاش بۇ دۇنيانى ئىزدەپ، ھەقىقىي ئۆزىگە تەۋە بولغان ئىشەنچ بىلەن، ئۆزىمىز قىزغىن سۆيىدىغان تۇرمۇشىمىزنى تېپىشىمىز كېرەك. زۆرۈر تېپىلغاندا، قانچە قىيىن بولسىمۇ باتۇرلۇق بىلەن ئازراق ئۆزگىرىش قىلىشىمىز كېرەك، كىشىلىك ھايات چەكلىك، ئەمدى باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆتكۈزمەڭ.
No comments:
Post a Comment