سۇ ئىچىشنى بىلەمسىز؟
ئىچىدىغان سۇ
سۇ ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى، ئىنسانلار ھايات كەچۈرۈشتە تايىنىدىغان مۇھىم شەرت بولۇپ، ئادەمنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ، ئۇ ئادەم بەدىنىنىڭ نورمال فىزىئولوگىيىلىك پائالىيىتىنى ساقلايدۇ.
ئادەم بىر قانچە كۈن، ھەتتا 1~2 ھەپتە يېمەكلىك يېمىسىمۇ بولىدۇ، ئەمما سۇ ئىچمىسە بولمايدۇ. ئورگانىزىم %20 سۇنى يۇقىتىدىغان بولسا ھاياتلىقنى ساقلاپ قېلىشقا ئامال بولمايدۇ. سۇ ھاياتلىققا زۆرۈر لازىملىق ھەرخىل ماددىلارنى توشۇپ، بەدەندىكى ماددا ئالماشتۇرۇشتىن پەيدا بولغان كېرەكسىز ھاسىلاتلارنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلاپ، بەدەندىكى بارلىق خىمىيىلىك رېئاكسىيىلەرنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. كۈندە ئىچىدىغان سۇدىن باشقا، كىشىلەر ئىستېمال قىلغان يېمەكلىكلەرنىڭ %70ى سۇ قالغان %30 ى كراخمال، ئاقسىل ۋە ياغ قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
ئادەتتە ئىچىدىغان سۇ قايناق سۇ، مىنېرال سۇ، ساپ سۇ قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
قايناق سۇ ھۈجەيرە پەردىسىدىن ئاسان ئۆتۈپ ئورگانىزمدىكى ماددا ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، قان قىزىل ئاقسىلىنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرىدۇ، دېھىدروفېنازا (ھىدروگېنسىزلىغۇچى فېرمېنت) نىڭ ئاكتىپلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، مۇسكۇللاردا يىغىلىپ قالغان سۈت كىسلاتاسىنى يوقىتىدۇ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ.
مىنېرال سۇ ئادەمنىڭ كەيپىياتىنىڭ تۇراقلىشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، قان تومۇرلارنى يۇمشىتىش، سۆڭەكلەرنى ساغلام ۋە قاۋۇل قىلىش، قان قىزىل ئاقسىلىنىڭ بىرىكتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىشتىھانى ئېچىش، مەركىزىي نېرۋىنىڭ پائالىيىتىنى تەڭشەش قاتارلىق روللارغا ئىگە.
سۇ خىلىت (بەدەن سۇيۇقلۇقى)، ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقىنى تەشكىل قىلىدۇ، ئوزۇقلۇق ماددىلارنى ۋە ماددا ئالماشتۇرۇش مەھسۇلاتلىرىنى توشۇيدۇ، تۇراقلىق بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ساقلايدۇ، ھەمدە ئورگانىزىمنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىغا قاتنىشىدۇ.
سۇ يەنە تەر چىقىرىشنى ۋە تېرە يېغىنىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىلىشىنى كۆپەيتىپ، تېرىنى سىلىق بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
كۈنىگە 5~6 قېتىم سۇ ئىچىش لازىم، ھەر كۈنى 8~6 ئىستاكان سۇ ئىچسە مۇۋاپىق بولىدۇ. كۆپلەپ تەرلەش، ئىچ سۈرۈپ كېتىش قاتارلىق سۇ يۇقىتىش كۆپرەك بولغان ئەھۋالدا، ئىچىدىغان سۇنىڭ مىقدارىنى مۇۋاپىق ھالدا كۆپەيتىش لازىم.
ئادەم بەدىنىدە سۇ كەمچىل بولغاندىن كېيىن نۇرغۇن پايدىسىز ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ، لېكىن ئەگەر سۇ زىيادە كۆپ، زىيادە تېز ئىچىلسىمۇ يۈرەكنىڭ ۋە بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، سۇلۇق ئىششىق ياكى قان سۇيۇلۇش كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا سۇدىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، شۇڭا سۇنى ئاز مىقداردا، كۆپ قېتىم ئىچىش لازىم.
قاتتىقلىق دەرىجىسى زىيادە يۇقىرى سۇ تەركىبىدە ھەمىشە كۆپ مىقداردا كالتسىي، ماگنىي تەركىبلىرى بولىدۇ. ئۇزۇن مۇددەت مۇشۇنداق سۇنى ئىستېمال قىلغاندا، ئاسانلا تاش پەيدا بولۇش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
مىنېرال سۇ ئۇزۇن مۇددەت كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلىشقا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ، بولمىسا بەزى مىكرو ئېلېمېنتلار چەكتىن ئېشىپ كېتىپ سالامەتلىككە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
ساپ سۇ تەركىبىدە مىنېرال ئېلېمېنتلار ۋە ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق باكتېرىيىلەر كەمچىل بولغانلىقتىن، ئۇنى ئۇزۇن مۇددەت ئىچسىمۇ ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ياكى ئادەم بەدىنىنىڭ باكتېرىيىگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.
ئۇزۇن تۇرۇپ قالغان سۇدا ھەمىشە نۇرغۇن باكتېرىيىلەر پەيدا بولۇپ قالىدۇ، بۇنداق سۇنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم. خام سۇ ياكى تەكرار قاينىتىلغان سۇنى ئىچمەسلىك كېرەك.
تاماقنى يېگەندىن كېيىن كۆپ مىقداردا سۇ ئىچمەسلىك لازىم، چۈنكى سۇ ئاشقازان-ئۈچەيدىكى ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقىنى سۇيۇلدۇرۇپ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. ئەگەر تاماقتىن كېيىنلا سۇ ئىچىش ئادەتكە ئايلانسا، ھەزىم قىلىش ناچارلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، سالامەتلىككە تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن.
bilimdan
bilimzar
No comments:
Post a Comment