Search This Blog

Friday, November 15, 2019

كەلگۈسى 50 يىلدا كۆرۈلىدىغان توققۇز چوڭ پەن-تېخنىكىلىق تۈر

كەلگۈسى 50 يىلدا كۆرۈلىدىغان توققۇز چوڭ پەن-تېخنىكىلىق تۈر

ئىنسانلار 21-ئەسىرگە قەدەم قويغاندىن كېيىن پۈتكۈل جەمئىيەت بىر مىسلىسىز پەن-تېخنىكا دەۋرىگە كىردى، كىشىلەر ھەتتا 20 يىل بۇرۇنقى يانفونسىز تۇرمۇشنى قانداق ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ، ھالبۇكى كەلگۈسى دۇنيا قانداق ئۆزگىرىپ كېتىدۇ؟ بۈگۈنكى كۈندە ئالىملار نۆۋەتتىكى ئىلىم-پەن ساھەسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ 50 يىل ئىچىدە كۆرۈلۈشى مۇمكىن بولغان توققۇز خىل پەن-تېخنىكىلىق تۈرنى يەكۈنلەپ چىقتى.

1. ئادەم ئەزاسى ياساش تېخنىكىسى
نۆۋەتتە ئىلىم-پەن ساھەسىدە ئادەم ئەزالىرىنى داۋالاش تېخنىكىسى تېخى كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس، نۆۋەتتە تەتقىقات يۆنىلىشى قانداق قىلىپ ئادەم ئەزالىرىنى قايتا ياساپ چىقىشقا قاراپ تەرەققىي قىلماقتا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالىملار ھايۋانلار تېنىدە ئەزا كۆچۈرۈش تەجرىبىسىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى، ئەگەر بۇ تېخنىكا ئىنسانلارغا ئىشلىتىلسە كەلگۈسىدە ئادەمنىڭ تېنىدىكى ھۈجەيرىدىن پايدىلىنىپ كېرەكلىك ئەزانى يېتىشتۈرۈپ چىققىلى بولىدۇ، ئالىملار بۇ تېخنىكا كەلگۈسى 50 يىل ئىچىدە ئىنسانلارغا ئىشلىتىلىدۇ دەپ قارىماقتا.

2. تۇنجى ئاي شارى بازىسى
يېقىنقى يىللاردا كۆپلىگەن دۆلەت ئالەم بوشلۇقى ھەققىدە ئىزدىنىش نىشانىنى يەنە ئاي شارىغا قاراتتى، ئۇلار ئاي شارى يۈزىدىكى مول گېلىي-3 بايلىقنى قېزىش بىلەن بىرگە، ئاي شارىدا تۇنجى ئۇزۇن مەزگىللىك بازا قۇرۇشنى ئۈمىد قىلماقتا، نۆۋەتتە NASA بۇ پىلاننى كېيىنكى ئايغا چىقىش ھەرىكىتىگە كىرگۈزدى، NASAنىڭ باشلىقى جىم 35-نۆۋەتلىك ئالەم بوشلۇقى باشلىقلار ئۇچرىشىش يىغىنىدا 2024-يىلى ئاي دارى ئوربېتاسىدا بوشلۇق پونكىتى قۇرۇپ، ئاي شارى يۈزىدە تەجرىبىخانا قۇرۇشنى ئۆتەڭ ۋە ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى ئوتتۇرىغا قويدى، مۇھىت شارائىتى ياخشى بولغاچقا، ئاي شارى بازىسى كەلگۈسىدە تۇنجى سىرتقى ئالەمدىكى قويۇپ بېرىش بازىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

3. سۈنئىي تېرە
ئادەم تېنىنىڭ كۆپ قىسىم ئورۇنلىرى قايتا ھاسىل بولۇش ئىقتىدارىغا ئىگە، ئەمما تېرىنىڭ قايتا ھاسىل بولۇش ئىقتىدارى ئاستا بولۇپ قالماي ئۈنۈمى كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس، نۆۋەتتە تېببي ساھە بىيونىكىلىق ماتېرىيالدىن پايدىلىنىپ سۈنئىي تېرە ياساپ چىقىش ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە، بۇ ئارقىلىق كەڭ دائىرىدە تېرە بۇزۇلۇش ئەھۋالى كۆرۈلگەندە ئورنىغا نورمال تېرىنى ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ، بۇ تېخىكا كەلگۈسىدە ھۆسن تۈزەش ساھەسىدىكى تۈر بولۇپ قالىدۇ.

4. ساغلاملىققا 24 سائەت دېئاگنوز قويۇش
سالامەتلىك تەكشۈرۈشتىكى مۇرەككەپ جەريانلارمۇ ئىنتايىن ئاددىي ۋە قولايلىشىدۇ، كەلگۈسىدە بىر تامچە قان ئارقىلىق كەلگۈسىدە كۆرۈلۈشى مۇمكىن بولغان كېسەللەرنى مۆلچەرلىگىلىكى بولىدۇ ۋە ئاددىي ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق يىراقتىن دېئاگنوز قويۇشنى ئاشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ، كۆپلىگەن چوڭ تىپتىكى داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىدىكى ئىقتىدارلار تەدرىجىي ھالدا كىچىكلەپ ئۆزەك شەكلىدە كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگە توپلاشتۇرۇلىدۇ، بۇ ئارقىلىق سالامەتلىكنى 24 سائەت كۆزىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

5. چوڭ مېڭىگە ئۆزەك كۆچۈرۈش
بۇ يىل 7-ئايدا ماسك قارمىقىدىكى نېرۋا تېخنىكىسى شىركىتى Neuralink تۇنجى نېرۋا-ماشىنا ئۇلىنىش سىستېمىسىنى ئېلان قىلدى، ھەرىكەت ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسىگە بىر تال ئۆزەك كۆچۈرۈلسە، ئۇنىڭ مېڭىسى ئارقىلىق كومپيۇتېر ياكى يانفون ئىشلىتىشىگە ياردەم بېرەلەيدۇ، بۇ سىناق ئىنسانلارنىڭ چوڭ مېڭىسىگە ئۆزەك كۆچۈرۈشتىكى ياردەمچى دەۋرنى ئاچتى، ئالىملار بۇ تېخنىكا كەلگۈسىدە كۆپلىگەن ھەرىكەت توسالغۇسى بار كىشىلەرنىڭ نورمال تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ دەپ قارىماقتا.

6. ئەڭ يېڭى باتارېيە تېخنىكىسى
ھازىرقى لىتىي باتارېيە تېخنىكىسى ئېغىر دەرىجىدە چەككە يېتىپ قالدى، شۇنداقلا كۆچمە ئۈسكۈنىلەرنىىڭ تەرەققىياتىدىكى ھالقىلىق تېخنىكىلارنى چەكلەپ قويدى، ئەلۋەتتە بۇ بىر قانچە يىلدا گىرافن باتارېيە توغرىسىدىكى خەۋەرلەرمۇ ئۈزۈلمەي تارقىلىپ تۇردى، ئەمما تېخنىكىدىكى يېتەرسىزلىك سەۋەبىدىن ھازىرچە نۆۋەتتىكى لىتىي باتارېيەنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ، بىراق نۆۋەتتە باتارېيە ساھەسىدە كۆپلىگەن يېڭى تېخنىكىلار بارلىققا كەلدى، كېيىنكى ئەۋلاد باتارېيەدە گىرافن باتارېيەدىن باشقا يەنە يېڭىچە توك تەمىنلەش ئۈسكۈنىلىرى بارلىققا كېلىشى مۇمكىن.
7. AI ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېز يوللانمىسى
گەرچە كۆپلىگەب چوڭ تىپتىكى ئەشيا ئوبوروت شىركەتلىرى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تېز يوللانما يەتكۈزۈش ئۇسۇلىنى سىناق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ تېخنىكا ئادەملىك مەشغۇلاتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ، كەلگۈسىدىكى AI ئەقلىي ئىقتىدارى ئادەملىك كونتروللىنىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ياكى ئادەمسىز مال يەتكۈزۈش ماشىنىسىدا مال يەتكۈزۈشنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ، ئەلۋەتتە بۇ تېخنىكا نۆۋەتتىكى ئادەملىك مال يەتكۈزۈش ئىش ئورنىنى شاللىۋەتمەيدۇ، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانغا قارىغاندا تېز يوللانما خادىمى تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ھادىسىلەرنى تېخىمۇ ياخشى بىر تەرەپ قىلالايدۇ، شۇڭا كەلگۈسىدىكى تېز يوللانما خادىمىنىڭ ئىش ئورنى بارغانسېرى كۆپىيىدۇ.

8. ساقايماس كېسەلنى داۋالاش
ئىنسانلار يۈز يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان بۇرۇن ساقايماس كېسەل دەپ قارىغان كۆپلىگەن ئەجەللىك كېسەللەرنى داۋالاپ ساقايتالايدىغان بولدى، ئەمما راك كېسىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كېسەللەرنىڭ ھازىرغىچە ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلى يوق، بولۇپمۇ كەك تۈردە ئانتىبىئوتىكلارنى ئىشلىتىش سەۋەبلىك ۋىرۇسقا دورىغا قارشى چىدامچانلىق شەكىللەنمەكتە، كۆپلىگەن ئالىلارنىڭ قارىشىچە بىر قىسىم مۇھىت بولۇپمۇ ناچار جايلاردا ئىنسانلارنىڭ بارلىق ئانتىبىئوتىكلىرىغا تاقابىل تۇرالايدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى ۋىروس شەكىللەنگەن، ئەمما نۆۋەتتە گېن ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلى دەيدىغان يېڭى تېخنىكا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، نۆۋەتتە ساقايمايدىغان كېسەللەرگە تاقابىل تۇرغىلى بولۇپلا قالماي، يەنە ئۈزلۈكسىز تۈردە تەرەققىي قىلىۋاتقان دورىغا چىداملىق ۋىرۇسلارغىمۇ ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ.

9. دەرىجىدىن تاشقىرى شەھەرلىشىش
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پۈتۈن دۇنيادىكى نوپۇس ئۈزلۈكسىز تۈردە چوڭ شەھەرگە مەركەزلەشمەكتە، بۇنداق ئەھۋال داۋاملاشسا نوپۇسى سانى 100 مىليوندىن ئاشىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى شەھەر شەكىللىنىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئەھۋال يەر شارى ئېكولوگىيەسىگە نىسبەتەن ئىنتايىن ساغلام ھالەت، نوپۇسنى ئاز بىر قىسىم رايونغا مەركەزلەشتۈرگەندە ئېكولوگىيەلىك سىستېمىغا بولغان بۇزغۇنچىلىقنى ئازايتقىلى بولىدۇ، بولۇپمۇ دەرىجىدىن تاشقىرى شەھەرنىڭ بارلىققا كېلىشى بىر قىسىم نوپۇس سانى ئاز شەھەرنىڭ يوقىلىشى ياكى تىپ ئۆزگەرتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بۇ تېخنىكىلار ھازىر تەرەققىي قىلىۋاتقان ساھە، سىزنىڭچە يەنە قانداق كەلگۈسى تېخنىكىلار بار؟

bilimdan   #bilimzar# 

No comments:

Post a Comment