ئەلئېھرامنى ياساش مەخپىيىتى
بۈگۈنكى دۇنيادىكى داڭلىق سۈنئىي مەنزىرىلەر ئىچىدە مىسىرنىڭ جىزا ئەلئېھرامى قەدىمى غەرب دۇنياسىدىكى« دۇنيادىكى يەتتە چوڭ مۆجىزە» نىڭ بىرى بولۇپ قالدى.جىزا پىرامىداسى بىر ئايرىم ئېھرام ئەمەس، بەلكى بىر توپ ئىھرامنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى.ئۇلار نىل دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى قۇملۇققا جايلاشقان بولۇپ، قەدىمكى مىسىر دەۋرىدىكى ئەڭ ئېگىز قۇرۇلۇش مۇۋەپپەقىيىتى ھېسابلىنىدۇ.جىزا ئېھرامىنىڭ ئىچىدە ئەڭ چوڭ، مۇكەممەل ساقلانغىنى مىلادىدىن بۇرۇنقى 2600-يىلدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 2500-يىللىرى قۇرۇلغان خۇف ئېھرامى بىلەن مېنكائۇل ئېھرامى بولۇپ، ئومۇملاشتۇرۇلۇپ چوڭ ئېھرام دېيىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، خۇف پىرامىداسى ئەڭ ھەيۋەتلىك ھېسابلىنىدۇ.
خۇف ئېھرامىنىڭ ئېگىزلىكى تەخمىنەن 146.5 مېتىر، ئاستى تەرىپىنىڭ ئايلانمىسى بىر كىلومېتىر كېلىدۇ، مۇنار گەۋدىسى 2 مىليون 300 مىڭ قورام تاشتىن قوپۇرۇلغان، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىرىنىڭ ئېغىرلىقى 2.5 توننا كېلىدۇ.كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، تاش ئارىسىدا ھېچقانداق يېپىشقاق ماددا يوق، بەلكى تاش بىلەن تاش بىر-بىرىنى قاتلاپ ياسالغان، ئەمما ئىنتايىن نېپىز بىر تىغ تاشلار ئارىسىدىكى يوچۇققا كىرەلمەيدۇ.گەرچە نۇرغۇن ئالىم، تەتقىقاتچىلار خۇف ئېھرامىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ياسىلىش سىرىنى باشتىن ئاخىر يىشىپ چىقالمىدى.
بۇ ئېھرامنى ئۆلچەش ۋە ھېسابلاش ئارقىلىق،بىر گۇرۇپپا ئەقىلگە سىغمايدىغان سانلىق مەلۇمات چىقتى: ئېھرام ياسىغاندا، مىسىرنىڭ ئەينى چاغدىكى ئاھالىلىرى چوقۇم 50 مىليون ئادەمگە يېتىشى كېرەك، بولمىسا قۇرۇلۇشقا كېرەكلىك ئەمگەك كۈچىنى ساقلاپ قالغىلى بولمايدۇ. لېكىن، تارىخىي كىتابلاردا خاتىرىلىنىشىچە، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 3000-يىلى پۈتۈن دۇنيادىكى ئاھالە سانى ئاران 20 مىليون ئەتراپىدا بولغان.ئۇنىڭدىن باشقا، ئېھرامنىڭ قۇرۇلۇش جەريانىمۇ نۇرغۇن ئالىملارنىڭ قىيىن مەسىلىلىرىنىڭ بىرى.
ھەممىگە ئايانكى، ئېھرام غايەت زور تاشتىن ياسالغان، ئۇنداقتا بۇ غايەت زور تاشلار قانداق قىلىپ جىزا ئېگىزلىكىگە يۆتكەپ كېلىنگەن؟ ئەنئەنىۋى كۆز قاراش بولسا، قەدىمكى مىسىرلىقلار دومىلىما ياغاچ قۇرۇلمىسىدىن پايدىلىنىپ تاش توشىغان.ئۇنداقتا نۇرغۇن ياغاچ كېرەك بولىدۇ،بۇ غايەت زور تاشلارنى قانداق قېزىش ۋە توشۇشنى ھازىرچە قويۇپ تۇرايلى، پەقەت ئۇلارنى تىزىپ چىقىشنىڭ ئۆزى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز زور قۇرۇلۇش.ھەر كۈنى 10 قورام تاشنى قوپۇرغىلى بولىدۇ دەپ پەرەز قىلساق، ئۇنداقتا خۇف ئېھرامىنى تاماملاشقا كېتىدىغان ۋاقىت 230 مىڭ كۈن، يەنى 630 يىل بولىدۇ.
كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، بۇنىڭدىن 3000 يىل ئىلگىرى، قەدىمكى مىسىرلىقلار زادى قانداق تەرەققىي قىلغان ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى ئىگىلىگەن؟ شۇنىڭ بىلەن، كىشىلەر بۇ گۇمانلارنىڭ مەنبەسىنى تاشقى پىلانت ئادىمىگە قاراتتى. ئالىملار ئىلگىرى ئىھرامنىڭ ئوتتۇرىدا تەسۋىرىي يېزىقتا خاتىرىلەنگەن بىر ھۆججەتنى بايقىغان.تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، ھۆججەتتە تەخمىنەن 5000 يىل ئىلگىرى« ئۇچار جىسىم» دەپ ئاتالغان بىر نەرسە قاھىرە ئەتراپىغا سوقۇلۇپ كەتكەن، ئۇچار جىسىمدا بىر ھايات قالغۇچى بار ئىكەن.ئەسەرلەردە بۇ ھايات قالغۇچى« لايىھىلىگۈچى» دەپ ئاتىلىدۇ.شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ئارخېئولوگلارنىڭ قارىشىچە، بۇ« لايىھەلىگۈچى» دەل مىسىرنىڭ ئېھرام ئەسىرى ۋە ياسىغۇچىلار ئىكەن، ئېھرام دەل ئۇنىڭ سىرتقى ئالەم بوشلۇقىغا چىقارغان ياردەم بەلگىسى ئىكەن.
ئۇنداقتا ئېھرام ھەقىقەتەن تاشقى پىلانت ئادىمى تەرىپىدىن ياسالغانمۇ؟ ئېنىقكى بۇ ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئېھرامدىكى نۇرغۇن سىرلار ئاخىر يېشىلىدۇ.
bilimdan #bilimzar#
No comments:
Post a Comment