نىيەت يەنى ئوي خىيال ئارقىلىق جىسىملارنى كونترول قىلغىلى بولامدۇ
بىئولوگىيىلىك توك ھاياتلىق پائالىيىتىنىڭ ئاساسىي ھادىسىسى بولۇپ، بارلىق جانلىقلارنىڭ يا كۈچلۈك يا ئاجىز ھالەتتىكى بىئولوگىيىلىك توكى بولىدۇ.
ھۈجەيرىنى ئىنگلىزچە
“cell”
دەيدۇ
“cell”
دېگەن سۆزنىڭ باتارېيە دېگەن مەنىسى بار، يەككە باتارېيەگە ئادەتتە
“cell”
ئىشلىتىلىدۇ، بىر ھۈجەيرە مىكرو تىپلىق كىچىك باتارېيەگە باراۋەر بولۇپ، بىيولوگىيەلىك توك مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ
ھالبۇكى 1857ـ يىلى، ئەنگلىيە ئالىمى كاتون توشقان مېڭىسى ۋە مايمۇن مېڭىسىدە مېڭە ئېلېكتىر پائالىيىتىنى خاتىرىلىگەن ھەمدە «مېڭە ئېلېكتىر ھادىسىلىرى تەتقىقاتى» ئىلمىي ماقالىسىنى ئېلان قىلغان، لېكىن ئۇنىڭ تەتقىقاتى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىمىغان
شۇنىڭ بىلەن 1872ـ يىلى بېك ئىسىملىك بىر كىشى يەنە بىر قېتىم مېڭە ئېلېكتىر دولقۇنى ئىلمىي ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، مېڭە ئېلېكتىر ھادىسىلىرىنى تەتقىق قىلىش دولقۇنىنى قوزغىغان
ھالبۇكى 1924ـ يىلى، گېرمانىيەلىك روھىي كېسەللىكلەر ئالىمى بېرگېر ئادەم مېڭىسىنىڭ مېڭە ئېلېكتىر دولقۇنىنى خاتىرىلەپ، ئادەمنىڭ ئېلېكترو ئېنسېفالوگرامما(مېڭە توكى) رەسىمىنى سىزىپ چىققان
مېڭە ئېلېكتر دولقۇنى بىر خىل ئۆزلۈكىدىن ئېلىپ بېرىلىدىغان رىتىملىق نېرۋا ئېلېكتر پائالىيىتى. مېڭە ئېلېكتر دولقۇنى كونۇسسىمان ھۈجەيرە چوققىسىدىكى دەرەخسىمان ئۆسۈكچىسىنىڭ ئۆسۈكچە تېگىشمىسىدىن كېيىنكى پوتېنسىئالىدىن كەلگەن بولۇپ، كۆپ مىقداردىكى نېرۋا ھۈجەيرىلىرىدە ماس قەدەمدە يۈز بەرگەن ئۆسۈكچە تېگىشمىسىنىڭ كېيىنكى پوتېنسىئال يىغىندىسى ئارقىلىق شەكىللەنگەن
نېرۋا ھۈجەيرىلىرى ھەرىكەت قىلىش جەريانىدا ئېلېكتىر سايمانلىرى خاراكتېرلىك تەۋرىنىشنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىلىم ـ پەن ئەسۋابلىرىدا نامايان بولىدۇ، قارىماققا خۇددى دۇلقۇن تەۋرىنىشىگە ئوخشايدىغان بولۇپ ، ئالىملار ئۇنى مېڭە ئېلېكتىر دولقۇنى دەپ ئاتايدۇ. مېڭە ئېلېكتر دولقۇنى ماھىيەتتە مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ رىتىملىق ھالدىكى نېرۋا ئېلېكتر پائالىيىتىدىن ئىبارەت
مېڭە ئېلېكتر دولقۇنىنىڭ چاستوتىسى ئادەتتە 1 ھېرتىستىن 30 ھېرتىسقىچە بولىدۇ. ئالىملار مېڭە ئېلېكتر دولقۇنىنىڭ چاستوتىسىنى بەش خىل دولقۇن بۆلىكىگە ئايرىغان
مەسىلەن : 2 ھېرتىستىن 4 ھېرتىسقىچە بولغىنى
δ
دولقۇنىغا تەۋە. ئادەم بوۋاق مەزگىلىدە، ياكى ئەقلىي ئىقتىدارى يېتىلمىگەن ئادەم ياكى قۇرامىغا يەتكەنلەر قاتتىق چارچاپ، ئۇخلاپ ۋە ناركوز قىلىنغان ھالەتتە، چېكە ۋە چوققا قىسىمىدا بۇ خىل دولقۇن بۆلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ
يەنە 4 ھېرتىستىن 8 ھېرتىسقىچە
θ
دولقۇنىغا تەۋە. ياش ـ ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىدىكى ئېلېكترو ئېنسېفالوگرامما ئاساسلىقى مۇشۇ دولقۇن بۆلىكىدە بولىدۇ، روھىي كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار ۋە قۇرامىغا يەتكەنلەر روھى چۈشكۈنلىشىپ كەتكەندە، بۇ دولقۇن بۆلىكىمۇ ناھايىتى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ
ئاندىن 8 ھېرتىستىن 13 ھېرتىسقىچە
α
دولقۇنىغا تەۋە. بۇ دولقۇن بۆلىكى بولسا نورمال ئادەم مېڭىسىنىڭ ئېلېكتر دولقۇنىنىڭ ئاساسىي رىتىمى بولۇپ ، ئادەم سەگەك، تىنچ ھەم كۆزىنى يۇمغاندا، بۇ بۆلەك چاستوتا بىر قەدەر مۇقىم بولىدۇ.
ئەگەر كۆزنى ئېچىپ، نۇرنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچرىغاندا ياكى باشقا غىدىقلاشلارنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ دولقۇن بۆلىكى دەرھال يوقايدۇ
يەنە13 ھېرتىستىن 30 ھېرتىسقىچە
β
دولقۇنىغا تەۋە. ئادەم روھىي جەھەتتىن جىددىيلەشكەندە، كەيپىياتى جىددىيلەشكەندە ياكى ھاياجانلىنىپ كەتكەندە، مەسىلەن، قاباھەتلىك چۈشتىن چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتكەندە، دەل مۇشۇ چاستوتا بۆلىكىدە بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ
ئاخىرىدا 30 ھېرتىستىن چوڭ بولغانلىرى
γ
دولقۇنىغا تەۋە بولۇپ، تېز رىتىملىق مېڭە ئېلېكتىر دولقۇنىغا تەۋە
مېڭە ئېلېكتر دولقۇنى باشنىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىدىكى چاستوتىسى، ئامپىلتۇدىسى ۋە فازا ئۆزگىرىشى بولۇپ ، مېڭىنىڭ ئىقتىدارى ۋە ھالىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ. ئادەم خۇشال بولغاندا ياكى چوڭقۇر خىيال قىلغاندا، رىتىمى تېز بولغان
،β، δ ،θ
، دولقۇنلار تەدرىجىي ئاجىزلاپ، مۇقىم بولغان
دۇلقۇنى α
بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. ئادەمنىڭ ئىلھامى ئادەتتە موشۇ دولقۇن بۆلىكىدە پەيدا بولىدۇ
نورمال مېڭە ئېلېكتر دولقۇنىنى ساقلاش ئۈچۈن چوڭ مېڭە بىلەن دۆڭچە مېڭە ساق ـ سالامەت بولۇشى كېرەك. ئەگەر چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتى بىلەن دۆڭچە مېڭىنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈۋېتىلسە، مېڭە ئېلېكتىر دولقۇنىنىڭ رىتىمى يوقاپ كېتىدۇ
مېڭە ئېلېكتىر سىگنالى ئاجىز بولۇپ، ناھايىتى ئاسانلا مەسىلەن، مۇسكۇل ئېلېكتىرى ۋە پۇت ـ قول ھەرىكىتى سىگنالى قاتارلىق باشقا سىگناللارنىڭ كاشىلىسىغا ئۇچرايدۇ
مېڭە ئېلېكتر دولقۇنى ئىنسانلارنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئېلېكترو ئېنسېفالوگرامما ئادەم بەدىنىنىڭ ساغلاملىق دەرىجىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئوبيېكتىپ كۆرسەتكۈچ. مېڭە ئېلېكتر دولقۇنى ھادىسىسىنىڭ بايقىلىشى كەڭ ئىشلىتىلىش ئىستىقبالىنى ئېلىپ كېلىدۇ
مېڭە ئېلېكتر دولقۇنى ھادىسىسىنى مېڭە ئىلمىنىڭ ئاساسىي نەزەرىيە تەتقىقاتىغا ئىشلىتىپلا قالماي، كلىنىكىلىق ئەمەلىيەتكە تەتبىقلاشقا بولىدۇ. مېڭە دولقۇنى خەرىتىسى نۆۋەتتە ئۇيقۇنى تەتقىق قىلىشنىڭ ئەڭ ئوبيېكتىپ ئاساسى بولۇپ، ئۇيقۇدىكى مېڭە دولقۇنىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۆزىتىپ، ئۇيقۇدىكى ئوخشاش بولمىغان مەزگىلنى پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ.
مېڭە ئېلېكتىر دولقۇنى ھەر خىل باش ئىچى كېسەللىك ئۆزگىرىشىگە، مەسىلەن، مېڭە سەكتىسى، مېڭە ياللۇغى، مېڭە ئۆسمىسى، ماددا ئالمىشىش خاراكتېرلىك مېڭە كېسەللىك ئۆزگىرىشى قاتارلىقلارغا قارىتا ناھايىتى چوڭ دىئاگنوز قويۇش ياردىمى بار، بولۇپمۇ تۇتقاقلىق كېسىلىگە دىئاگنوز قويۇشتا، مېڭە ئېلېكتىر دولقۇنى زۆرۈر ئاساس ھېسابلىنىدۇ
مېڭە ئېلېكترىگە ئوخشاش، مۇسكۇل توقۇلمىلىرى تارايغاندا، ئوخشاشلا ئېلېكتر سىگنالى، يەنى مۇسكۇل ئېلېكتر سىگنالى ھاسىل بولىدۇ.
بىر ئادەم قولىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىدە ئېلېكتىر سىگنالى ھاسىل قىلىپ، مەركىزىي نېرۋا ئارقىلىق بىلەكنىڭ ئەتراپىدىكى نېرۋىغا يەتكۈزۈپ، مۇسكۇل ھۈجەيرىسىنى قوزغىتىپ مۇسكۇل ئېلېكتىر سىگنالى ھاسىل قىلىپ، مۇسكۇل توپىنىڭ تارىيىش ھەرىكىتىنى كونترول قىلىدۇ
سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق مۇسكۇل توكى مېخانىك قولى بولسا مۇسكۇل ئېلىكتىر سىگنالى ئارقىلىق بىلەك ھالقىسىنى يىغىپ، بىلەكتىكى مۇسكۇل توكى سىگنالىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ماشىنىلىق ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئەقلىي ئىقتىدارلىق مېخانىك قولغا تەرجىمە قىلىپ بىرىپ ، مۇناسىپ قول ئىشارىتى ھەرىكىتىنىڭ ئىقتىدارىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى چوڭقۇر ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، چوڭ مېڭە سىگنالىدىن پايدىلىنىپ بىۋاسىتە ئېغىز تىلى جۈملىسى ھاسىل قىلغان بولۇپ ، بۇ جۈملىلەردىكى سۆزلەر 150گە يېتىپ، نورمال ئادەملەرنىڭ سەۋىيەسىگە يېقىنلاشقان.كەلگۈسىدىكى بىر كۈنى، كىشىلەر قەلب ئىندۇكسىيىسى ئارقىلىق مۇرەككەپ ئۇقۇملارنى يەتكۈزىدۇ
ئاۋاتار فىلىمىدە، ئەر باش رولچى بىر ھىم بۆلۈمچىدە بولۇپ، مېڭە توكى بىلەن ئاۋاتار بىلەن ئۇلىنىپ، ئۆزىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى يېڭى بەدىنى بىلەن ھەقىقىي دۇنيادا چېپىپ يۈرىدۇ. ھامان بىر كۈنى، ئىنسانلارمۇ ماشىنا بىلەن مۇكەممەل بىرلىشىپ، فانتازىيەگىلا ئوخشاپ كېتىدىغان كەلگۈسى تۇرمۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ
مېڭە ئېلېكتر دولقۇنىنى تەتقىق قىلىش مەلۇم دەرىجىدىن ئېيتقاندا، ئاڭنى تەتقىق قىلىشتۇر. پەن ـ تېخنىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا، بولۇپمۇ كۋانت پەن ـ تېخنىكىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئاڭنىڭ سىرى ھامان بىر كۈنى ئېچىلىدۇ
ئاخىرىدا شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، مېڭە ئېلېكتىر دولقۇنى بىر خىل ئېلېكتىر سىگنالى بولۇپ، ئادەتتىكى ئېلېكتىر سىگنالىغا ئوخشايدۇ، ئۇلاردا ھېچقانداق ماھىيەتلىك پەرق يوق.مەسىلەن، بىر ئىنژېنېر كۆزىنى چىمىلدىتىش ھەرىكىتىدىن پەيدا بولغان مېڭە ئېلېكتىر دولقۇنىنى رەقەملىك 1 قىلىپ بەلگىلەپ، كومپيۇتېرغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، كومپيۇتېر شىفىر يېشىش ئارقىلىق «ئەگرىلىك دەرىجىسى 10 گىرادۇس» دېگەن سىگنالكەن دەپ بىلىدۇ، ئاندىن مېخانىك بىلەككە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مېخانىك بىلەكنىڭ ئېگىلىش ھەرىكىتى ئەمەلگە ئاشىدۇ. مېڭە ئېلېكتر دولقۇنى ئاڭ تەسەۋۋۇرى بولۇپ، ئاڭ تەسەۋۋۇرىنى ئىگىلەش ئاڭنىڭ ماھىيىتىنى ئىگىلىگەنلىك ئەمەس يەنى سىز ئوي-خىيالىڭىز بىلەن جىسىملارنى سىملىق ياكى سىمسىز ھالەتتە كونترول قىلالىشىڭىز مۇمكىن ،بىراق ئادەمنىڭ ئېڭى تولىمۇ مۇرەككەپ ،مەخپىي ھەم ئاشكارا ھالەتتە بولۇپ ،ئاڭنىڭ تىگىگە يىتىش شۇنداقلا ئۇنى ماھىيىتىدىن چۈشىنىش ئىلىم-پەن شەيدالىرىنىڭ ئالدىدىكى قىيىن ھەم قىزىقارلىق نۇقتا ھېسابلىنىدۇ
#بىلىمدان #بىلىمزار
No comments:
Post a Comment