Search This Blog

Friday, November 1, 2019

دۇنياغا زور تەسىر كۆرسەتكەن 4 نەپەر ئالىم

بۈگۈنكى كۈندە، ئىنسانلار پەن-تېخنىكا دەۋرىگە قەدەم قويغىلى 100 يىلدىن ئاشتى، ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە تۇرمۇش ئادىتىدە ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر بولدى.


بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ پەن-تېخنىكىلاشقان تۇرمۇش كەچۈرۈشىمىز، كۆپ خىل قولايلىق قاتناش قوراللىرىغا ئولتۇرۇپ سەپەرگە چىقىشىمىز، ھەر خىل ئۆزگىچە قورال ۋە بايلىقلارنى ئىشلىتىشىمىز ئىلگىرىكى ۋە ھازىرقى ئالىملارنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد جاپالىق ئىزدىنىشى ھەم بوشاشماي كۈرەش قىلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. تارىخنى ۋاراقلاپ كۆرىدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قانچە ئالىمنىڭ ئىنسانىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشقانلىقىنى بايقىشىمىز تەس ئەمەس. ئەمدى ئاپتور بىلەن بىللە ئۇلارنىڭ ھاياتىدىكى ئىش-ئىزلىرى ۋە قوشقان گەۋدىلىك تۆھپىلىرىنى قىسقىچە ئەسلەپ ئۆتەيلى!


ئالدى بىلەن ستېفىن خاۋكىڭنى تونۇشتۇرساق، ئۇ گەرچە مېيىپ بولسىمۇ، ئەمما ئىرادىسى كۈچلۈك ئالىم ئىدى. خاۋكىڭ 1942-يىلى ئەنگلىيەنىڭ ئوكسفورد شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، تۇغما ئەقىللىق بۇ ئۆسمۈر ئالدىدا تەبىئىيەت باغرى تاشلىق بىلەن ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئىشىكنى يېپىپ قويغان. خاۋكىڭ 21 يېشىدىلا مۇسكۇل يىگلەش يان خوردىسى قېتىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، ئۇ تەقدىرنىڭ رەھىمسىزلىكىنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلغان. خاۋكىڭ تەبىئىيەتنىڭ تەڭقىسلىقتا قويۇشى بىلەن مۇرەسسە قىلىشنى تاللىمىدى، ئەكسىچە ئۇ بۇنىڭغا ئاكتىپ تاقابىل تۇرۇشنى تاللىدى، كېيىنكى خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا ئۇ پەقەت ئۈچ بارمىقى بىلەنلا ئادەتتىكى كىشىلەر ئورۇندىيالمايدىغان تەتقىقات ۋە ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىدى. ئۇنىڭ چىڭ تۇرۇشى ۋە تىرىشىشى ئارقىسىدا، ئېينىشتىيىننىڭ كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسىدە تىلغا ئېلىنغان ئاجايىپ قانۇنىيەتلەرنى ئۆز قولى بىلەن ئىسپاتلاپ چىققان. ئۇ يەنە ئېينىشتىيىن ئوتتۇرىغا قويغان نىسپىيلىك نەزەرىيەسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئوبرازلىق چۈشەندۈرگەن ۋە مۇكەممەللەشتۈرگەن.


بۇنىڭدىن باشقا، خاۋكىڭ يەنە قارا ئۆڭكۈر ساھەسىدە ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئۇ قارا ئۆڭكۈرنىڭ پارلىنىش ھادىسىسىنى ئىنچىكە كۆزىتىپ، چېگراسىز ئالەم مودېلىنى بەرپا قىلغان. يەنە «ۋاقىتنىڭ قىسقىچە تارىخى»، «شاكال ئىچىدىكى ئالەم» قاتارلىق كىتابلارنى يېزىپ، كېيىنكىلەرنىڭ قارا ئۆڭكۈر ھەتتا بىپايان ئالەم ئۈستىدە ئىزدىنىشىگە پۇختا ئاساس سالغان.


خاۋكىڭنى سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن، تۆۋەندە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئېينىشتىيىن بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز، گەرچە ھەممەيلەن ئۇنى بىلسەكمۇ. ئېينىشتىيىنمۇ ئوخشاشلا ئۇلۇغ ئالىم، ئۇ يەنىلا كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى تالانتلىق ئالىم. ئىگىلىنىشىچە، ئېينىشتىيىننىڭ ئەقلىي ئىقتىدار بۆلۈنمىسى 160 قا يېتىدىكەن، چوڭ مېڭىسىنى ئىشلىتىش نىسبىتى %20 تىن ئاشىدىكەن، بۇنىڭغا ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ يېتىشى تەس. ئۇ تۇغما ئەقىللىق بولغاچقا، ئەڭ مۇھىمى تىرىشچان بولغاچقا، ئۆزىنىڭ تالانتىنى ئىسراپ قىلمىغان. كۆپ يىل تىرىشىش ئارقىلىق، نۇرغۇن ساھەلەردە تۆھپىلەرنى ياراتقان. مەسىلەن، فىزىكا ساھەسىدە ئېينىشتىيىن دەسلەپ فوتوئېلېكتر ئېففېكتى، ئېنېرگىيىنىڭ ساقلىنىش قانۇنى قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. كۋانت مېخانىكىسىغا بەلگىلىك تۆھپە قوشقان. كېيىن دۇنياغا مەشھۇر تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسى ۋە كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئالەم ۋە دۇنياغا بولغان قارشىنى قايتىدىن تىكلىگەن.


ئۇنىڭدىن باشقا، ئېينىشتېين يەنە يورۇقلۇق تېزلىكىنىڭ چەكلىك بولۇش ئىدىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يورۇقلۇق تېزلىكى ئالەمنىڭ لىمىتلىق تېزلىكى، ئالەمدىكى بارلىق تۇرغۇن ھالەتتىكى ماسسىغا ئىگە شەيئىلەر يورۇقلۇق تېزلىكىگە چەكسىز يېقىنلىشالايدۇ، ئەمما يورۇقلۇق تېزلىكىگە تەڭ كېلەلمەيدۇ ياكى ئۇنىڭدىن ھالقىپ كېتەلمەيدۇ دەپ قارىغان. بۇ چەكلىمە نۇرغۇن ئالىملارنىڭ بېشىنى قاتۇردى، چۈنكى ئەگەر يورۇقلۇق تېزلىكى بىلەن ئىلگىرىلىيەلمىسە ئىنسانلارنىڭ بىپايان ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىشى تەس. شۇنداق بولسىمۇ، ئېينىشتىيىننىڭ كۆز قارىشىغا قارىتا ھازىرقى زامان ئالىملىرى يەنىلا ھۆرمەت پوزىتسىيەسىدە بولۇپ، باشقىچە يول تۇتۇپ تېزلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلدى.


تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئېينىشتىيىن يەنە تارتىش كۈچى دولقۇنى، قارا ئۆڭكۈر ۋە قۇرت ئۆڭكۈرىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ بىشارەتنى قالدۇرغان. بۇ ئۈچ چوڭ شەيئى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندا، نۇرغۇن كىشىلەر ئېينىشتىيىننىڭ ئىدىيىسىگە دىمىغىدا كۈلۈپ قويۇپ، ئۇنى قۇرۇق خىيال دەپ قارىغان. ۋاقىتنىڭ سىنىقى ۋە ئىسپاتلىشى بىلەن، نۆۋەتتە تارتىش كۈچى دولقۇنى ۋە قارا ئۆڭكۈر ئىسپاتلاندى، بۇ ئېينىشتىيىننىڭ تەپەككۇرىنىڭ كەڭلىكى، چوڭقۇرلۇقى ۋە ئالدىن كۆرەرلىكىنى نامايەن قىلىپ، ھەقىقەتەن كىشىنى قايىل قىلىدۇ.


ئىلىم-پەن ساھەسىدە خاۋكىڭ ۋە ئېينىشتېيندىن باشقا، يەنە ئىككى ئالىم كىشىلەرنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان، بىرى نىكولا تېسلا، يەنە بىرى داۋىنچى. نىكولا تېسلا قېتىرقىنىپ پەن-تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، نام-مەنپەئەتكە سەل قارايدىغان بىر ئالىم، ئۇ دەرىجىدىن تاشقىرى ئەقىل-پاراسەتكە ئەڭ يېقىن ئالىم دەپ ئاتالغان، ئۇنىڭ كەشپىيات نەتىجىسى ھەتتا ئېدىسوندىنمۇ ئېشىپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ ئىلگىرى 11 قېتىم نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىش پۇرسىتى بولغان، لېكىن ئۇ ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن رەت قىلغان ياكى مۇكاپاتلىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغان. ئۇنىڭ ئىش-ھەرىكىتى ئۇنىڭ پەزىلىتىنى نامايان قىلدى، چۈنكى ئۇ ئۆزگىرىشچان توكقا ئائىت نۇرغۇن پاتنېتلىرىنى ئاشكارا ئېلان قىلىپ، ئۇنى خاس سودىلاشتۇرۇشتىن يېراق تۇرغان. بولمىسا دۇنيا تەرەققىياتى يەنىمۇ ئاستا بولۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى. ئۇ نام-ئاتاق قوغلاشمايدىغان، ئىلىم-پەن ۋە ئىنسانىيەتكە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن تۆھپە قوشقان ئالىم.


ئاخىرىدا تونۇشتۇرىدىغىنىمىز داۋىنچى بولۇپ، داۋىنچى تىلغا ئېلىنسا، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۇنى پەقەت بىر تالانتلىق رەسسام دەپ ئويلايدۇ. ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «ئەڭ ئاخىرقى كەچلىك غىزا»، «مونالىزانىڭ تەبەسسۇمى» قاتارلىقلار بار. ئەمەلىيەتتە، داۋىنچىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى رەسىم سىزىش جەھەتتىلا ئىپادىلىنىپ قالماستىن، ئۇ يەنە كۆزگە كۆرۈنگەن ئاسترونوم، مېخانىك ۋە فىزىكا ئالىمى. ئېينىشتىيىن: ئەگەر داۋىنچىنىڭ قوليازمىلىرى پۈتۈنلەي ئاشكارىلانغان ياكى ساقلانغان بولسا، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى بەلكىم 50 يىل ئالغا ئىلگىرىلىيەلىگەن بولاتتى، دەپ باھا بەرگەن.
#bilimsan    #bilimzar 

No comments:

Post a Comment