7-سەزگۈ،پىسخىكا،چوڭ مېڭە ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەت ھەققىدە يېڭى قاراش
ئادەمدە بەش خىل سېزىم بولىدۇ: كۆرۈش، ئاڭلاش، پۇراش، تېتىش ۋە تېگىش سېزىمى.بۇ بەش خىل تۇيغۇنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئادەمدە يەنە بىر قىسىم تۇيغۇلار بەدىنىمىزدە ۋە ئېڭىمىزدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.مەسىلەن، مېنىڭ مېڭىپ سەكرەپ يىقىلىپ كەتمەسلىكىمگە كاپالەتلىك قىلىدىغان تەڭپۇڭلۇق سېزىمى .
ھازىر بىر خىل قاراش بار، پۇراش سېزىمى، تېگىش سېزىمى، تەم سېزىمى، كۆرۈش سېزىمى ۋە ئاڭلاش سېزىمىدىن باشقا، ئادەمدە يەنە ئۆزىنىڭ ئورنى ۋە ھەرىكەت ھالىتىنى سېزىدىغان ئالتىنچى سەزگۈ بار، ھەتتا يەنە ۋاقىت ۋە بوشلۇقنى سېزىش ئىقتىدارىغا ئىگە يەتتىنچى سەزگۈمۇ بار دەپ قارالماقتا.ئۇلارنىڭ پەرەز قىلىشىچە: بەش تۇيغۇدىن يۇقىرى بولغان ئالتىنچى تۇيغۇ ۋە يەتتىنچى تۇيغۇ ئادەم قەلبىنىڭ ئوبيېكتىپ دۇنياغا بولغان سەزگۈسى، يەنى بەدەننى ئىشلەتمەي، دۇنيانى قەلبى بىلەن ھېس قىلىش ۋە ئۇنىڭغا قاراش،يەتتىنچى تۇيغۇ خۇددى رازۋېدچىكقا ئوخشاش زىيانلىق تاجاۋۇزچىلارنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ، ئېھتىياجلىق بولغان ھامان ئىممۇنىتېت كۈچىنى قوزغىتىپ، ھاياتى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ،ئادەمنىڭ 6ـ سەزگۈسى 7ـ سەزگۈسى سەزگۈ، پەرەز، ئالدىن ھۆكۈم، مۆلچەر قاتارلىقلارغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان يوشۇرۇن ئاڭ ئۇقۇمىدۇر.
ھازىرقى زامان پىسخولوگىيىسى تەتقىقاتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئاڭنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا قارىتىپ، ئادەمنىڭ ئالتىنچى سەزگۈسى بىلەن يەتتىنچى سەزگۈسىنى يوشۇرۇن ئاڭغا تەۋە دەپ قارايدۇ.پىسخولوگلار مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: پاراشوت بىلەن سەكرەش جەريانىدا، ئادەم تېز سۈرئەتتە چۈشۈپ كەتكەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، ۋاقىت ۋە بوشلۇققا ئاڭلىق ھۆكۈم قىلىدۇ، بۇ بەلكىم يەتتىنچى سەزگۈنىڭ ئەڭ مۇكەممەل نامايەن قىلىنىشى بولۇشى مۇمكىن.
ئۇلار يەنە بىر ئىلمىي تەجرىبىدىن مىسال كەلتۈردى: 2019ـ يىلى 3ـ ئاينىڭ 19ـ كۈنى كالىفورنىيە ئىشتاتلىق تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئىنستىتۇتىنىڭ كوللېكتىپى ئادەم مېڭىسىنىڭ ماگنىت مەيدانىنى سېزەلەيدىغانلىقىنى، ماگنىت مەيدانىنىڭ ئۆزگىرىشىگە كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى بايقىدى.ئىنسانلار ماگنىت تۇيغۇسىغا ئىگە، ئەمما بۇنى ئالتىنچى سەزگۈ ياكى ئالتىنچى سەزگۈنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ دەلىلى دېگىلى بولمايدۇ.
بەزىلەر ئالتىنچى سەزگۈنى ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىنىڭ تېنىدىكى زەررىچىلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تېنىدىكى زەررىچىلەر بىلەن بولغان كۋانت چىرمىشىش ھادىسىسىدىن كەلگەن دەپ قاراپ، ئۇرۇق ـ تۇغقانلار ئارىسىدا ئوخشاش بىر خىل گېن شارائىتى مەۋجۇت بولۇپ ، ئالاھىدە ئەھۋالدا ئادەم بەدىنىدىكى گېن زەررىچىسى مۇناسىۋەتلىك بىرلەشمە ھەرىكەت ھالىتىنى پەيدا قىلىدۇ، دېيىشىدۇ.بۇ بىر خىل كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان جاۋاب بولۇپ نۇرغۇن كىشىلەر قايىل بولىشى مۇمكىن .لېكىن، «شېئىرىي تۇيغۇ ئاتومى: سىز ۋە ئالەمدىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنى تۇتاشتۇرىدىغان سەككىز خىل شەكىلسىز ئېلېمېنت» دېگەن كىتابتا، ئالىملار تەجرىبە ئارقىلىق ئادەم بەدىنىنى تەشكىل قىلىدىغان ئاساسىي زەررىچە ئاتومنىڭ خۇددى ئادەم بەدىنى «دەريا»سىدىن ئېقىپ ئۆتكەن سۇغا ئوخشاش، ھەر ۋاقىت يېڭىلىنىپ تۇرىدىغانلىقىنى، جۈملىدىن چوڭ مېڭە نېرۋا ھۈجەيرىلىرىدىكى ئاتومنىڭمۇ شۇنداق بولىدىغانلىقىنى بايقىدى.بىر ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ھامىلە بولۇپ يېتىلگەندە، ئاندىن تۇغۇلۇپ چوڭ بولغۇچە،بەدەندىكى ئاتوملار ئون مىليون قېتىم ئالماشتۇرۇلىدۇ.
ئاتا ـ ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ھەمراھ بولۇش جەريانىدا، بەدىنىدىكى ئاتوملارمۇ ئوخشاشلا نەچچە ئون مىليون قېتىم ئالماشتۇرۇلىدۇ.بالىنىڭ تېنىدىكى ئاتوم بىلەن ئاتا ـ ئانىسىنىڭ تېنىدىكى ئاتوم خېلى بۇرۇنلا ئاتومنىڭ دەۋر ئالمىشىش جەريانىدا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان بولۇپ ئۆزگەرگەن.كۋانت چىرمىشىشى ئارقىلىق تۇغقانلار ئارىسىدىكى قەلب سەزگۈسىنى چۈشەندۈرۈشنىڭ ماددىي ئاساسى كەمچىل.
يەنە بەزىلەرنىڭ پەرەز قىلىشىچە، ئادەمنىڭ ئالتىنچى سەزگۈسى بەش ئۆلچەملىك ۋاقىت بوشلۇقىنىڭ مەۋجۇتلۇقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.دەرۋەقە، ئىنسانلار ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇقتا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، تۆت ئۆلچەملىك بوشلۇقتىكى فىزىكىلىق مودېلنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ،تۆت ئۆلچەملىك ئاساستا يەنە بىر ئۆلچەمنى قوشقاندا، بۇنى ھەقىقەتەن تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.
ئىلمىي تەسەۋۋۇردا چەكلەنگەن رايون يوق.تەسەۋۋۇر كۆپ ھاللاردا ئىلمىي ئۇسۇلدا مۇز يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىگەنگە ئوخشايدۇ .لېكىن، ھەرقانچە گۈزەل ئىلمىي پەرەز بولسىمۇ، ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا تەجرىبە قىلىپ دەلىللەش ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.سىز ئۆزىڭىزنىڭ پەرىزىنى ناھايىتى ئورۇنلۇق دەپ ھېس قىلىپ، ئۇنى چوقۇم ھەقىقەت دەپ بېكىتسىڭىز بولمايدۇ، تېخى يەنە نۇرغۇنلىغان رەددىيەلەرنى قوبۇل قىلىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ .
دانىئېل سىگېر، ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئاكتىپ پىسخولوگ، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېببىي پەنلەر دوكتورى، كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى لوس ئانژېلېس تارماق مەكتىپى روھىي كېسەللىكلەر ئىلمى كىلىنىكا پىروفېسسورى، مەخسۇس ئوقۇش سەزگۈسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ بىرلەشمە ئىجرائىيە مۇدىرى، 7ـ سەزگۈ تەتقىقات ئورنىنىڭ قۇرغۇچىسى.دوكتور دانىئېل شىگېر مېڭە نېرۋا ئىلمى بىلەن پىسخىكىلىق داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈپ، 25 يىللىق كلىنىكىلىق تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، 7ـ سەزگۈ نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پىسخولوگىيەنى نەزەرىيە ئاساسى قىلىپ، چوڭ مېڭىنىڭ مۇرەككەپ ھەرىكەت مېخانىزمىنى چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق، پىسخىكا ۋە چوڭ مېڭىنىڭ ماسلىشىش رولىنى بايان قىلدى.قەدىمىي چوڭقۇر خىيال ئەمەلىيىتى بىلەن ھازىرقى زامان نېرۋا ئىلمى، پىسخىكىلىق داۋالاش ئۇسۇلى بىرلەشتۈرۈلدى.پىسخىكا، چوڭ مېڭە بىلەن كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىدىغان سىرلىق چۈمپەردىسىنى ئاچتى.
پىروفېسسور شىگېر چوڭ مېڭىنىڭ مۇرەككەپ ھەرىكەت مېخانىزمىنى چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق، ناچار پىسخىكىلىق ئادىتىمىزنى قانداق قىلىپ ئۆزگەرتىپ، تېخىمۇ جانلىق، تېخىمۇ ماسلىشىشچانلىققا ۋە بىردەكلىككە ئىگە، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە ھەم تېخىمۇ مۇقىم قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى.تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ بەختلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغان كىشىلەر بۇ كىتابنى ئوقۇپ بېقىشى كېرەك.
پروفېسسور شىگېر چوڭ مېڭىنىڭ بۆسۈش خاراكتېرلىك تەتقىقاتى ئىنسانلار ھەرىكىتىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئاساسىنى چۈشىنىشنى ئادەتتىن تاشقىرى چۈشىنىش بىلەن تەمىنلىدى.پروفېسسور شىگېر مۇنداق دېدى:ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسى خۇددى چوڭقۇر دېڭىزغا ئوخشايدۇ، ھەم ئاجايىپ مول، ھەم تۇتۇقلۇق داۋالغۇپ تۇرىدۇ ھەم ئوي ـ پىكىر، ھېسسىيات، ئەسلىمە ۋە ئارزۇلارغا تولغان بولىدۇ ھەم ۋەھىمە، پۇشايمان، ئەندىشە ۋە ئەپسۇسلىنىشقا تولغان بولىدۇ. بۇ چوڭقۇر دېڭىز دائىم بىزنى قاراڭغۇ ھاڭغا سۆرەپ كىرىپ، نېمە قىلىشىمىزنى بىلەلمەي قالىمىز. پىسخىكىلىق پائالىيەتنىڭ يەتتىنچى تۇيغۇسىنى چۈشىنىش بىزنىڭ بۇ ھاڭدىن قۇتۇلۇشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.ئۆزى بىلەن باشقىلار ئوتتۇرىسىدا ھېسسىيات باغلىنىشى ئورنىتىپ، بەختكە، ساغلاملىققا ئېرىشىپ، كىشىنى رازى قىلىدىغان كىشىلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش كېرەك.
#bilimdan
#bilimzar
No comments:
Post a Comment