1. ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆرمىگەن نەرسىنى، ئېغىزىڭىز بىلەن ئىسپاتلاشقا ئالدىرىماڭ.
2. ئادەم مەيلى قەيەردە بولسۇن، ھامان بىر قىممىتى بولىدۇ، مەيلى سىز ئۇنىڭغا قانچىلىك ئۆچ بولۇپ كېتىڭ، بىر كۈنى ئۇنىڭ ئالدىغا ياردەم تەلەپ قىلىپ بېرىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.
3. ناۋادا باشقىلار سىزگە قارىتىپ تاش ئاتسا، خەققە ئۇ تاشنى قايتۇرۇپ ئېتىپ يۈرمەڭ، بۇ تاشنى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئۇل تېشىغا ئايلاندۇرۇڭ.
4. يېنىڭىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ھەرگىزمۇ يېقىن دوستىڭىزنىڭ ۋە مەلۇم بىر تونۇشىڭىزنىڭ ناھايىتى قالتىس ئىكەنلىكىنى پەش قىلماڭ، چۈنكى باشقىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى سىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.
5. چىدىيالىسىڭىز، بەرداشلىق بەرگۈچە چىداڭ، چىدىيالمىسىڭىز ئۆزگەرتىڭ، ئۆزگەرتەلمىسىڭىز تەن بېرىڭ.
6. قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە ئازراق ھاردۇق ئېلىۋېلىڭ، سۆز قىلغاندا توختاپ ئويلىنىپ سۆزلەڭ، ھەممە ئىش توختاپ ئويلىنىشقا موھتاج.
7. ناچارنى كۆرسىڭىز ناچاركەن دەپ سۆزلەپ يۈرمەڭ، ئەقىللىق ئادەملەر ھەرگىزمۇ باشقىلارنى باھالاپ يۈرمەيدۇ، بىلىملىك ئادەم باشقىلار بىلەن گەپ تالىشىپ يۈرمەيدۇ.
8. غوجامنىڭ خوجىسى بار، چامغۇرنىڭ ئورىسى بار.
9. قاملاشمىغان گەپ-سۆزلىرىڭىز بىلەن باشقىلارغا، بولۇپمۇ دوستلىرىڭىزغا مۇئامىلە قىلماڭ، گەپ-سۆزلىرىڭىز بىلەن باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرسىڭىز، سىزگە سادىق ھېچكىم قالمايدۇ.
10. ھەممە ئادەمنىڭ بىر مەخپىيەتلىكى بار، ھەرگىزمۇ قارشى تەرەپنى ئۆزىنىڭ مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاشقا مەجبۇرلىماسلىقى كېرەك.
11. بەزى ئىشلارنى نۇرغۇن كىشىلەر قىلىپ باقىدۇ ياكى توختىماستىن قىلىدۇ، ئەمما سىزنىڭ ئۇ ئىشنى قىلمىغانلىقىڭىز سىزنىڭ خاتالاشقىنىڭىزنى بىلدۈرمەيدۇ.
12. مېۋە تولۇق پىشقاندا ئاندىن ئۈزۈشكە بولىدۇ، پىكىر-ئىدىيە پىشىپ يىتىلگەندە ئاندىن تولۇق ئىپادىلەشكە بولىدۇ.
13. ئاددىي ئىشلارنى تالاشماڭ، مۇرەككەپ ئىشلارغا ئارتۇقچە باش قاتۇرماڭ، خاپا بولغاندا گەپ قىلماڭ، ئاچچىقلانغاندا قارار چىقارماڭ.
14. سۈكۈت قىلىپ ئەخمەققە ئوخشاپ قالسىڭىز مەيلىكى، ھەرگىزمۇ بىر ئېغىز سۆزلەپلا ئۆزىڭىزنىڭ ئەخمەق ئىكەنلىكىنى ئۆزىڭىز ئىسپاتلاپ قويماڭ.
15. ئاقكۆڭۈللۈك ۋە كەڭ قورساقلىقنى ئەرزىيدىغان ئادەمگە قىلىڭ، ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى چېكى بولسۇن.
16. ئۆزىڭىزنى بەك تۆۋەن چاغلىماڭ، ئۆزىڭىزنى بەك چوڭ چاغلاپمۇ كەتمەڭ.
17. باشقىلارنىڭ ئوغۇل قىز-دوستىنى باھالىماڭ، بۇنى سىزنىڭ باشقىلارغا دەپ يۈرۈشىڭىزنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق. چۈنكى بۇنى سىز دەپ يۈرمىسىڭىزمۇ باشقىلار ئۆزىنىڭ لايىقىنىڭ قانداقلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ، ناۋادا دوستىڭىز ئۆزىنىڭ لايىقى توغرۇلۇق ئېغىز ئېچىپ يۈرمىسە، سىزمۇ ياخشىسى سوراپ يۈرمەڭ.
18. دوستلىرىڭىز بىلەن پۇل ئېلىم-بېرىم قىلغاندا ناھايىتى دىققەت قىلىڭ. ناۋادا پۇل ئېلىپ قالسىڭىز، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن بۇرۇن قايتۇرۇشقا ئادەتلىنىڭ، ناۋادا ئىككىڭلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىرەر سودا بولۇپ قالسا، ھەر قانداق قائىدىلەرنى ئالدىنئالا دېيىشىڭلار، بۇنداق بولغاندا كېيىنكى ئازار يېيىشتىن ساقلىنىپ قالغىلى بولىدۇ.
19. سىز باشقىلارنىڭ ياخشى ئادەم ياكى ئەسكى ئادەم ئىكەنلىكىنى بىر قاراپ پەرقلەندۈرەلمەيسىز، ئەمما سىز بىر ياخشى ئادەم بولالايسىز.
20. دوستلار ۋە خىزمەتداشلار ئارىسىدا، باشقىلارنىڭ سىزگە ياردەم قىلىشىمۇ ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى، سىزگە ياردەم قىلماسلىقىمۇ ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى، باشقىلارنىڭ سىزگە ياردەم قىلىشى ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ ۋەزىپىسى ئەمەس، شۇڭلاشقا باشقىلار ماڭا چوقۇم ياردەم قىلىشى كېرەك دەپ ئويلىۋالسىڭىز بولمايدۇ.
21. پىتنىڭ ئاچچىقىدا چاپاننى ئوتقا سالماڭ.
22. مەسىلىنى باشقىلاردىن ئىزدەپ يۈرگەندىن كۆرە، شۇ ئىشتىن تەجرىبە-ساۋاق يەكۈنلىگەن ئەۋزەلدۇر.
23. ۋەدىگە ئالدىراپ ئىشىنىپمۇ كەتمەڭ، ئەمما سىزمۇ ئالدىراپ ۋەدە بەرمەڭ.
24. مالنى خاتا تونۇپ قالسىڭىز بىر مەزگىل پۇشايمان قىلىسىز، ئەمما ئادەمنى خاتا تونۇپ قالسىڭىز بىر ئۆمۈر پۇشايمان قىلىسىز.
25. قەلبى ئۆزىنىڭ كۆزقارىشى بىلەن تولۇپ كەتكەن ئادەمنىڭ قۇلىقىغا باشقىلارنىڭ قەلب ساداسى كىرمەيدۇ.
26. سىزنى چۈشىنىدىغان كىشى چوقۇم سىزگە كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ يەنە ناھايىتى ئەقىللىق كىشى.
27. ئۆزىڭىزنى ئىپادىلەشكە ئالدىرىماڭ، ئالتۇن پوققا چۈشۈپ كەتسىمۇ يەنىلا پارقىرايدۇ. باشقىلارنى ئىنكار قىلىشقا ئالدىرىماڭ، چۈنكى كۆزگە ئىلمىغان پۇتقا چوماق.
28. سىزگە ئازار بەرگەن كىشى سىزدىن ئاجىز بولسا، ئۇنىڭغا رەھىم قىلىڭ. سىزگە ئازار بەرگەن كىشى سىزدىن كۈچلۈك بولسا، ئۆزىڭىزگە رەھىم قىلىڭ.
29. ئادەم بولغان ئىكەن، چوقۇم ئۆزىدە ئىشەنچ بولۇشى كېرەك، ئەمما ئىشەنچ ھەددىدىن زىيادە ئېشىپ كەتسە، ئۆزىنى خاتا مۆلچەرلەشكە ئايلىنىدۇ. ئادەم ياشىغان ئىكەن چوقۇم كەمتەر ياشاش كېرەك، ئەمما كەمتەرلىكمۇ چېكىدىن ئېشىپ كەتسە ئۆزىگە ئىشىنىشنى يوقىتىپ قويىدۇ.
30. كەيپىياتىڭىزنى كونترول قىلالىسىڭىز، ھاياتىڭىزنى قولىڭىزدا تۇتۇپ تۇرالايسىز.
bilimdan #bilimzar#
No comments:
Post a Comment