ھەر يىلى مۇشۇ مەزگىلدە كۆپلىگەن ئادەملەر ئاسانلا كېسەل بۇلۇپ ، زۇكامداپ ،يۆتىلىپ بۇرنىدىنسۇ ئېقىپ توختىمايدۇ ، قارىماققا مەسىلە ئانچە چوڭ ئەمەستەك تۇرغىنى بىلەن ، دورا يەپ كېسەل كۆرسىتىشكىمۇ بىر مۇنچە پۇل خەجلەيدىغان گەپ، ئەڭ مۇھىمى بەدىنىمىز بىئارام بۇلىدۇ ، يا بۇبىئارامچىلىقنى باشقىلار تەڭ تاتىشىپ بېرەلمەيدۇ ! بۈگۈن بىلىمدان كۆپچىلىككە زۇكامنى
داۋالايدىغان بى مەخپىيەتلىكنى دەپ بەرمەكچى ، كېسىلىڭىزگە شىپا قىلالايدۇ ~
(😃مەزمۇننى ھەمبەھىرلىمىگەنلەرگە پايدا قىلمايتا دەيدۇ ما بىزنىڭ باشلىق )
تۇرۇپ ھەسەل سۈيى
/ سۇغاقتىن بولغان يۆتەل/
▼
پىرىنسىپى
ئاق تۇرۇپ تەركىبىدە كۆپ خىل ۋىتامىنلار بار بۇلۇپ ، بەدەننىڭ ئىمونىت كۈچىنى ئاشۇرۇش ھەمكېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى بار . ھەسەلنىڭ تەمى تاتلىق بۇلۇپ ،ئۆپكە ۋە بۆرەكنىقۇۋۋەتلەيدۇ .ئاق تۇرۇپ بىلەن ھەسەل بۇ ئىككىلىسى كۆپچىلىككە ناتۇنۇش ئەمەس ،ئىككىسىنى بىللەقوشۇپ پىشۇرساق ،ئۆپكىنى نەمدەپ بەلغەمنى بوشىتىش ئۈنۈمى بار !
▼
كېسەللىك ئالامىتى
سوغاقتىن بولغان زۇكام ، گېلى قىچىشىش ، قوشۇلۇپ باش ئاغرىش ، بۇرنى پۈتۈپ قېلىش ،سوغۇقتىن قورقۇش ،بۇرنىدىن سۇ ئېقىپ توختىماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر .
▼
تەييارلاش ئۇسۇلى
ئاق تۇرۇپنى پاكىزە يۇيۇپ رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك قىلىپ توغرايمىز .
ئاندىن مۇۋاپىق مىقداردىكى ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ ، قۇرۇق بىرقۇتىغا تۆكۈپ بىر كۈن تۇرغۇزىمىز .
شىرنىسى چىقىشقا باشلىغاندا ، بۇ قۇۋۋەت تولىقلىغۇچى بولغان قىممەتلىك دورا تەييار بولغان بۇلىدۇ .ئىچىدىكى تۇرۇپنى يېسىڭىزمۇ بۇلىۋېرىدۇ ~
دۈملەنگەن تۇزلۇق ئاپلىسىن
/ ئۆپكە قىززىپ يۆتۈلۈش/
▼
پىرىنسىپى
ئاپلىسىن بەلغەم بوشىتىپ قۇۋۋەت ئېلىپ كېلىدىغان بۇلۇپ ، ئىمونىتىت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ ،ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرىدۇ ،ئاپلىشىن شۆپىكى تەركىبىدە بەلغەم بوشىتىپ يۆتەلنى توختىتىدىغانتەركىب بار بۇلۇپ ، شۇڭا كۆپلىگەن غەربنىڭ دورىلىرىغا قوشۇلغان بۇلىدۇ ، ئۇنى دۈملەپ يىگەندە، يۆتەل توختىتىش ئۈنۈمىنى دەرھاللا كۆرەلەيمىز !
▼
كېسەللىك ئالامىتى
نەپەس سىقىلىش ھەم ئىسسىقتىن بولغان يۆتەل ، گال ئىششىپ ئاغرىش ، كالپۇك قۇرۇپ ،ياللۇغلىنىپ يىپىشقاقلىشىش.
▼
تەييارلاش ئۇسۇلى
تۇز ئارقىلىق ئاپلىسىننىڭ تاشقى پوستىنى پاكىزە يۇيۇىۋېتىمىز ، ئاندىن ئۈستى تەرىپىدىنرەك كېسىپ،كېسىلگەن ئۈستى قىسىمىنى ئېلىپ قويىمىز .
ئاپلىسىننى چېنىگە سېلىپ ، چوكا ئارقىلىق ئۈستىدىن نەچچە تۆشۈك ئاچىمىز ،ھەمدە مۇۋاپىق مىقدارداتۇز سېپىپ قويىمىز .
ئاپلىسىننىڭ ئۈستىنى يېپىپ ، قازانغا سېلىپ 10 مىنوت تۇرغۇزىمىز .
قازاندىن ئېلىپ ،ئىچىدىكى مېۋە ئېتىنى چىقىرىمىز ، ھەمدە ئىسسىقىدا ئىچىۋېتىمىز ، بۇنىڭدا باشقاھەرقانداق يۆتەل توختىتىش ۋە ياللۇغ قايتۇرۇش دورىلىرىنى ئىچمىسەكمۇ بۇلىدۇ ~
سامساق ھەسەل سۈيى
/ سوغۇقتىن بولغان زۇكام/
▼
پىرىنسىپى
سامساق تەركىبىدە 200 خىلدىن ئارتۇق بەدەنگە پايدىلىق بولغان ماددىلار بار بۇلۇپ ، باكتىرىيەئۆلتۈرۈپ سوغاقنى ھەيدەش رولى ئالاھىدە ياخشى ، ناۋات بولسا ئسسىقنى تارىتىپ بەدەندىكىنورمالسىزلىقلارنى ياخشىلايدىغان بۇلۇپ ، يۆتەل توختىتىپ بەلغەمنى بوشىتىش رولى بار ، سامساق بىلەن ناۋاتنى بىرلەشتۈرسەك ، كۈز پەسلىدە كۆپ قوزغىلىدىغان سوغۇقتىن بولغان زۇكامغا ناھايتى ياخشى پايدا قىلىدۇ .
▼
كېسەللىك ئالامىتى
بەدەن قۇرۇشۇش ، بەدەن ئازىراق قىزىش ، بۇرنىدىن سۇ ئېقىش ، بەلغەم ئارىلاش يۆتىلىش
▼
تەييارلاش ئۇسۇلى
سامساقنى پوستىدىن ئاجرىتىپ نېپىزرەك قېلىپ توغراپ ، 15-10 مىنوت ئەتراپىدا تۇرغۇزىمىز .
قازانغا كىچىك چىنىدە بىر چىنە سۇ قۇيۇپ ،ئاندىن سامساق بىلەن ناۋاتنى سالىمىز .
قازان قاينىغاندىن كېيىن ئوتنى كىچىكلىتىمىز ، ئاندىن توۋاقنى يېپىپ يەنە 10 مىنوت قاينىتىمىز .بەلكىم تۇنجى قېتىم ئاڭلىشىڭىزغۇ دەيمەن ، ئۈنۈمى ناۋات نەشپۈت دۈملۈمىسىدىن قېلىشمايدۇ ~
كۈنجۈت يېغى تۇخۇمى
/ قۇرۇق يۆتىلىپ توختىماسلىق /
▼
پىرىنسىپى
كۈنجۈت يېغىنىڭ ئۆپكىگە پايدا قىلىش رولى بار بۇلۇپ ، يۆتەل ئالامىتىنى يېنىكلىتىپلا قالماستىن يەنە، باشقا ماددىلارنىڭمۇ ئۆپكىگە بولغان زىيىنىنى ئازلىتىدۇ . تۇخۇمنىڭمۇ ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەپ قان تولۇقلاش رولى بار . بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىستىمال قىلغاندا بەدەندىكى ئىسسىقلىقنى تارقىتىپ زەھەر تازلاپلا قالماستىن يەنە كاناينى نەمدەپ مەنپەئەت قىلىش مەقسىدىگىمۇ يەتكىلى بۇلىدۇ ، بۇلۇپمۇ يۆتەلگە ئالاھىدە رولى بار .
▼
كېسەللىك ئالامىتى
يۆتەلگەندە بەلغەم يوق ئەمما كاناي قىچىشىدۇ . نورمال ئەھۋالدا نەپەس يولىنىڭ زەھەرلىنىشىسەۋەبىدىن بۇلىدۇ ، مەسىلەن زۇكام ، كاناي ياللۇغى دېگەندەك .
▼
تەييارلاش ئۇسۇلى
كۈنجۈت يېغىنى قازانغا سلېىپ قىززىتقاندىن كېيىن ، ئازىراق ئاقچەشكە سېلىپ ،مەززىلىك ھىدىچىققانغا قەدەر قورىيمىز .
ئاندىن تۇخۇمنى سېلىپ قورىساقلا بۇلىدۇ . دىققەت قېلىشقا تېگىشلىكى شۇكى ،ھەرقانداق تەم تەڭشىگۈچ قوشۇشقا بولمايدۇ !
پىچەكگۈل بوتقىسى
/ دەسلەپكى قەدەمدىكى زۇكامنى داۋالايدۇ/
▼
پىرىنسىپى
پىچەكگۈل تەركىبىدە مول بولغان كىراخمال ھەم ئاقسىل بار بۇلۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ساپونىن ھەم يىپىشقاق سۇيۇق ماددا قاتارلىقلارنىڭ سېلىقلاشتۇرۇش رولى بار ، ئۆپكە ئاجىزلاشتىن بولغان يۆتەلنى داۋالىيالايدۇ ، پىچەككۈل بوتقىسى قاتارلىق مۇشۇنداق ئەنئەنىۋى رىتىسىپلار ، كېسەللىكنىڭ ئالدى كەينىدىكى مەزگىلگە ئەڭ ماس كېلىدۇ .
▼
كېسەللىك ئالامىتى
دەسلەپكى باسقۇچتىكى زۇكام ،ماغدۇرسىزلىنىش ، چارچاش ھىس قېلىش ، ئىشتىھاسىنورمالسىزلىشىش
▼
تەييارلاش ئۇسۇلى
گۈرۈچ بىلەن چىلاننى 30 مىنوت سۇغا چىلاپ قويىمىز ، پىچەكگۈلنىڭ پوستىنى ئادالاپ ، پارچەقېلىپ كېسىمىز
تەييارلىۋالغانلارنىڭ ھەممىسىنى قازانغا سېلىپ ، مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيۇپ قاينىتىمىز .
تەخمىنەن 20 مىنوت ئەتراپىدا قايناتقاندىن كېيىن ئېلىپ يىسەكلا بۇلىدۇ .
بىلىمدان كۆپچىلىكىنى ئەسكەرتىدۇكى، ھاۋا سوۋۇشقا باشلىدى،ئۆزىڭىزنى ئاسىراڭ!
كىيىمنى قېلىنلاتقاندىن باشقا يەنە چايغا ناننى جىق چىلاپ ئېچىڭ، بۇمەزموننى ياخشى ساقلىۋېلىپ لازىم بولغاندا ئۈنۈملۈك پايدىلىنىڭ .
ئۆزىڭىز كۆڭۈل بۈلىدىغان يېقىنلىرىڭىزغا ھەمبەھىرلەشنىمۇ ئۇنتۇپ قالماڭ
#بىلىمدان #بىلىمزار
No comments:
Post a Comment