Search This Blog

Friday, November 15, 2019

تۇرمۇشتىن چارچىغانلارغا ھەدىيە


تۇرمۇشتىن چارچىغانلارغا ھەدىيە
بەكلا چارچىدىم، چارچىغىنىمدىن ھەممە نەرسەمدىن ۋاز كەچكۈم كېلىدۇ، لېكىن ۋاز كەچسەم ھەممە نەرسىدىن ئايرىلىپ قالىمەن، شۇڭا ۋاز كېچەلمەيمەن، پەقەتلا چىشىمنى چىشلەپ،ئۆز-ئۆزۈمگە مەدەت بېرىپ ئالغا ئىنتىلمەكتىن باشقا ئامالىم يوق، چۈنكى مېنىڭ ئارقىمغا چېكىنىش يولۇم يوق، پەقەتلا ئالغا ئىنتىلىشىم لازىم.

ھەممە نەرسىڭىزدىن ۋاز كېچىش ئويىغا كەلگەندە سىزگە كۆيىنىدىغان كىشىلەرنى ئويلاڭ، ئۇلارنىڭ سىز ئۈچۈن نېمە بەدەللەرنى تۆلىگەنلىكىنى ئويلاڭ! مەيلى ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشىمۇ پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن تىرىشىشىڭىز كېرەك، پەقەت تىرىشسىڭىزلا ئاندىن كۈتۈلمىگەن خۇشاللىقلارغا ئېرىشەلەيسىز، غەيرەت قىلىڭ، پەقەت ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشمىسىلا، ھايات بولسىڭىزلا ھەممە شۇنچە گۈزەلدۇر !
ئادەم ئۆزىنى قىيناپ باققۇلۇق

ھەممە ئادەمنىڭ يوشۇرۇن كۈچى بولىدۇ، بۇنداق يوشۇرۇن كۈچ ئەڭ قىيىن ۋاقىتلاردىلا نامايەن بولىدۇ، بېسىمغا ئۇچرىغان چېغىڭىزدا تەشۋىشلەنمەڭ، بۇ بەلكىم تۇرمۇشنىڭ سىزگە بەرگەن كىچىك ئىمتاھانى بولىشى مۇمكىن، ئۆزىڭىزنىڭ ھەممە ئىشلارنى ياخشى بىتەرەپ قىلالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىڭ، ئادەمدە بېسىم بولغاندىلا ئالغا ئىنتىلىش كۈچى بولىدۇ.
مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشقا دوست لازىم، زور مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشقا دۈشمەن

بەسلىشىش بولغاندىلا تەرەققىيات بولىدۇ، چۈنكى دۈشمىنىڭىز بولغاندا ئۇنىڭغا ئۇتتۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن بولسىمۇ پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن تىرىشىسىز، شۇڭلاشقا بەزى ۋاقىتلاردا دۈشمەننىڭ كۈچى دوستنىڭكىدىن كۈچلۈك، دۇنيادا مەڭگۈلۈك دۈشمەن بولمايدۇ، مەڭگۈلۈك دوستمۇ بولمايدۇ، بەزى ۋاقىتلاردا دۈشمەننى دوستقا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.


سىز ئاددىي بولسىڭىز، دۇنيامۇ سىزگە ئاددىي بولىدۇ

ئاددىي تۇرمۇش بەخىتلىك بولىدۇ، ئادەم قانائەت قىلىشنى بىلگەن ياخشى، ھەممە ئىشنى مۇرەككەپ ئويلىۋالماڭ، يۈرىكىڭىزگە يۈكلىۋالغان نەرسىلەر كۆپ بولۇپ كەتسە زارلىنىدىغان، ئاھ ئۇرىدىغان بولۇپ قالىسىز، كاللىڭىزدىكى نەرسىلەرنى قەرەللىك يۇيۇپ تۇرۇڭ، كۆڭۈلسىز ئىش ۋە ئادەملەرنى ۋاقتىدا ئەسلىمىڭىزدىن ئۆچۈرۋېتىڭ.
ھاياتلىقتا تەكرارلىنىش يوق، ھەممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە قويۇش

بەزىدە بەلكىم ئويلاپ قالىدىغانسىز ھايات ئىلىكتىرونلۇق ئويۇن بولغان بولسا، ئۇتتۇرۇپ قويساممۇ قايتا ئوينىغىلى بولسا دەپ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇنداق بولمايدۇ، ۋاقىت ئاتقان ئوق، كەتسە قايتىپ كەلمەيدۇ، شۇڭلاشقا ھەربىر مىنۇت ۋاقتىڭىزنى قەدىرلەڭ، ئاتا-ئانىڭىزغا ۋاپادار بولۇڭ، بالىڭىزدا كۆيىنىڭ، سۆيگۈنىڭىزنى قەدىرلەڭ، دوستىڭىزغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ.

بەك پاسسىپ ياكى بەك ئاكتىپ بولۇپ كېتىشنىڭ ھەممىسى ياخشى ئەمەس

ھازىرقى زاماندىكى كىشىلەر ناھايىتى ئاجىز، خەۋەرلەردە ھەر كۈنى بىر كىملەرنىڭ خامۇشلۇق كېىسلى سەۋەبىدىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز، بۇنداق كىشىلەر ھەممە ئىشقا زىيادە پوزىتسىيە تۇتىۋالغانلاردۇر، ئۇلار ھەممە ئىشقا زىيادە ئاكتىپلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىقتىن، ھەممە ئىشنى ئەڭ مۇكەممەل رەۋىشتە خىيال قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئازراقلا ئوڭۇشسۇزلۇققا ئۇچرىسا زەربىگە بەرداشلىق بېرەلمەي ئۆزىنى تاشلىۋېتىدۇ. تۇرمۇش سىزگە غەيرىتىڭىزگە ئاشىق، ئوڭۇشسۇزلۇققا ئۇچرىسىڭىزمۇ بەل قويىۋەتمەڭ، تۇرمۇشنىڭ خۇشاللىقىدىن بەھىر ئېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
تالانتلىق بولۇش خۇددى ھامىلدار بولغانغا ئوخشايدۇ، ئۇزۇندا ئاندىن مەلۇم بولىدۇ

ھەممە ئىشتا ئۆزۈمنىڭ توغرا دەپ ئويلىماڭ، قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە تەكەببۇر ئادەملەرنىڭ ياخشى ئاقىۋىتى بولغان ئەمەس، شۇڭلاشقا ھەر قانچە تالانتلىق بولسىڭىزمۇ كەمتەر ۋە ئاقكۆڭۈل بولۇڭ، ئۆزىڭىزنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىڭ، ئالتۇن جاۋراڭ سالمىسىمۇ ھامان بىر كۈنى پارقىرايدۇ.

bilimdan#
bilimzar#

No comments:

Post a Comment