نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، چەمبەر تۇراقلىقى بولسا پەقەت بىر ئادەتتىكى ماتېماتىكىلىق بەلگە بولۇپ، ئۇنىڭ رولى پەقەت بىر قىسىم گېئومېتىرىيىلىك مەسىلىلەرنى ھېسابلاشتىن ئىبارەت.ئەگەر سىز بۇ بەلگىنى چۈشىنىپ باققان بولسىڭىز، ئۇنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئاددىي ئەمەسلىكىنى بايقايسىز، نېمىشقا بۇنداق بولىدۇ ؟چۈنكى ئۇنىڭ ئونلۇق كەسىر خانىسىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، لېكىن ئىنسانلار ئىزچىل پۈتۈن كۈچى بىلەن بۇنى ھېسابلاۋاتىدۇ.
نۇرغۇن ماتېماتىكىلىق بەلگىلەر ئىچىدە، بىر بەلگىنى نۇرغۇن دوستلار ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىلا ئۆگىنىۋالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ دائىم بەزى گېئومېتىرىيىلىك مەسىلىلەرنى ھېسابلاشتا ئىشلىتىلىدۇ، ئۇ بولسىمۇ چەمبەر تۇراقلىقى .بەزى دوستلار بەلكىم تېخىمۇ بۇرۇنلا بۇ بەلگە بىلەن تونۇشۇپ بولغان بولۇشى مۇمكىن، ئۇ چاغدا كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرى يادلىۋالغان چەمبەر تۇراقلىقىنىڭ ئونلۇق كەسىر خانىسىدىن پەخىرلىنىدۇ،چۈنكى كىم تېخىمۇ كۆپ ئونلۇق كەسىر خانىسىنى يادلىيالىسا، شۇ كىشىنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.چوڭ بولغاندىن كېيىن بىز تەدرىجىي ھالدا چەمبەر تۇراقلىقىنىڭ ئونلۇق كەسىر خانىسىنى مەڭگۈ يادلاپ بولغىلى بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنىمىز، چۈنكى ئۇ چەكسىز ھالەتتىكى ئونلۇق كەسىر بولۇپ، ئىنسانلار ھازىرغىچە بۇ چەكسىز داۋاملاشقان ساننى ھېسابلاپ بولالمىدى.
بۇ يىل 3ـ ئايدا ئامېرىكا گۇگېل شىركىتى سىرتقا قارىتا ئۆزلىرىنىڭ مىكرو ھېسابلاش ماشىنىسىنىڭ چەمبەر تۇراقلىقىنىڭ ئونلۇق كەسىر چېكىتىدىن كېيىنكى 314 تىرىليون خانىسىغىچە ھېسابلاپ بولغانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، بۇ نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە ئەڭ توغرا ھېسابلانغان چەمبەر تۇراقلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.لېكىن بەزىلەر بۇنىڭدىن گۇمانلىنىپ قېلىشى مۇمكىن، نېمە ئۈچۈن چەكسىز دەپ بېكىتىلگەن بۇ ساننى شۇنچە توغرا ھېسابلايدۇ؟بۇنداق قىلىشنىڭ راستتىنلا ئەھمىيىتى بارمۇ؟
ئادەتتىكى كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، چەمبەر تۇراقلىقىنىڭ ئونلۇق كەسىر چېكىتىنىڭ كېيىنكى ئىككى ـ ئۈچ خانىسى چەمبەرنىڭ كۆلىمى، ھەجىمى قاتارلىق گېئومېتىرىيىلىك مەسىلىلەرنى ھېسابلىغاندا يېتەرلىك بولىدۇ، لېكىن پەن تەتقىقات خادىملىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا بۇ ھەرگىز كۇپايە قىلمايدۇ.
ئۇنداقتا ئىنسانلار چەمبەر تۇراقلىقىنى قاچاندىن باشلاپ بايقىغان؟ئىگىلىنىشىچە، قەدىمكى بابىلۇننىڭ تەخمىنەن 2000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بىر پارچە ئابىدىسىگە ئىلگىرى مۇنداق سان 3.125 ئويۇلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنسانلارمۇ قەدىمكى مىسىرنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سانلارنى بايقىغان.گەرچە بۇ ساننىڭ ھەقىقىي چەمبەر تۇراقلىقى بىلەن بەلگىلىك پەرقى بولسىمۇ، لېكىن ئىككى مىڭ يىل بۇرۇنقى قەدىمكى كىشىلەرنىڭ چەمبەر تۇراقلىقىغا دىققەت قىلغانلىقىنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرىدۇ.كېيىن ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى زاماندىكى داڭلىق ماتېماتىكا ئالىمى زۇ چۇڭجى بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتقا كۆڭۈل بۆلۈپ، چەمبەر كېسىش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ چەمبەر تۇراقلىقىنى ئونلۇق كەسىر چېكىتىدىن كېيىنكى 7ـ خانىسىغىچە ھېسابلاپ چىققان ،بۇ ئۇنى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تۇنجى چەمبەر تۇراقلىقىنى مۇشۇنداق توغرا ھېسابلىغان ئادەمگە ئايلاندۇردى.
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، غەربتىكى بەزى ماتېماتىكا ئالىملىرىمۇ چەمبەر تۇراقلىقىنى ھېسابلاش جەھەتتە مۇئەييەن تەرەققىياتقا ئېرىشتى،ھازىرقى زامانغا كەلگەندە، ئىنسانلار پەن ـ تېخنىكىسى مىسلىسىز تەرەققىي قىلدى، نۇرغۇن ھېسابلاشلارنىڭ ئورنىنى كومپيۇتېر ئالىدىغان بولدى، شۇڭا چەمبەر تۇراقلىقىنى تېخىمۇ توغرا ھېسابلىغىلى بولىدىغان بولدى .ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ھازىرقى زامان ئىنسانلىرى يەنە نۇرغۇن ۋاقىت، ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ سەرپ قىلىپ چەمبەر تۇراقلىقىنى ھېسابلايدۇ؟بۇ مەسىلىنىڭ ئارقىسىدا بىر قانچە خىل ئېھتىماللىق بار.
بەزىلەر چەمبەر تۇراقلىقىنى ھېسابلاش ئالەمنى تەتقىق قىلغانغا باراۋەر، ئىنسانلار ھېسابلاپ چىققان نەتىجە قانچە توغرا بولسا، ئالەمنىڭ سىرىغا تېخىمۇ يېقىنلىشىدۇ، دەپ قارايدۇ.نېمە ئۈچۈن بۇنداق قاراش بولىدۇ؟چۈنكى ئالەم بىلەن چەمبەر تۇراقلىقى ئارىسىدا ھەقىقەتەن ئوخشاش بولغان بەزى جايلار مەۋجۇت، مەسىلەن، چەمبەر تۇراقلىقى چەكسىز كەسىر سان بولۇپ، ئۇنىڭ ئونلۇق كەسىر چېكىتىدىن كېيىنكى سانى تاسادىپىي ھەم قانۇنىيەتسىز ھالدا پەيدا بولىدۇ، بۇ نۇقتا ئالەمدىكى ئاسمان جىسىملىرىغا ئازراق ئوخشاپ كېتىدۇ، ئالەمدە پۈتۈنلەي ئوخشاش بولغان بىرمۇ ئاسمان جىسىمى يوق.ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرغا قەدەر چەمبەر تۇراقلىقى تولۇق ھېسابلانمىدى، بۇ ئىنسانلار ئالەمنىڭ چېگراسى ئۈستىدە ئىزچىل ئىزدىنىۋاتقان بولسىمۇ يەنىلا مۇۋاپىق بىر جاۋابقا ئېرىشەلمىگەنگە ئوخشاش ، چەمبەر تۇراقلىقىنىڭمۇ كەسىر چىكىتىدىن كىيىنكى ئەڭ تۆۋەن خانىسىنىڭ زادىلا ئىز ـ دېرىكى بولمىدى.
يەنە بەزى قاراشلار بار، گەرچە چەمبەر تۇراقلىقىنىڭ ئونلۇق كەسىر سانى قارىماققا قانۇنىيەتلىك بولمىسىمۇ، لېكىن بۇنىڭدىن بەزى تاسادىپىيلىقلارنى، مەسىلەن، مەلۇم ئادەمنىڭ تۇغۇلغان يىل، ئاي، كۈنى، مەلۇم ۋەقە يۈز بەرگەن ۋاقىت قاتارلىقلارنى بايقىغىلى بولىدۇ.بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، چەمبەر تۇراقلىقى ھېسابلاپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان سان بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە سىرلىق تۈس ئالغان سان.چەمبەر تۇراقلىقىنى ھېسابلاپ تۈگەتكىلى بولمىسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن دۆلەتلەر قانچە كۆپ ئونلۇق كەسىر خانىسىنى ھېسابلاپ چىقالىغانلىقىدىن پەخىرلىنىدۇ، چۈنكى بۇ مەلۇم دەرىجىدە بىر دۆلەتنىڭ پەن ـ تېخنىكا سەۋىيىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ، بۇمۇ ئىنسانلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئىزچىل چەمبەر تۇراقلىقىنى ھېسابلاۋاتقانلىقىنىڭ بىر سەۋەبى.
#bilimdan #bilimzar
No comments:
Post a Comment