Search This Blog

Sunday, November 10, 2019

ھايۋانلار دۇنياسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ھايۋان-چۈمۈلە

چۈمۈلە ھايۋانلار دۇنياسىدىكى كىچىك ھايۋان بولغىنى بىلەن، ئەمما ئۇ ئىنتايىن كۈچلۈك. ئەگەر بىر چۈمۈلىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى بىلەن ئۇ توشۇيدىغان نەرسىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەپ باقىدىغان بولسىڭىز ھەيران قالىسىز! ئۇ كۆتۈرۈپ توشۇيدىغان نەرسىنىڭ ئېغىرلىقى ئۇنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ 100 ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ . دۇنيادا ئەزەلدىن بىرەرسى ئۆزىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ 3 ھەسسىسىدىن يۇقىرى ئېغىرلىقتىكى نەرسىنى كۆتۈرەلمەيدۇ، بۇ مەنىدىن ئىلىپ ئېيتقاندا، چۈمۈلىنىڭ كۈچى ئادەمنىڭ كۈچىدىن خىلىلا ئۈستۈن تۇرىدۇ.
بۇ پالۋاننىڭ كۈچى زادى قەيەردىن كەلگەن؟ قارىغاندا، بۇ ئىنتايىن قىزىقارلىق بىر «سىر»دەك قىلىدۇ. ئالىملار نۇرغۇن تەجرىبە ئىلىپ بېرىپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئاخىرى بۇ «سىر»نى يېشىپ چىققان.
ئەسلىدە چۈمۈلىنىڭ پەنجىسى ئىچىدىكى مۇسكۇل ئۈنۈمى ناھايىتى يۇقىرى بولغان «دىۋىگاتېل» بولۇپ، ئاۋىياتسىيە ماتورىنىڭ قۇۋۋىتىدىن نەچچە ھەسسە ئۈستۈن تۇرىدىكەن، شۇڭا ناھايىتى چوڭ كۈچ ھاسىل قىلالايدىكەن. ھەممىمىزگە مەلۇم، ھەر قانداق بىر موتور بەلگىلىك يېقىلغۇغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، مەسىلەن، بېنزىن، دىزېل ، كىرسىن ياكى باشقا ئېغىر تىپلىق نېفىت دېگەندەك، ئەمما «مۇسكۇل موتورى »غا بىر خىل ئالاھىدە يېقىلغۇ كېتىدۇ . بۇ خىل «يېقىلغۇ» كۆيمەيدۇ، ئەمما يوشۇرۇن ئېنېرگىيەنى ھاسىل قىلىپ ئۇنى مېخانىك ئېنېرگىيەگە ئايلاندۇرالايدۇ. ئۇ كۆيمىگەچكە ئىسسىقلىق خورىمايدۇ، قۇۋۋىتىمۇ تەبىئىيلا زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ . ئالىملار بۇ خىل ئالاھىدە «يېقىلغۇ»نىڭ تەركىبىنى ئېنىقلاپ چىقتى، ئۇ بىر خىل ئىنتايىن مۇرەككەپ بولغان فوسفور بىرىكمە ئىكەن.

چۈمۈلە
يەنى چۈمۈلىنىڭ پەنجىسى ئىچىگە نەچچە يۈز مىليون مىكرو كىچىك تىپلىق ئېلېكتىر دىۋىگاتېل يوشۇرۇنغان بولۇپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇ بايقاش ئالىملارنىڭ كۈچلۈك بىر ئارزۇسىنى، يەنى «سۈنئىي مۇسكۇل موتورى»غا ئوخشاش نەرسىنى ياساپ چىقىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولغان.
تەرەققىيات ئىستىقبالىدىن قارىغاندا، ئەگەر چۈمۈلە پەنجىسىگە ئوخشاش كۈچلۈك ھەم ئەپچىل ئاپتوماتىك ئەسلىھەنى تېخنىكىغا قوللانغاندا، تېخنىكا جەھەتتە تۈپتىن ئۆزگىرىش ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا لېفىت، كىران ۋە باشقا ماشىنىلارنىڭ قىياپىتى پۈتۈنلەي يېڭىلىنىدۇ.
ھازىر بىز ئىشلىتىۋاتقان كىرانلار ئادەتتە ئېلېكتىر دۋىگاتېلغا تايىنىپ ئىش ئىشلەيدۇ، ئەمما قۇۋۋىتى چۈمۈلىگە سېلىشتۇرغاندا خىلىلا ناچار. نېمىشقا؟ چۈنكى ئوت كۈچى بىلەن توك چىقىرىش ئۈچۈن كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلىدۇ، سۇ پارغا ئايلىنىدۇ، پار چاقپەلەكنى ئايلاندۇرىدۇ، ئاندىن گېنېراتورنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ توك چىقىرىدۇ. بۇ خىمىيەلىك ئېنېرگىيەنى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىگە، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىنى مېخانىكىلىق ئېنېرگىيەگە، مېخانىكىلىق ئېنېرگىيەنى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرۇشتەك بىر قانچە جەرياننى باشتىن كەچۈرىدۇ.
بۇ جەرياندا يېقىلغۇ كۆيۈش ئارقىلىق شەكىللەنگەن ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىنىڭ بىر قىسمى بىھۇدە خوراپ كېتىدۇ، بىر قىسمى بولسا مېخانىكىلىق قۇرۇلمىلارنىڭ ئايلىنىشىدا شەكىللەنگەن سۈركىلىش كۈچىنى يېڭىش ئۈچۈن خورايدۇ، شۇڭا بۇ خىل ماتورنىڭ قۇۋۋىتى ئىنتايىن تۆۋەن بولىدۇ، ئاران %30-40گە يېتىدۇ. ئەمما چۈمۈلىنىڭ «موتورى» بولسا مۇسكۇلدىكى ئالاھىدە «يېقىلغۇ»نى بىۋاسىتە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرىدۇ، خورىشى ئىنتايىن ئاز بولغاچقا، قۇۋۋىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ.
كىشىلەر چۈمۈلە «موتورى»دىن ئىلھاملىنىپ، خىمىيەلىك ئېنېرگىيەنى بىۋاسىتە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرىدىغان بىر خىل يېقىلغۇلۇق باتارىيەنى ياساپ چىققان، بۇ خىل باتارىيە يېقىلغۇنى ئىشلىتىپ ئوكسىدلىنىش-ئوكسىدسىزلىنىش رېئاكسىيەسى پەيدا قىلىپ بىۋاسىتە توك چىقىرىدۇ، ئۇنىڭدا كۆيۈش جەريانى بولمايدۇ، شۇڭا قۇۋۋىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، %70-90گە يېتىدۇ.

BILIMDAN   #BILIMZAR#

No comments:

Post a Comment