Search This Blog

Sunday, November 10, 2019

كائىناتنىڭ ئىنىرگىيەلىرى


ئالەمدىكى ئىنىرگىيەلەر    
        
ئېينىشتىيىننىڭ داڭلىق ئىنىرگىيە تەڭلىمىسى  E=mc^2  
بۇنىڭدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى ماددىنىڭ تۈپ ماھىيىتى ئىنىرگىيە.ئالەمدىكى كۈللىي شەيئىلەر ئىنىرگىيەگە تايىنىپ ئۆزئارا بىر بىرىگە ئايلىنىدۇ.ھازىرقى زامان مىتافىزىكىنڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىمۇ بۇنى  كۈچلۈك ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.فىزىكا ئالىملىرىنىڭ ئىسپاتلىشىچە ئالەمدىكى بارلىق مەۋجۇتلۇق، ئايلىنىپ تۇرۋاتقان زەررىچىلەردىن تۇزۇلگەن بولۇپ،بۇخىل زەررىچىلەر ئوخشىمىغانتەۋرىنىش چاستوتىسىغا ئىگە.بۇ خىل تەۋرىنىشلەر دۇنيانىڭ ھازىرقىدەك قىياپىتىنى بارلىققا كەلتۇرگەن ھەتتا بىزنىڭ بەدىنىمىزمۇ  ئوخشاش.يەنى بىز كۆرۈۋاتقان نۇر بولسۇن،ئاڭلاۋاتقان ئاۋاز بولسۇن،تۇتىۋاتقان نەرسىلەر بولسۇن،تېتىۋاتقان يىمەكلىك بولسۇن ئوخشاشلا توختىماي تەۋرىنىۋاتقان زەررىچىلەردىن تۈزۈلگەن.بۇنى سىز فىزىكىغا ئائىت ماتىرياللارنى كۆرۈپ چۇشنەلەيسىز.                                              
ئامىرىكىلىق مەشھۇر پىسخولوگ داۋىي خوجىنن سى)نىڭ 30 يىللىق ئادەم بەدەن ھەرىكەت ئىلمىنىڭ قانۇنىيەتلىرى ئاساسىدا ئېلىپ بارغان تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا  (人体运动学)
ئادەملەرنىڭ ئوخشىمىغان ئاڭ قاتلىمىدا ئوخشىمىغان ئىنىرگىيە كۆرسەتكۈچى بولىدۇ. يەنى ئادەم بەدىنى ئوخشىمىغان روھىي ھالەتتە  ماس ھالەتتىكى كۈچلۈك ۋە  ئاجىز بولغان بەدەن كۈچى ھاسىل قىلغان.ھەم ماس بولغان تەۋرىنىش دولقۇنى پەيدا بولغان. يەنى ئوبرازلىق قىلىپ ئېيتقاندا بىز ئاڭلاۋاتقان ئاۋازنىڭ ئىنىق تەۋرىنىش مەنبەسى بولىدۇ،ھەم تەۋرىنىش ئىنىرگىيىسى(يەنى كۈچلۈك ئاجىزلىقى)ئوخشاش بولمايدۇ.  
دوكتۇرنىڭ مۇسكۇل ھەركەت ئىلمى ئاساسىدا ئىشلىگەن تەجرىبىسىدە بايقىلىشىچە ئادەم بەدىنى كۈللىي شەيئىنىڭ ئىنىرگىيە دەرىجىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپلا  قالماي،ياخشى ـ يامان،راس ـ يالغانغىمۇ ئىنىق ئايرىيالايدىكەن .يەنى مۇنداق تەجرىبە ئىشلەنگەن :خىمىيىلىك دارا چېچىلغان ئالمىنى سىناق قىلىنغۇچى بىلمىگەن ئەھۋالدا  مەيلى قولىغا تۇتقۇزسۇن ياكى يىسۇن،ۋە ياكى ئەتراپىغا يۇشۇرۇپ قويسۇن.ئوخشاشلا ئادەم بەدىنى ئاجىز ھالەتنى ئىپادىلىگەن.ئەكسىچە ئىشلىگەندە ئادەم بەدىنىدە كۈچلۈك ھالەت ئىپادىلەنگەن.مەيلى قايسى خىل شەكىلدە سىناق ئىشلىسۇن كۈچلۈك ھالەتتە ساغلاملىق بىلەن باغلىنىشلىق بولغان ،ئاجىز ھالەتتە بولسا كىسەللىك بىلەن باغلىنىشلىق بولغان.بۇنداق ئىشلىگەن تالاي تەجرىبىلەردىن بايقىلىشىچە ئادەمنىڭ ھەربىر ئويى،كەيپىياتى،ھەركىتىنىڭ بەدەنگە بولغان تەسىرى ناھايىتى خاس مۇقىم قىممەت ئىپادىلىگەن.
 بۇ نىمىنى چۇشەندۈرىدۇ؟بىز ھەر بىر ھازىرىمىزدا ئەگەردە ساغلام مۇھىتنى،ساغلام ئوي،نورمال كەيپىياتقا قارىتا يۈزلەنسەكلا شۇنىڭغا قارىتا ھەركەتلەنسەكلا ئىنىق بولغان ئۆزگىرىش،ياخشىلىنىشقا ئېرىشىمىز ئەكسىچە بولغاندا تۆۋەنلەش،ناچارلىشىشقا يىقىنلىشىدىغان گەپ.
بۇ خىل ئىشلەنگەن تەجرىبىلەردىن ئېرىشكەن ئەڭ قىممەتلىك يەكۈن شۇكى چوڭ مىڭىمىز ئەتراپىمىزدىكى مۇھىت بولسۇن ۋە ياكى باشقا بىزگە پايدىلىق پايدىسىز ئامىللارنى سەزمىگەن ئەھۋالدىمۇ،سىرتقى دۇنيادا بۇنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ تۇردىغان،ھەم سېزىپ تۇرىدىغان كۈللىي شەيئىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇردىغان غايەت زور ئىنىرگىيە تورى مەۋجۇت بولۇپ بۇنى بىز ئومومىي يۇشۇرۇن ئاڭ دەپ ئاتايمىز.

خوجىنېس دوكتۇر ئىنىرگىيە دائىرىسىنىڭ قىممىتىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا ھېساپلاپ چىققان،  



نەتىجىدە 200 (ھىرتىس200)دىن يۇقىرى بولغان ئىنىرگىيە كۆرسەتكۈچى دائىرىسىدە ئادەم ئۆزىنى ئاڭلىق تەڭشەش ئېلىپ بارغانسىرى مەيلى ساغلاملىقىمىز بولسۇن مەيلى ئەتراپىمىزنى ئوراۋاتقان مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى بولسۇن ئۆرلىگەنسىرى ياخشىلانغان.ئۆزىنى تاپقان ئويغاق ھالەتنىڭ تەۋرىنىشى700 بولغان بولۇپ،نوبىل تىنىچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن دىلىسا خانىمنمغا كۈزۈتۇش ئىلىپ بارغاندا ئۇچرىغان.دىلىسا خانىم مەيدانغا مۇكاپات ئالغىلى چىققاندا مەيداندىكىلەرنىڭ روھىي ھالىتى ئىنتايىن تىنىچ ھالەتكە كەلگەن. 

بۇ يەردە ئىنتايىن چوڭ بىر ھەقىقەت ئوتتۇرىغا چىققان،يەنى ھەرقانداق مەۋجۇتلۇق ئوخشىمىغان تەۋرىنىش ئىنىرگىيەسىگە ئىگە بولۇپ.كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئىنىرگىيىسى تۆۋەن بولغانلىقتن مۇقەددەس ئىلىملەر،بىلىملەر بىلەن ئۇچرىشالمىغان ياكى چۇشنەلمىگەن.سەۋەبى بۇ خىل ئىلىملەرنى چۇشەندۇرەلەيدىغان كىتاپ ياكى ئادەملەر بىلەن ئوخشاش تەۋرىنىشنى ساخلىيالمىغان.پەقەت كىتاپ ياكى ئادەملا بوپ قالماي يىمەكلىك،سۇ،ھايۋان،كىنو،ناخشا-موزىكا…

ئويونلارنىڭمۇ ئوخشاشلا ئىنىق ئىنىرگىيە دەرىجىسى بولىدۇ.كۆپلىگەن زامانىۋىي ناخشا-موزىكا،كىنولارنىڭ ئىنىرگىيىسى 200 دىن تۆۋەن بولىدۇ.بۇ خىل ناخشا-مۇزىكا،كىنولار بىلەن كۆپ ئۇچراشقاندا بىزنىڭ ئەسلى ئىنىرگىيىمىزنڭ تۆۋەنلىشىگە سەۋەپچى بولىدۇ.ئەگەر بىز ئۆزلۈكىمىزدىن يۇقىرى ئىنىرگىيەلەر بىلەن كۆپ ئۇچراشساق مەسلەن: تېنىچ گۈزەل يەرلەرگە ساياھەت قىلىش،ياكى شۇ خىل ئادەملەر بىلەن كۆپ ئۇچرىشىش دىگەندەك ،مۇشۇ خىل ئەھۋاللاردا يۇقىرى ئىنىرگىيىلىك تەۋرىنىش بىزنىڭ تۈۋەن ئىنىرگىيىلىك تەۋرىنىشىمىزنى كۈچەيتىدۇ.ئەلۋەتتە بىر ئادەمنىڭ ئىنىرگىيە دەرىجىسى ئادەمنىڭ يېشى، تەجرىبىسى،ئۆزىنى چۇشۇنۇش، بىلىشىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن  ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.

#bilimdan    #bilimzar 

No comments:

Post a Comment