كىشىلەرنىڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارغا نىسبەتەن چەكسىز تەسەۋۋۇرى بار، ئۇ ئاللىقاچان ھېكايە ۋە كىنولارنىڭ ئەڭ قىزىق تېمىسىغا ئايلانغان. سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تىلغا ئېلىنغاندا، كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا ھەمىشە پولات پالۋان ۋە ئۇنىڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ياردەمچىسى J. A. R. V. I. S، «دەرىجىدىن تاشقىرى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىم» دىكى ئاقپىشماق ياكى «غەربىي دۇنيا»دىكى يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق قۇرامىغا يەتكەنلەر باش تېما باغچىسىنىڭ كۆرۈنۈشى پەيدا بولىدۇ.
گەرچە ئاجىز سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ كۈچلۈك ياردەمچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىلگىرى ھەل قىلغىلى بولمايدىغان باش ئاغرىقلىرىنى ئاللىقاچان ھەل قىلىپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن نۆۋەتتىكى پەن-تېخنىكا تەرەققىيات ئەھۋالى بويىچە، ئىنسانلارنىڭ ئىقتىدارىدىن ھالقىپ كەتكەن ماشىنا ئادەملەر يەنىلا يىراقتا. ئۇنداقتا، زادى قانداق نەرسە دەرىجىدىن تاشقىرى ماشىنا ئادەملەرنىڭ بارلىققا كېلىشىنى توسۇپ قويدى؟
ئالدى بىلەن، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ تارىخىنى قىسقىچە ئەسلەپ باقايلى.
سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ساھەسى 1956ـ يىلى دارتموز ئىنستىتۇتىنىڭ يىغىنىدا رەسمىي بارلىققا كەلگەنلىكىنى جاكارلىغان، "سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار" دىن ئىبارەت بۇ كەسپىي ئاتالغۇمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ بارلىققا كەلگەن. 1956ـ يىلىدىن 1974ـ يىلىغىچە، ئالىي مەكتەپ ۋە ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ساھەسىدىكى تەتقىقاتقا نۇرغۇن مەبلەغ ۋە بايلىق سەرپ قىلىپ، گېئومېتىرىيە، ئالگېبرا قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئىشلەتكەن ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى كومپيۇتېرلار يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىلىرىدەك ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ مەزگىلدىكى مۇۋەپپەقىيەت كىشىلەرنى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىداردىن زىيادە ئۈمىدۋار قىلىپ، بەك يۇقىرى ئۈمىد كۈتىدىغان قىلىپ قويدى. ئەمما، ئەينى چاغدىكى تېخنىكا ۋە قاتتىق دېتال ئۈسكۈنىلىرى يېڭى تىپتىكى ئاجىز سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ تەرەققىياتىغا يېتىشەلمەي، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار 1974ـ يىلى تۇنجى قېتىملىق قەھرىتان قىشنى كۈتۈۋالدى.

قەھرىتان قىش تاكى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80ـ يىللىرىغىچە داۋاملاشتى، ئۇنىڭ ئاخىرلىشىشى مۇتەخەسسىسلەر سىستېمىسىنىڭ گۈللىنىشى، شۇنداقلا ياپونىيەنىڭ 850 مىليون دوللار ئاجرىتىپ دەرىجىدىن تاشقىرى ھېسابلاش ئىقتىدارى ۋە ئىنسانلار ئەقلىي ئىقتىدارىغا ئىگە كومپيۇتېر ئىجاد قىلىشىغا ئىشلەتكەنلىكىدىن بولدى، شۇنداقلا 5ـ ئەۋلاد كومپيۇتېر تۈرى دەپ ئاتالدى. ياپونىيە ئىزچىل تۈردە ئادەم سىياقلىق ماشىنا ئادەمگە مەپتۇن بولۇپ كەلگەن، ھەممىگە تونۇشلۇق فانتازىيەلىك كارتون فىلىم «گاۋدا» (ئىلغار سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار سىستېمىسىغا ئىگە ئادەم سىياقلىق ئۇچقۇ) 1979ـ يىلى مەيدانغا چىققان. «ھۇجۇم گۇرۇپپىسى» نىڭ ئەسلى نۇسخىدىكى ھەجۋىي رەسىمىمۇ 1989ـ يىلى تۇنجى قېتىم تارقىتىلغان. ياپونىيە بىلەن رىقابەتلىشىش ئۈچۈن، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىمۇ ئوخشاش مەزگىلدە يەنە بىر قېتىم سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارساھەسىگە مەبلەغ سالدى.

بۇ مەزگىلدە كومپيۇتېر قاتتىق دېتالى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان كومپيۇتېر ئادەتتە ئىشلىتىدىغان ئۇنداق ئادەتتىكى كومپيۇتېرنى كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى كەسپىي خادىملار ئىشلىتىدىغان، ئۇلاش ئېغىزى يوق، پەقەت بىر دۆۋە كود بار كومپيۇتېرنى كۆرسىتىدۇ. 1987ـ يىلى ئالما شىركىتى بىلەن IBM شىركىتى مەخسۇس نۇسخىدىكى ئۈستەل كومپيۇتېرى (ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان كومپيۇتېرغا ئوخشاپ كېتىدۇ) نى تەتقىق قىلىپ چىققان بولۇپ، ئىقتىدارى ئاشۇ كەسپىي كومپيۇتېرلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئەلا ئىدى. بۇ 500 مىليون دوللار قىممىتىدىكى مۇتەخەسسىسلەر سىستېمىسى كەسپىنىڭ ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق قەھرىتان قىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
1997ـيىلى IBM نىڭ قېنىق كۆك كومپيۇتېرى خەلقئارالىق شاھمات چېمپىيونى گارى كاسپاروۋ (Garry Kasparov)نى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، ئامما ئاندىن ئاجىز سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ كۈچىنى ھېس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پەن-تېخنىكا كەسپى ئىنتېرنېت تور كۆپۈكى كىرزىسىگە دۇچ كەلدى. سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ فوندى تۈگەپ كەتتى. ھالبۇكى، قاتتىق دېتال ئۈسكۈنىلىرىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىنغاچقا، ماشىنىغا ئۆگىتىش تېخنىكىسى (ياكى ماشىنىلىق ئۆگىنىش) داۋاملىق ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلدى. كومپيۇتېرنىڭ بىر تەرەپ قىلىش ۋە ساقلاش ئىقتىدارى كۆرسەتكۈچ سان دەرىجىسىدە ئېشىپ، كارخانىلارنى زور مىقداردىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ساقلاش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. نۇرغۇن كارخانا ۋە ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى كەڭ كۆلەمدە ھەر خىل قوللىنىشقا ئىشلەتتى.
2011ـيىلى، IBM نىڭ سوئال-جاۋاب سىستېمىسى ۋاتسون ئامېرىكا زېھىن سىناش مۇسابىقىسى پىروگراممىسى «خەتەر گىردابى» دا چېمپىيونلۇقنى ساقلاپ كېلىۋاتقان براد لاتېخكېن جانېنىسنى مەغلۇپ قىلدى. گۇگول شىركىتىنىڭ Alpha GO سىستېمىسىمۇ 2016ـ يىلى ۋە 2017ـ يىلى توققۇز بۆلەك مۇسابىقىدە قورشاۋ شاھمات ماھىرى لى سىدۇل ۋە دۇنيا چېمپىيونى كې جيېنى مەغلۇپ قىلدى.
ئۆتكەن 15 يىلدا ئامازون، گۇگول ۋە باشقا ئىنتېرنېت پەن-تېخنىكا شىركەتلىرى ماشىنىلىق ئۆگىنىش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ غايەت زور رىقابەت ئۈستۈنلۈكىگە ئېرىشتى. ئابونتلارنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق ئىستېمالچىلارنىڭ ھەرىكىتىنى ئىگىلىگەندىن باشقا، بۇ شىركەتلەر يەنە كومپيۇتېر كۆرۈش سېزىمى، تەبىئىي تىللارنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە باشقا نۇرغۇن سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىلىرىنى قوللىنىشقا كۆڭۈل بۆلدى. نەچچە ئون يىل تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئاجىز سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى مۇنداق تۆت جەھەتكە مەنسۇپ بولدى:
1. مور قانۇنى ـ ئاجىز سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تەتقىقاتى باشلانغاندىن بۇيان، كومپيۇتېرنىڭ بىرتەرەپ قىلىش ئىقتىدارى تەخمىنەن ھەر ئىككى يىلدا بىر ھەسسە ئېشىپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات ۋە مۇرەككەپ ھېسابلاش ئۇسۇلى (ئالگورىزم)نى بىر تەرەپ قىلىشنى مۇمكىنچىلىككە ئايلاندۇردى. پەقەت ئىككى يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپلا، گۇگول نىڭ AlphaGO سۈنئىي ئەقىل سىستېمىسىنى ئىشتىن سىرتقى قورشاۋ شاھمات "ماھىرى" دىن دۇنيا چېمپىيونىغا ئايلاندۇردى. بۇنىڭدىن باشقا، Alpha GO نىڭ ئەڭ يېڭى ھېسابلاش بايلىقى نۇسخىسى پەقەت ئىلگىرى لى سىدۇلنى مەغلۇپ قىلغان نۇسخىسىنىڭ ئوندىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ.
2. چوڭ سانلىق مەلۇمات ـ ماشىنىلىق ئۆگىنىش تېخنىكىسى زور مىقداردىكى دەسلەپكى سانلىق مەلۇماتلارغا تايىنىدۇ. ئۆتكەن ئىككى يىل ئىچىدىلا پۈتكۈل دۇنيادا %90 يېڭى سانلىق مەلۇمات بارلىققا كەلدى.
3. مەبلەغ ـ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىشىگە ئەگىشىپ، تەۋەككۈل سېلىنمىسى ۋە پەرىشتە فوندى ئارقا-ئارقىدىن سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تەتقىقات ساھەسىگە كىرىپ، كېيىنكى بىر نۆۋەتلىك قىئات (قۇرۇلغىنىغا 10 بولماي تۇرۇپ، قىممىتى 1 مىليارد دوللاردىن ئاشقان ياش كارخانىلار) كارخانىلارنى تېپىشنى ئۈمىد قىلدى.
4. ھېسابلاش ئۇسۇلى (ئالگورىزم)نىڭ مۇرەككەپلىكى ـ تەتقىقات ۋە مەبلەغ ئىنچىكە ھېسابلاش ئۇسۇلى (ئالگورىزم)غا يۈزلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نېرۋا تورى ۋە بىلىش ئارقىلىق ھېسابلاشتىن تولۇق پايدىلاندى.
نۇرغۇن كىشىلەر نۆۋەتتە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ تەرەققىياتى ئاستىلىدى، پات ئارىدا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ 3ـ قېتىملىق قەھرىتان قىشىغا دۇچ كېلىمىز، دەپ قارايدۇ. بەزىلەر كۈچلۈك سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار جەھەتتە تېخى زور بۆسۈش بولمىدى دەپ قارايدۇ، يەنە بەزىلەر بولسا نۆۋەتتە كارخانىلار ئاجىز سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تەتقىقاتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، پۈتكۈل سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ قويدى دەپ قارايدۇ. بىر قىسىملار نۆۋەتتىكى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تەتقىقاتىنىڭ زىيادە مەركەزلىشىپ، جەمئىيەتكە زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى تەنقىدلىدى.
ھالبۇكى، نۆۋەتتىكى پاي چېكى بازىرىغا ئالما، گۇگول، ئامازون، فېيسبۇك قاتارلىق چوڭ پەن-تېخنىكا شىركەتلىرى تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ ياكى يېتەكچىلىك قىلىۋاتىدۇ، ئەگەر سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ 3ـقېتىملىق قەھرىتان قىشى راستتىنلا يېتىپ كەلسە، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار كەسپى بىر ئىزدا توختاپ قېلىپلا قالماي، پۈتۈن دۇنيا كېيىنكى قېتىملىق ئىقتىسادىي كىرىزىسقا دۇچ كېلىشى مۇمكىن.
bilimdan #bilimzar#