Search This Blog

Monday, August 19, 2019

گېتلىر ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇب بولغانمۇ؟

گېتلىر راستلا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئۇتتۇردىمۇ؟ 1945
ـ يىلى ناتسىستلار تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى: بىز ۋەزىپىنى تولۇق تاماملاپ بولدۇق

ناتسىستلار تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى گېبېل 1945-يىلى كۈندىلىك خاتىرىسىگە: ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان بولۇشىمىز مۇمكىن ، لېكىن بىز ھېچ بولمىغاندا نىشانىمىزنى ئورۇنداپ بولدۇق، بىز ياۋروپانىڭ ئەخمىقانە بۇرژۇئا دۇنياسىنى يوقاتتۇق دېگەن ، ئۇنىڭ بۇ سۆزىنىڭ مەنىسى نېمە ؟گېرمانىيە زادى ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشۇىدا ئۇتتۇردىمۇ؟

سوۋېت ئىتتىپاقى گېرمانىيىگە ھۇجۇم قىلىپ 1945-يىلىغا كەلگەندە ، سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسى پولشانىڭ غەربىي قىسمىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ گېرمانىيىنىڭ شەرقىي قىسمىغا كىردى ، ئىتتىپاقداش ئارمىيە بولسا چېگرىدىن ئۆتۈپ گېرمانىيىنىڭ مەركىزىي رايونىغا كىرىپ ، رۇرغا تاجاۋۇز قىلدى.ئۇرۇش ۋەزىيىتى رۇشەنلىشىپ قالدى ، گېرمانىيە ھەربى ئىشلاردا مەغلۇپ بولدى ، لېكىن...

 ئىلگىرى گېتلىرنىڭ نىشانى يېڭى بىر دۇنيا تەرتىپىنى ئورنىتىش ئىدى ، ئۇ 2 قېتىملىق جەڭ ئارقىلىق بۇ ئىشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى ، ئۇ ئۆزى ئارزۇ قىلغان نىشانغا يەتتى--ناتسىستلار پۈتكۈل ياۋروپانىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تەرتىپىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى.2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ، ياۋروپا ئىمپېرىيىسىنىڭ ئەمەلىي كۈچى ئېغىر دەرىجىدە ئاجىزلاشتى ، ئەنگلىيە ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئىككى يىل ئىچىدە ئۆزىنىڭ تاج ئۈستىدىكى ياقۇتى بولغان ھىندىستاننى يوقىتىپ قويدى.فىرانسىيە ، ئەنگىلىيە ، گوللاندىيە ۋە ياۋروپادىكى باشقا كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ مۇستەملىكىچىلىرى ئۇرۇشتىن كېيىن ئۆز مۇستەملىكىسىدىن ئايرىلىپ قالدى.ناتسىستلار يېڭى دۇنيا تەرتىپى ئورنىتىپ ، سىياسىي خەرىتىنى ئۆزگەرتتى

ھىندىستان ئەسكەرلىرى 
ناتسىستلار ياۋروپانىڭ تەرتىپىنى ئۈزۈل-كېسىل بىتچىت قىلدى ، ياۋروپا بۇرژۇئازىيەسى ئەمدى دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلمايدۇ.بۇرۇن ، لوندون دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتنىڭ پايتەختى ئىدى.2-ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ، ۋاشىنگتون بىلەن موسكۋا دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان.پارىژ ئىلگىرى دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ پايتەختى ئىدى ، سەنئەتكار ، يازغۇچى ۋە مۇتەپەككۇرلار بۇ يەردە يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ ، مۇزاكىرە قىلىپ ، ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىنى قويۇپ بەرگەن.ئۇرۇش سەۋەبىدىن ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئامېرىكىغا كۆچۈپ بارغان ھەمدە ئۇ يەردە قېلىپ قالغان.دۇنيادا 19-ئەسىردىن 1945-يىلىغىچە بولغان بارلىق سىياسىي خەرىتىلەرگە ، 1945-يىلدىن كېيىنكى خەرىتىلەرگە قارىسىڭىز ، سىز بۇنى كۆرەلەيسىز


ئۈستىدىكىسى بولسا 1945-يىلدىن بۇرۇنقى دۇنيا سىياسى خەرىتىسى

ئۈستىدىكى بولسا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى سىياسى خەرىتە


گوببل فرانسىيە بىلەن ئەنگلىيە ئىككى دۆلەتنى مەسخىرە قىلىپ ، \\\\\\\\'سىلەر ئۇرۇشتا غەلىبە قىلدىڭلار ، ئادالەت رەزىللىكنى يەڭگىنى بىلەن ، لېكىن ھەممىسى بىھۇدە ئاۋارىچىلىك\\\\\\\\' دېگەن.ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا ، ئۇرۇشتا غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ، ئۆزلىرى 100 يىلدىن بۇيان توپلىغان مال-مۈلكىنى خورىتىۋەتكەن ، ئۇرۇشتىن كېيىن ، ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە تېز سۈرئەتتە زاۋاللىققا يۈز تۇتقان ، چەت ئەلدىكى مۇستەملىكىلەر چاك-چېكىدىن پارچىلىنىپ كەتكەن.مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ، ئۇلارنىڭ ئۇرۇشتا يېڭىلگىنى يەڭگىنىدىن كۆپ
گېتلىر ھۆكۈمىرانلىقىدىكى گىرمانىيە ئارمىيەسى



شۇڭا 2 مەيدان جەڭنىڭ رەھىمسىز ماھىيىتىنى گىتلېر بىلەن ئۇنىڭ ناتسىستلار پارتىيىسى بىر خىل قالايمىقانچىلىق شەكلى بىلەن جەڭدە غەلبىنى قولغا كەلتۈردى. ناۋادا گېتلىر ياۋروپاغا قارىتىپ كاللا ئويناتمىغان بولسا دۇنياغا بىز تەسەۋۋر قىلىپ باقمىغان دۆلەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ غوجا بولىشى مۇمكىن ئىدى


#bilimdan #bilimzar

No comments:

Post a Comment