Search This Blog

Wednesday, August 7, 2019

ئامېرىكا پىرىزدىنتلىرىنى قەستلەپ ئۆلتۈرگەن قاتىللارنىڭ ئاقىۋىتى

ئامېرىكا پىرىزدىنتلىرىنى قەستلەپ ئۆلتۈرگەن قاتىللارنىڭ ئاقىۋىتى
بىرىنچىسى: لىنكولىننى قەستلەپ ئۆلتۈرگەن بوس.
بۇس ئەسلىدە بىر ئارتىس ئىدى، ئامېرىكىنىڭ جەنۇب-شىمال ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئېكىنزارلىق ئىگىسىنى مەركەز قىلغان جەنۇب كىشىلەرگە ناھايىتى ھېسداشلىق قىلغاچقا شۇڭا لىنكولىنغا نىسبەتەن كۆڭلىدە ئۆچمەنلىك پەيدا بولغان. 1865 – يىل 4 – ئاينىڭ14 – كۈنى كەچ سائەت 10 دا، زۇڭتۇڭ لىنكولن ۋاشىنگتوندىكى بىر تىياتىرخانىنىڭ ئايرىمخانىسىدا تىياتىر كۆرگەن، شۇ چاغدا ھېچكىم پىرىزدىنتنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە جۈرئەت قىلالمىغان. لېكىن ئۇزاق ئۆتمەي لىنكولىننىڭ قوغدىغۇچىسى ئۇنىڭ يېنىدىن بىردەم ئايرىلغان . دەل مۇشۇ بىردەمدىن كېيىن، بس پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ لىنكولىننىڭ ئارقا مېڭىسىگە قارىتىپ ئوق چىقىرىپ، لىنكولىننى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قەستلەپ ئۆلتۈرگەن. كېيىن بۇ بۇس ئاشلىق ئامبىرىغا قېچىپ كىرىپ كەتكەن، ساقچىلار ئاشلىق ئامبىرىغا ئوت قويۇپ، ئاخىرىدا ئوق چىقىرىپ ئۇنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن .



ئىككىنچى: گاففېردنى قەستلەپ ئۆلتۈرگەن جىتېئو.
1881-يىلى7-ئاينىڭ 2-كۈنى، گىتلېر بىر نامرات ئادۋوكات بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ چاغدا ئۇئۆزىنىڭ ئامېرىكىنىڭ پىرىزدىنتىنى قوغداشقا يەنىلا ئانچە كۈچ بەرمىگەنلىكىنى ھېس قىلغان ئىدى ، چۈنكى گاففېردنىڭ يېنىدا دەرۋەقە مۇھاپىزەتچى يوق ئىدى. جىتېئو شۇنداق قىلىپ يولدا تەمكىنلىك بىلەن مېڭىپ گافېردىنىڭ كەينىدىن ئىككى پاي ئوق ئاتقان ، گافېرىد 11 ھەپتىدىن كېيىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان . جىتېئو دارغا ئېسىش جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ھەمدە 1882-يىلى 6-ئايدا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان.

ئۈچىنچى: مەكىنلېنى قەستلەپ ئۆلتۈرگەن چورگوس

جورگىس پولشا پۇشتىدىن بولغان ھۆكۈمەتسىزلىك تەرەپدارى بولۇپ، 1901-يىل 9-ئاينىڭ 6-كۈنى مەكىنلېدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىپ، كۆرگەزمىگە قاتناشقان چاغدا كىشىلەر بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن. چۈنكى ئۇ چاغدا پىرىزدىنت ۋە ئامانلىق ساقلىغۇچىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى قاتتىق ئەمەس بولۇپ، قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن ئادەتتىكى پۇقرالارئىچىدە يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ بارلىقىنى كىممۇ ئويلىغان دەيسىز. شۇنىڭ بىلەن جورگوس قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مەكىنلېنى قەستلەپ ئۆلتۈرگەن، مەكىنلېنىڭ قورسىقىغا ئوق تەگكەن بولسىمۇداۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان. ھالبۇكى، جورگوس توك ئورۇندۇقىغا ئولتۇرغۇزۇلۇپ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان.

تۆتىنچى: كېننېدىنى قەستلەپ ئۆلتۈرگەن ئوسۋالد.
كېننېدىنىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى تىلغا ئېلىنسا، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا تەسىر بولىدۇ. 1963-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى، كېننىدى ۋە ئۇنىڭ ئايالى جېكۈيلىن پائالىيەتكە قاتناشقاندا، ئوسۋاردىنىڭ ئوققا تۇتۇشىغا ئۇچراپ، نەقمە يداندا قازا قىلغان. كېيىن ئوسۋالد سوتلىنىشتىن بۇرۇن، رۇبى ئىسىملىك كېچىلىك كۇلۇب خوجايىنى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. نىمە سەۋەپتىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئېنىق ئەمەس.
بىلىمزار

No comments:

Post a Comment