نېمىشقا iPhone9، Windows9 يوق
نېمىشقا iPhone9، Windows9 يوق
9 نى نۇرغۇن تۇركى مىللەتلىرى قۇتلۇق سان دەپ قارايدۇ. ماشىنىنىڭ نومۇر تاختىسى، يانفون نومۇرىغا 9 كەلگەن نومۇرنى تاللايدۇ، بەزىلىرىنى خېلى كۆپ پۇلغا سېتىۋالىدۇ.
ئەمما بەزى پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكىلەردە 9 تىن ئۆزىنى قاچۇرۇش پىسخىكىسى بار. مەسىلەن: ئالما iPhone 9 نى چىقارمىدى، iPhone 8 تىن بىراقلا iPhone 10 غا ئۆتۈپ كەتتى. مىكروسوفتمۇ ۋىندوۋس 8 تىن كېيىن بىراقلا ۋىندوۋس 10 غا ئاتلاپ كەتتى.
Windows 7 ،Windows 8 دىن كېيىن ۋىندوۋس 9 نى ساقلاۋاتساق تۇرۇپلا ۋىندوۋس 10 نى چىقاردى.
مىكروسوفتنىڭ بىر پروگراممىرى بۇ ھەقتە مۇنداق چۈشەنچە بەرگەن، مىكروسوفت ئەسلىدە Windows 9 چىقىرىشنى ئويلاشقان، ئەمما سىناق جەريانىدا بىر كۈتۈلمىگەن مەسىلە كۆرۈلگەن. يەنى Windows 9 نىڭ كودىدىكى Windows 9 دېگەن پروگرامما كودى بىلەن Windows 95、Windows 98 نىڭ قىسقارتىلمىسى توقۇنۇشۇپ قالغان. شۇ ۋاقىتتا ئۇ مەسىلىنى ئوڭشىغان بولسىمۇ، كېيىن شۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلە كۆرۈلۈپ قالماسلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يېڭى سىستېمىنىڭ نامىنى Windows 10 غا ئۆزگەرتىۋەتكەن.
ئالما شىركىتىمۇ ئايفوننىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 2017-يىلى iPhoneX نى چىقاردى. بۇنىڭدىكى X رىم رەقىمىدىكى 10 نى بىلدۈرىدۇ، يەنى iPhone 10 ؛ ئايفون 8 تىن بىراقلا ئايفون 10 غا ئاتلىدى، بۇنى ئايفوننىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرلەش دەپ چۈشەندۈردى.
بۇ ئىككى شىركەتنىڭ يۇقارقىدەك چۈشەندۈرۈشىدىن باشقا تورداشلار يەنە تۆۋەندىكىدەك قىزىقارلىق چۈشەندۈردى.
9 قا چۈشەندۈرۈش قىيىن بولغان نۇرغۇن سىرلار يۇشۇرۇنغان، مۇزىكا ساھەسىدىكى داڭلىقلىقلارنىڭ ئۈلۈمى 9 بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بېتخوۋىن 9-سېمفونىيەسىنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن ئۆلگەن. Anton Bruckner مۇ 9-سېمفونىيەسىنى يېزىپ بولۇپ ئۆلگەن. شوبېرت 9-سېمفونىيەسىنى يېزىپ ئۆلگەن. ئالېكساندېر گىلازنوۋ، Vaughan Williams قاتارلىق مۇزىكانتلارمۇ 9-سېمفونىيەسىنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن ئۆلۈپ كەتكەن.
مۇزىكانت ئارنولد شونبېرگ بۇ ھەقتە مۇنداق ئىزاھات بەرگەن: «مۇزىكانتلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا 9-سېمفونىيە بىر چەك بولۇپ، بۇ چەكتىن ھالقىشنى سىناپ باققان مۇزىكانتلار ئۆلۈپ كەتتى»
بۇ غەرپلىكلەرنىڭ خۇراپاتلىقىمۇ ياكى توغرا كېلىپ قېلىشمۇ؟
ئۇنىڭدىن باشقا نوكىيا N9 نى چىقارغاندىن كېيىن يانفون كەسپى زاۋاللىققا يۈزلەندى، HTC مۇ M9 تىپلىق يانفوننى چىقارغاندىن كېيىن ۋەيران بولۇشقا باشلىدى.
سىز قانداق قارايسىز؟
بىلىمدان
No comments:
Post a Comment