Search This Blog

Wednesday, August 7, 2019

ئوتتۇزكۈندە قانچىلىك ئۆزگۈرەلەيمىز

ئوتتۇزكۈندە قانچىلىك ئۆزگۈرەلەيمىز
ئامېرىكىلىق مورگىن ئىسىملىك بىر بىكارتەلەپ يېگىت ، قىلىدىغان ئىش تاپالماي، بىركۈنى ئۆزىچە « ئۇدا 30 كۈن ماكدونالدتىن تەييار تاماق يېسەم قانداق بولار ؟» دېگەن غەلىتە خىيالغا كېلىدۇ ۋە بۇيېڭىلىقىدىن مەمنۇن بولۇپ كېتىپ، راست دېگەندەك ئۇدا 30 كۈن ماكدونالدتىن تاماق يەيدۇ.
ئۇ بۇ جەرياندا يەنە بىرتېلىكامىرا تەييارلاپ ئۆزىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى خاتىرىلىپ ماڭىدۇ. 30 كۈندىن كېيىن، ئەسلىدە ئىنتايىن ساغلام بولغان مورگىننىڭ تەن ئېغىرلىقى تەخمىنەن 12 كېلوگرام ئەتىراپىدا ئېشىپ كەتكەنلىكى ، يەنە ئۇنىڭدىن باشقا يېنىك دەرىجىدە خامۇشلۇق ئالامەتلىرى كۆرۈلگەنلىكى، جىگىرىدىمۇ ئاجىزلىق ئالامەتلىرىنىڭ پەيدا بولغانلىقى بايقىلىدۇ.
بۇ ئىشتىن كېيىن مورگىن ئۆزىنىڭ 30 كۈن جەريانىدا سىنغا ئالغان كۆرۈنۈشلىرىدىن بىر قىسقا فىلىم ئىشلەپ تورغا يوللايدۇ، بۇ فىلىم يەنە بىرەيلەننىڭ ئۆزى ھەققىدە 30 كۈنلۈك ئۆزگىرىش سىنىقى ئېلىپ بېرىشىغا سەۋەب بولۇپ قالىدۇ.
ئۇ دۇنياغا مەشھۇر گۇگېل شىركىتىنىڭ ئېنژىنىرى مەت كۇتس (MattCutts) بولۇپ، ئۇ ھېلىقى فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن ئۆزىگە مۇنداق دەيدۇ : « دەرۋەقە 30 كۈندە بىر ئادەم ئۆزىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدىكەن، ئۇنداقتا نېمىشقا ئاكتىپ يۆنىلىشىتكى ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنۇپ باقمىغۇلۇق ؟»
شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىرپارچە، 30 كۈنلۈك «ئۆزگۈرۈش پىلانى» نى تۈزۈپ چىقىپ تېزلا ئىجرا قىلىشقا باشلايدۇ.
ئۇنىڭ بۇ پىلانى تولىمۇ ئاددىي بولۇپ، ئاساسى مەزمۇنى مۇنداق :
ئىزچىل تۈردە ھەركۈنى مۇنداق 4 ۋەزىپىنى تاماملاش؛
1. ۋېلىسپىتلىق ئىشقا بېرىش
2. ھەركۈنى 10،000قەدەم مېڭىش
3. ھەركۈنى بىرپارچە سۈرەت تارتىش
4. بىرپارچە 50،000 خەتلىك تەرجىمھال يېزىپ تاماملاش (30 كۈن قەرەلگە بۆلۈپ)

يەنە 4 خىل ئادەتنى بويسۇندۇرۇش :
1. تېلېۋىزۇر كۆرمەسلىك
2. تاتلىق يېمەكلىك يېمەسلىك
3. تېۋىتتىر ئوينىماسلىق
4. كوفىئىننى چەكلەش
يۇقۇرىقىلارنىڭ ئىچىدە 50 مىڭ خەتلىك تەرجىمھالدىن باشقىسى ئىنتايىن ئاساندەك بىلىنىدۇ، ئەمەلىيەتتە 50 مىڭ خەتلىك تەرجىمھالنى 30 كۈنگە بۆلسەك ھەركۈنىگە تەخمىنەن پەقەت1667 خەتتىن توغرا كېلىدۇ.30 كۈندىن كېيىن مەت كۇتس ئەسلىدىكى كۈن بويى كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرىدىغان بودەكتىن خىلىلا ساغلام ۋە جۇشقۇن كۆرۈنىدىغان روھلۇق يېگىتكە ئايلىنىدۇ.
ئۇ كېيىن بۇ ھەقتە تېد پاراڭلىرىدا تەسىراتىنى مۇنداق يەكۈنلىگەن : ئەشۇ تولىمۇ كىچىك، ئىزچىللىقىغا كاپالەت قىلالىغۇدەك رېقابەتلەرگە جەڭ ئېلان قىلىشنى داۋام ئىتەلىسىڭىزلا 30 كۈندىن كېيىن ئۆزىڭىزدىن تولىمۇ مەمنۇن بولىسىز!
بىلىمزار

No comments:

Post a Comment