Search This Blog

Thursday, August 15, 2019

تومۇر تۇتۇشنى ئۆگىنىش - 3

تومۇر تۇتۇشنى ئۆگىنىش -3
 
ھەرخىل كېسەللىكلەردىكى تومۇر ھەرىكىتى كېسەللىك سەۋەبىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن تومۇر ھەرىكىتىدىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. تۆۋەندە كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەردىكى تومۇر ھەرىكىتى تونۇشتۇرىلىدۇ.
1. تومۇرنىڭ توم، كۈچلۈك، تېز سوقۇشى بەدەندە قان خىلىتىنىڭ ئۆز مىقدارىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىگە، جۇشانى خۇن (قان قىزىش) دىن بەلگە بېرىدۇ.
2. تومۇرنىڭ قاتتىق، تېز، ئىنچىكە سوقۇشى مېڭىدە سەپرا خىلىتىدىن بولغان ئىششىقنىڭ بارلىقىغا (سەرسام) كېسىلىگە بەلگە بېرىدۇ.
3. تومۇرنىڭ قىسقا، تېز، يۇمشاق سوقۇشى بويۇن بەز ئىششىقى كېسىلى (خانازىر) نىڭ بارلىقىنىڭ ئالامىتى.
4. تومۇرنىڭ ئاستا، يۇمشاق، تىتراپ سېلىشى سەرئى (تۇتقاقلىق) كېسىلىنىڭ ئالامىتى.
5. تومۇرنى تۇتقاندا بىر تەرەپنىڭ كۈچلۈك، بىر تەرەپنىڭ بوشراق سېلىشى مېڭىدە توسالغۇ بارلىقىنىڭ ئالامىتى.
6. تومۇرنىڭ ئىنچىكە، قاتتىق، ئاستا سېلىشى مالىخولىيائى دىماغى (مېڭە مەنبەلىك مالىخولىيا) كېسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر.
7. تومۇرنىڭ توم، بوش، تېز سوقۇشى يۇتقۇنچاق ئىششىقى، ئاشقازان، ئۆت ئىششىقى ھەمدە بەدەندە بەز ئۆسمىسى بارلىقىدىن بەلگە بېرىدۇ.
8. تومۇرنىڭ ئاستا، بوش، رېتىمسىز سوقۇشى يۈرەك قېپىغا سۇ يىغىلىش، يۈرەك قېرىنچىسى كېڭىيىپ كېتىش كېسەللىكىدىن بەلگە بېرىدۇ.
9. تومۇرنىڭ تېز، قالايمىقان، ئىنچىكە سوقۇشى يۈرەك دالانچىسىدا ئىششىق پەيدا بولغانلىقىدىن بەلگە بېرىدۇ.
10. تومۇرنىڭ تېز، قالايمىقان، ئىنچىكە سوقۇشى يۈرەك دالانچىسىدا ئىششىق پەيدا بولغانلىقدىن بەلگە بېرىدۇ.
11. تومۇر تۇتقاندا سول قولنىڭ تومۇرىنىڭ ئوڭ قولنىڭ تومۇرىغا قارىغاندا بوش سوقۇشى يۈرەك سانجىقى كېسىلىگە بەلگە بېرىدۇ.
12. تومۇرنىڭ ئىنچىكە، بوش، ئاستا سوقۇشى يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىغا بەلگە بېرىدۇ.
13. تومۇرنىڭ تومۇر ئىچى توشقان ھالەتتە سېلىشى ئۆپكىدە ھاۋالىق ئىششىق، زىققە كېسەللىكى بارلىقىغا بەلگە بېرىدۇ.
14. تومۇرنىڭ ھەرە چىشىسىمان، ئىككى يانغا تولغىشىپ سوقۇشى ئۆپكە، كۆكرەك پەرسىسىگە سۇ چۈشكەن ياكى يەل توشۇپ قالغانغا بەلگە بېرىدۇ.
15. تومۇرنىڭ بوش، قىسقا، ئاستا سوقۇشى بەدەننىڭ سوشۇقلۇقى، بەلغەمدىن بولغان ئاشقازان ئون ئىككى بارماق ئۈچەيدە يارا بارلىقىغا بەلگە بېرىدۇ.
16. تومۇرنىڭ بوش، ئاستا سوقۇشى، تومۇرنىڭ ئېسىلەڭگۈ بولۇشى ئاشقازان، ئۈچەيدە سوزۇلما ياللۇغنىڭ بارلىقىغا بەلگە بېرىدۇ.
17. تومۇرنىڭ ئىنچىكە، تېز، ئىسسىق، بوش سوقۇشى ئۆپكە سىلى، ئاشقازان، ئۈچەيدە سەپرادىن بولغان يارا كېسەللىكىگە بەلگە بېرىدۇ.
18. تومۇرنىڭ تېز، ئىنچىكە، قاتتىق تىترەپ سېلىشى كۆكرەك، باشنىڭ تەرلەپ كېتىشى ھەم نەپەس سىقىلىش، قالقانبەز ئىششىقى، يۈرەك دالانچە ئىششىقى كېسەللىكىگە بەلگە بېرىدۇ.
19. تومۇرنىڭ توم، قىسقا، قاتتىق سوقۇشى رېماتىزىم خاراكتېرلىك يۈرەك كېسەللىكى، مۇپاسىل كېسەللىكىگە بەلگە بېرىدۇ.
20. تومۇرنىڭ بوش، تېز، ئىسسىق سوقۇشى نۇقرەس (ئۇششاق بوغۇم ئىششىقى) كېسەللىكىگە بەلگە بېرىدۇ.
21. تومۇرنىڭ ئىنچىكە، قاتتىق، سوغۇق سوقۇشى تال ئىششىقى كېسەللىكىگە بەلگە بېرىدۇ.
22. تومۇرنىڭ ئىنچىكە، بوش، ئاستا، ئىسسىق سوقۇشى، تىلدا قارا گەز بولۇشى قارا كېزىك (ئۈچەي كېزىكى) كېسەللىكىگە بەلگە بېرىدۇ.
23. تومۇرنىڭ ئاستا، تۇتۇق، سوغۇق سوقۇشى ئۈچەي تولغان كېسەللىكىگە بەلگە بېرىدۇ.
24. تومۇرنىڭ توم، قىسقا، تېز سوقۇشى بۆرەككە سۇ چۈشكەنلىكىگە بەلگە بېرىدۇ.
25. تومۇرنىڭ توم، قىسقا، ئاستا سېلىشى، سوغۇقتىن بولغان جىگەر ئىششىقىغا بەلگە بېرىدۇ.
26. تومۇرنىڭ بىر كۈچلۈك، بىر ئاجىز، بىردەم تېز، بىردەم ئاستا، بىردەم ئۈستۈن كۆتۈرۈلۈپ بىردەم پەسلەپ سوقۇشى يۈرەك خىزمىتىنىڭ خەتەر ئىچىدە ئىكەنلىكدىن بەلگە بېرىدۇ.
27. ئوڭ قولنىڭ تومۇرىنىڭ قاتتىق، تۇتۇق سۇقۇشى ئۆتكە تاش چۈشكەن كېسەللىكتىن بەلگە بېرىدۇ.
28. تومۇرنىڭ تېز، رېتىمسىز سوقۇشى يۈرەك كىلاپانلىرىنىڭ تولۇق ئېچىلالماسلىقىغا بەلگە بېرىدۇ.
29. تومۇرنىڭ بوش، ئاستا، رېتىمسىز سېلىشى يۈرەكنىڭ كېڭىيىپ كەتكەنلىكىگە بەلگە بېرىدۇ. بۇ كۆپىنچە قان قويۇلۇپ قالغانلىق ياكى قان تومۇر تارىيىۋېلىش كېسەللىكىگە بەلگە بېرىدۇ.
#bilimdan  #bilimzar

No comments:

Post a Comment