Search This Blog

Thursday, August 15, 2019

تومۇر تۇتۇشنى ئۆگىنىش - 1

تومۇر تۇتۇشنى ئۆگىنىش - 1
  
تومۇرنىڭ تۈرلىرى: تومۇرنىڭ تۈرلىرى چوڭ جەھەتتىن تەبىئىي تومۇر ۋە غەيرىي تەبىئىي تومۇر دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.
1. تەبىئىي تومۇر: تەبىئىي تومۇر شۇ كىشىنىڭ يەككە ۋە مۇرەككەپ ھالەتتىكى تەبىئىي مىزاجىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان تومۇر بولۇپ، تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە خىل بولىدۇ.
1) قان مىزاجلىقلار (ھۆل ئىسسىق مىزاجلىقلار) نىڭ تومۇرى تېز، توم، كۈچلۈك، ئۇزۇن، ئىسسىق سوقىدۇ.
2) سەپرا (قۇرۇق ئىسسىق) مىزاجلىقلارنىڭ تومۇرى ئىنچىكە، تېز، كۈچلۈك، ئىسسىق، قاتتىق سوقىدۇ.
3)بەلغەم (ھۆل سوغۇق) مىزاجلىقلارنىڭ تومۇرى كەڭ، ئاستا، قىسقا، يۇمشاق، سوغۇق سوقىدۇ.
4) سەۋدا (قۇرۇق سوغۇق) مىزاجلىقلارنىڭ تومۇرى ئىنچىكە، قاتتىق، ئاستا، قىسقا، سوغۇق سوقىدۇ. مىزاجلار يەككە بولماي مۇرەككەپ بولغاچقا، كىشىلەرنىڭ مىزاجى قان مىزاج بولسا، قانۈغا سەپرا ياكى قانغا بەلغەم ياكى سەۋدا يانداش كەلگەن بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللاردا تومۇر ھەرىكىتى يۇقىرىقى يانداش مىزاجلىقلارنىڭ تومۇر يانداشچانلىقدا بولىدۇ. مەسىلەن: مىزاجى قان بولغان بولسا، يانداش مىزاجى سەپرا بولسا بۇنداق كىشىلەرنىڭ تومۇرىنى تۇتقاندا تومۇرىنىڭ ئورنى كەڭ ئۈستىگە ئۆرلىشى، ئىنچىكە، تېزرەك بولۇپ بەدىنى قىزىقراق بولىدۇ. ئەگەر قانغا بەلغەم يانداش بولسا، تومۇر ئورنى توم، تومۇر ھەرىكىتى سۇسراق، بەدەن نەم، ئىسسىق-سوغۇقلۇقتا مۆتىدىل بولىدۇ. ئەگەر قانغا سەۋدا يانداشقان بولسا تومۇرنىڭ ئورنى كەڭ، تومۇرنىڭ ئۈستىگە سوقۇشى ئىنچىكە، تومۇر ھەرىكىتى ئوتتۇراھال، بەدەن نەم، ئىسسىق-سوغۇقلۇقتا مۆتىدىل بولىدۇ. يۇقىرىقىلار تەبىئىي مىزاجلىقلارنىڭ تومۇر ھەرىكىتى دېيىلىدۇ.
غەيرىي تەبىئىي تومۇر: كىلىنكىدا نىسپەتەن كۆپ ئۇچرايدىغان تومۇر دولقۇنلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت.
1. ئۇزۇن تومۇر: تومۇرنىڭ ھەركىتى تىۋىپنىڭ بارمىقىغا تەبىئىي ھالەتتىكى تومۇر ( شۇ كىشىنىڭ ساق ھالەتتىكى تومۇر ھەركىتى)دىن ئۇزۇنراق سېزىلىدىغان تومۇر ھەركىتى بولۇپ، بۇ خىل تومۇر ھارارەتلىك كېسەللىكلەردە كۆرۈلىدۇ. بىمارنىڭ بەدەن ھارارىتىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، لېكىن بىر قىسىم ساق كىشىلەردىمۇ ئۇزۇن تومۇر شەكلى ئىپادىلىنىدۇ. بۇنى كېسەللىك دېيىشكە بولمايدۇ. بۇنى تومۇرنىڭ جايلىشىشىنىڭ تېيىز-چوڭقۇرلىقىغا قاراپ بىلگىلى بولىدۇ.
2. قىسقا تومۇر: تومۇر ھەرىكىتى تىۋىپنىڭ بارمىقىغا نورمالدىن قىسقىراق بىلىنىدىغان تومۇر شەكلى بولۇپ، تومۇر ھەرىكەتلىنىش ۋاقتىنىڭ قىسقىقلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ خىل تومۇر شەكلى تەبىئىي ھارارەتنىڭ تۆۋەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. تومۇرنى تۇتقاندا پەقەت بىرلا بارماققا ئۇرۇنىدىغاندەك سېزىلىدۇ.
3. توم تومۇر: كەڭ تومۇر دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تومۇر ھەرىكىتى تىۋىپنىڭ بارمىقىغا تومراق سېزىلىدۇ. بۇ، بەدەندە سۇيۇقلۇقلارنىڭ كۆپەيگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. كۆپرەك بەلغەم (ھۆل سوغۇق) مىزاجلىق كىشىلەردە ۋە بەلغىمى قىزىتمىقىلق كېسەللىكلەردە كۆرۈلىدۇ.
4. ئىنچىكە (تار) تومۇر: تومۇر ھەرىكىتى تىۋېپنىڭ بارمىقىغا نورمالدىن ئىنچىكە بىلىنىدىغان تومۇر شەكلى بولۇپ، بەدەندە قۇرۇقلۇق زىيادىلىشىپ، ھۆللۈك ئازايغانلىقىدىن ۋە تەبىئىي ھارارەت ئاجىزلاپ كەتكەنلىكدىن دېرەك بېرىدۇ. قۇرغاق يېمەكلىكلەرنى ۋە قۇرۇتقۇچى ئىسسىقلىق دورىلارنى كۆپ ئىستېمال قىلغۇچىلاردا، بەدەننى سوۋۇتقۇچى يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش، جىنسىي ئالاقىنى كۆپ قىلىش، جىسمانىي ھەرىكەت ۋە تەنھەركەت بىلەن شوغۇللانماسلىق، كېزىك كېسىلى ۋە قەنت سىيىش كېسىلىدىن سۇسىزلىنىش، ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر (جىگەر، ئۆپكە، ئاشقاززان ياللۇغى بىلەن ئاغرىش)، يۈرەك زەئىپلىكى، كۆپ ئۇخلاش، ئۇزاق ۋاقىت ئۇيقۇسىز قېلىش، ئۇزۇقلۇق يېتىشمەسلىك قاتارلىق ئەھۋاللاردا كۆرۈلىدۇ.
5. يۈزە تومۇر: تومۇر ھەرىكىتى تىۋىپنىڭ بارمىقىغا يۈزە لەيلەپ سالغاندەك بىلىنىدىغان تومۇر شەكلى بولۇپ، ئۈستۈن تومۇر ياكى لەيلىمە تومۇر دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل تومۇر بەدەندە ھارارەتلىك كېسەللىكلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
6. چۆكمە تومۇر (چوڭقۇر تومۇر): تومۇر ھەرىكىتى تىۋېپنىڭ بارمىقىغا چوڭقۇرلۇقتا سېلىۋاتقاندەك سېزىلىدىغان تومۇر شەكلى بولۇپ، يۈزە تومۇرنىڭ ئەكسىچە تەبىئىي ھارارەتنىڭ تۆەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
7. كۈچلۈك تومۇر: تومۇرنىڭ ھەرىكىتى تىۋىپنىڭ بارمىقىغا كۈچلۈك ئۇرۇنىدىغان تومۇر شەكلى بولۇپ، روھىي ھايۋانىينىڭ كۈچلۈكلۈكىدىن دېرەك بېرىدىغان تومۇردۇر. قان خىلىتى ۋە سەپرا خىلىتىنىڭ زىيادىلىكىدىن بولغان كېسەللىكلەردە ئىپادىلىنىدۇ.
8. ئاجىز (كۈچسىز) تومۇر: تومۇرنىڭ ھەرىكىتى تىۋىپنىڭ بارمىقىغا ناھايىتى كۈچسىز ئۇرۇنىدىغان، ھەتتا بىلىنمىگۈدەك سالىدىغان تومۇر شەكلى بولۇپ، كۆپىنچە قۇۋۋىتى ھايۋانىينىڭ ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، ئۆز جىسمانىي قۇۋۋىتىدىن ئېشىپ كەتكەن جىسمانىي ھەرىكەت ياكى تەنھەركەت بىلەن شوغۇللىنىش، خوراتقۇچى كېسەللىكلەر، ھوشسىزلىق قاتارلىقلاردا كۆرۈلىدۇ.
9. تېز تومۇر: تومۇرنىڭ ھەرىكىتى تىۋىپنىڭ بارمىقىغا ناھايىتى تېزلىشىپ كەتكەن، كېڭىيىش-تارىيىش ھەرىكىتىنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملانغان ھالەتتە ئۇرۇنىدىغان تومۇر بولۇپ، بەدەندە ھاجەت كۈچەيگەن، قۇۋۋەت ئاجىزلىغان، ئەزا ياكى قان تومۇرلاردا جىددىيلىك، قاتتىقلىشىش بولغان ئەھۋالدا ئىپادىلىنىدۇ. بولۇپمۇ دەم سىقىلىش، قىزىتمىلىق كېسەللىكلەردە قاتتىق جىسمانىي ھەرىكەت قىلغاندا، جىددىيلەشكەندە كۆرۈلىدۇ.
10. ئاستا تومۇر: بۇ خىل تومۇر تېز بومۇرنىڭ ئەكسىچە تومۇر بولۇپ، تىۋىپنىڭ بارمىقىغا تومۇر ھەرىكىتى ناھايىتى ئاستا بىلىنىدۇ. كۆپىنچە بەدەندە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، كېرەكسىز ماددىلارنىڭ يىغىلىپ قېلىشى، قالاييمىقان تاماق يېيىش، كەم قانلىق، بەدەن زەئىپلىكى، سوزۇلما ئىچ سۈرۈش قاتارلىقلاردا كۆرۈلىدۇ.
11. بىر تۇتاش تومۇر (ئارقىمۇ ئارقا سالغان تومۇر) : تومۇرنىڭ كېڭىيىش ۋاقتى سوزۇلۇپ، جىملىق ۋاقتى نورمالدىنمۇ قىسقا بولغان تومۇر شەكلى بولۇپ، تىۋىپنىڭ بارمىقىغا كەينى-كەينىدىن ئۇرۇنىدۇ. قۇۋۋىتى ھايۋانىي ئاجىزلىغانلىقىنى، بەدەندە ھاجەتنىڭ ئازايغانلىقىنى، تومۇرلاردا قاتتىقلىق پەيدا بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
12. پەرقلىق تومۇر: بۇ خىل تومۇر بىر تۇتاش تومۇرنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، تومۇرنىڭ كېڭىيىش، تارىيىشى تېزرەك بولىدۇ، جىملىق ۋاقتى نورمالدىن ئۇزۇنراق بىلىنىدىغان تومۇر شەكلىدىن ئىبارەت بولۇپ، قۇۋۋىتى ھايۋانىينىڭ كۈچلۈكلۈكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
13. قاتتىق تومۇر: تومۇر تىۋىپنىڭ بارمىقىغا قاتتىق بىلىنىدىغان تومۇر بولۇپ، بەدەندىكى قۇرۇقلۇق بىلەن ھۆللۈكنىڭ ئازايغانلىقىنى بىلدۈۈرىدۇ، بولۇپمۇ بەزگەك كېسىلى، ئۆپكە كېسىلىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە ئىپادىلىنىدۇ.
14. يۇمشاق تومۇر: تومۇر ھەرىكىتى تىۋىپنىڭ بارمىقىغا ناھايىتى يۇمشاق، مۇلايىم ئۇرۇنىدىغان تومۇردىن ئىبارەت. ساق كىشىلەردە ئىپادىلىنسە سالامەتلىكنىڭ ياخشىلىقىنى بىلدۈرىدۇ. كۆپىنچە بەدەندە ھۆللۈك كۆپىيىپ كەتكەندە، بولۇپمۇ نېرۋا-ئەسەب كېسەللىكلىرىدە كۆپرەك ئۇچرايدۇ. مەسىلەن: پالەچ، لەقۋا، ئىستىرخا قاتارلىقلار.
15. ئىسسىق تومۇر: تومۇرنىڭ ھەرىكىتى تىۋىپنىڭ بارمىقىغا ئىسسىق بىلىنىدىغان تومۇر شەكلى بولۇپ، بەدەندە ھارارەتنىڭ ئارتۇقلۇقىدىن دېرەك بېرىدۇ. قىزىتمىقىلق كېسەللىكلەردە كۆرۈلىدۇ.
16. سوغۇق تومۇر: تومۇرنىڭ ھەرىكىتى تىۋىپنىڭ بارمىقىغا سوغۇق ئۇرۇنىدىغان تومۇر بولۇپ، بەدەندە ھارارەتنىڭ تۆۋەنلىكىنى، يەنى ھۆللۈكنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
17. تولغان تومۇر: تولۇق تومۇر دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تومۇر ھەرىكىتى تىۋىپنىڭ بارمىقىغا تولغان ھالەتتە ئۇرۇنىدۇ. بۇ شىريان تومۇرىدا قاننىڭ كۆپلۈكىدىن دېرەك بېرىدۇ. قان بېسىم يۇقىرى بىمارلاردا ئىپادىلىنىدۇ.
18. تولمىغان تومۇر: بۇ خىل تومۇر تولۇق تومۇرنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، قان ئازلىقتىن دېرەك بېرىدۇ.
19. تەكشى تومۇر: تومۇرنىڭ ھەرىكىتى تىۋىپنىڭ بارمىقىغا تەكشى ئۇرۇنىدىغان تومۇر بولۇپ تومۇرنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، كۈچلۈك-ئاجىزلىقى، تېز-ئاستىلىقى، بىر تۇتاش ياكى ئارلايدىغانلىقى، قاتتىق-يۇمشاقلىقىغا ئوخشاش ئەھۋاللارنىڭ بىردەكلىكىگە قارىتىلغان، سالامەتلىكنىڭ ياخشىلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
20. تەكشىسىز تومۇر: تەكشى تومۇرنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، ئىختىلاپلىق تومۇر دېيىلىدۇ. ئورگانىزىمدا، مىزاجدا بىرەر نورمالسىز ئۆزگىرىشنىڭ بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
21. غەيرىي مۇنتىزىم تومۇر (مۇنتىزىم بولمىغان تومۇر): تومۇرنىڭ ھەرىكىتى تېۋىپنىڭ بارمىقىغا مۇنتىزىم تومۇرنىڭ ئەكسىچە ئۇرۇنىدىغان تومۇر شەكلىدىن ئىبارەت. تومۇرنىڭ رىتىمى بىر خىل رىتىمدا بولمايدۇ. ئىككى-ئۈچ ھەرىكەتتىن كېيىن جىملىق، يەنى قاتتىق ھەرىكەت قىلغان ھالەتتە سالىدۇ. بۇ مىزاجنىڭ بۇزۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
22. ۋەزىندىن ھالقىغان تومۇر: بۇ خىل تومۇر ھەرىكىتى ھەرخىل ياشتىكىلەرنىڭ ئۆز يېشىغا ماس بولمىغان ھالەتتە سوقىدىغان تومۇر شەكلىدىن ئىبارەت. مەسىلەن: كىچىك بالىلارنىڭ تومۇرىنىڭ چوڭلارغا  ماس سېلىشى بۇ يامان ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
23. چاشقان قۇيرۇقىسىمان تومۇر: (نەبزى زەنبىلپار): تومۇر ھەرىكىتى تىۋىپنىڭ بارمىقىغا خۇددىي چاشقان قۇيرۇقىغا ئوخشاش، تۈۋى توم، ئۇچى ئۇچلۇق، ئىنچىكە بولغىنىدەك دەسلەپتە توم ئۇرۇنۇپ، تەدرىجىي ئىنچىكە، ئاستا ئۇرۇلىدۇ. باشلىنىشى تېز باشلىنىپ بارغانسېرى ئاستىلاپ، دەسلەپتە قاتتىق ئۇرۇنۇپ، كېيىن يۇمشاق ئۇرۇنىدىغان تومۇر شەكلىدىن ئىبارەت. بۇ، تەبىئەتنىڭ (قۇۋۋەتنىڭ) بارغانچە ئاجىزلاپ كېتىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
24. ھەرە چىشسىمان تومۇر (نەبزى مىنشارى): تومۇر ھەرىكىتى تېۋىپنىڭ بارمىقىغا ئارقىمۇ ئارقا، خۇددىي ھەرە چىشىغا ئوخشاش ئۇرۇنىدىغان تومۇر شەكلى بولۇپ، تومۇر ھەرىكىتى بىر ئېگىز، بىر پەس، دەسلەپتە تېز ۋە قاتتىق ھالەتتە بىلىنىدۇ. بۇ بىر قىسىم ئىچكى ئەزالاردا ئۆتكۈر ياللۇغلىنىشنىڭ بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بولۇپمۇ كۆكرەك ياللۇغى، مېڭە پەردە ياللۇغى، ئىچكى ئەزالارنىڭ ياللۇغىدا ئىپادىلىنىدۇ.
25. دولقۇنسىمان تومۇر(نەبزى موجى): بۇ خىل تومۇر خۇددى دەريا قىرغاقلىرىغا سۇ دولقۇنلىرى ئۇرغاندەك تومۇر ھەرىكىتى تىۋىپنىڭ بارمىقىغا دەسلەپتە كۈچلۈك ۋە تېز ئۇرۇلۇپ، ئاندىن دولقۇن قايتقاندەك ناھايىتى تېزلا تومۇر ھەرىكىتى بىلىنمەي قالىدىغان تومۇر شەكلىدىن ئىبارەت. بۇ خىل ئەھۋال قان تومۇرلاردا قىسقىرىش بېسىمى يۇقىرى بولۇپ، كېڭىيىش بېسىمى تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكتىن دېرەك بېرىدۇ. ئائورتا كىلاپانى تولۇق يېپىلماسلىق، قىزىتمىلىق كېسەللىكلەر، زەھەرلىك ئىچكى پوقاق، ئىستىسقا، پالەچ، سەكتە قاتارلىق كېسەللىكلەردە كۆرۈلىدۇ. ئەگەر بۇ خىل تومۇر ھەرىكىتى قىزىتمىلىق ياللۇغ قاتارلىقلارداا كۆرۈلسە، بىمارنىڭ تەرلەپ بوھرانغا كىرىشىدىن دېرەك بېرىدۇ. سەۋەبى قۇۋۋەت ئاجىزلاپ، يۈرەك خىزمىتى ناچارلاشقانلىقتىن بولىدۇ.
26. چۈمۈلە ماڭغان تومۇر (نەبزى نەملى): بۇ خىل تومۇر تىۋىپنىڭ بارمىقىغا خۇددى چۈمۈلە ماڭغاندەك كىچىك، ئارقىمۇ-ئارقا، قاتتىقراق، ئەمما ئاجىز سېزىلىدىغان تومۇردىن ئىبارەت بولۇپ، قۇۋۋەتنىڭ يوقىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. يۈرەكنىڭ ساپ ئوكسىگىنغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى، ھاياتلىقنىڭ خەۋپ ئاستىدا قالغانلىقنى بىلدۈرىدۇ.
27. قۇرت ئۆمىلىگەندەك تومۇر ( نەبزى دودى): بۇ خىل تومۇر ھەرىكىتى تىۋىپنىڭ بارمىقىغا خۇددى قۇرت لۆمۈلدىگەندەك بىلىنىدىغان تومۇر شەكلى بولۇپ، تومۇرنىڭ سوقۇشى كۈچسىز، ئارقىمۇ-ئارقا، ئىنچىكە بولىدۇ. لېكىن تېز بولمايدۇ، تىۋىپ بىر قېتىم ئۇرغان تومۇرنى ئىككى قېتىم ئۇرغاندەك ھېس قىلىدۇ. بۇ، مۇرەككەپلەشكەن تومۇر بولۇپ، قۇۋۋەتنىڭ ئاجىزلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ھاياتلىقنىڭ ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
28. ئالماشقان تومۇر: بۇ خىل تومۇرنىڭ رىتىمى نورمال، تومۇر سوقۇشى بىر كۈچلۈك، بىر ئاجىز بولۇپ، ئالمىشىپ تۇرىدىغان تومۇر شەكلىدىن ئىبارەت. يۈرەك قىسقىرىشنىڭ بىر كۈچلۈك، بىر ئاجىز بولۇپ ئالمىشىپ تۇرىشىدىن كېلىپچىققان، يېنىكلىرىدە پەقەت تومۇر دولقۇنىنى خاتىرىلەش سايمىنى ئارقىلىق خاتىرىلەشكە بولىدۇ. ئېغىرلىرىنى تۇتۇپ بىلگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ پەيدا بولۇشى كۆپىنچە يۈرەك مۇسكۇلىدا ئېغىر زەخىملىنىشنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. يۈرەك خىزمىتى تولۇق بولماسلىق، يۇقىرى قان بېسىملىق يۈرەك كېسىلى، تاجىسىمان ئارتېرىيە قېتىش خاراكتېرلىك يۈرەك كېسىلى قاتارلىقلاردا كۆرۈلىدۇ.
29. ئىككى چوققىلىق تومۇر: تومۇرنىڭ سېلىشى ھاجەتكە لايىق بولسىمۇ، لېكىن تومۇرنىڭ قاتتىقلىقىدىن ئىككى ھەرىكەت ئوتتۇرىسىدا بىر توختايدۇ. بۇ، ھالەتنىڭ كۆپلۈكىنى بىلدۈرىدۇ.
30. قوش باشلىنىشلىق تومۇر: ھەرىكەت باسقۇچىدا سۈكۈت بولىدۇ. بۇ، قۇۋۋەت (تەبىئەت) نىڭ ئاجىزلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
31. بازغان ئۇرغاندەك تومۇر: تومۇر ھەرىكىتىدە تومۇردىكى دولقۇن بارماققا ئۇرۇنۇپ بولۇپ، ئارقىغا بىر ئاز قايتىپ مەركەزگە بارماي تۇرۇپلا، كېڭىيىش ھەرىكىتىنى تاماملايدۇ. بۇ خۇددى سوقۇلغان بازغاننىڭ سوقۇشىغا ئوخشايدۇ. بۇ بىر تەرەپتىن قۇۋۋىتى ھايۋانىينىڭ كۈچلۈكلۈكى، يەنە بىر تەرەپتىن روھنىڭ ساپ ھاۋاغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ كۆپلۈكىنى بىلدۈرىدۇ.
32. تەرتىپسىز تومۇر: سۈكۈت قىلىش ئورنىغا ھەرىكەت يۈز بېرىدۇ. يەنى كېڭىيىش تامام بولغاندىن كېيىن تېزلا تارىيىش باشلىنىدۇ ياكى بىر ئاز سۈكۈت قىلىپلا تارىيىش باشلىنىدۇ ياكى بىزئاز سۈكۈت قىلىپلا تارىيىش باشلىنىدۇ. بۇنىڭدا تومۇر ئالدىراشلىق بىلەن قاتتىق ئۇرىدۇ ھەمدە سۈۈكۈت قىلىش لازىم بولغاندىمۇ يەنىلا ھەرىكەت يۈز بېرىدۇ. تەرتىپسىز تومۇر بىلەن بازغان ئۇرغاندەك تومۇرنىڭ پەرقى شۇكى، تەرتىپسىز تومۇردا كېڭىيىشتىن كېيىن ئۇنىڭغا مۇناسىپ بولغان تارىيىش تاماق بولغۇچە ئىككىنچە قېتىم سوقۇش يۈز بېرىدۇ. بازغان ئۇرغان تومۇردا بىرلا قېتىم سوقۇش يۈز بېرىدۇ. تومۇرنىڭ تەرتىپسىز سېلىشتىكى سەۋەبى شۇكى، بەدەننىڭ ساپ ھساۋاغا بولغان ھاجىتىنىڭ كۆپلۈكىدىن ھەرىكەت قىلىشقا تېگىشلىك بولمىغان ۋاقىت ئىچىدىمۇ ھەرىكەت ۇىقىلدۇ. بۇنىڭغا ئەگىشىپ نەپەس ئېلىشمۇ تېزلىشىدۇ.
33. تىترىگەن تومۇر: تومۇرنىڭ تىترەپ ھەرىكەت قىلىشىدىن ئىبارەت. بەدەندە خىلىتلارنىڭ كۆپلۈكى، قۇۋەتنىڭ كۈچلۈكلۈكى، تومۇرنىڭ قاتتىقلىقى، قۇۋۋەتنىڭ كېسەللىككە قارشى كۈرەش قىلغانلىقى ھاجەتنىڭ كۆپلۈكىنى بىلدۈرىدۇ.
#bilimdan  #bilimzar

No comments:

Post a Comment