بىردانە كىچىك قارا ئۆڭكۈر يەرشارىنى توك بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ
2016 ـ يىلى، خاۋكىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر نەزەرىيەنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇ ماسسىسى بىر تاغنىڭ ماسسىسىچىلىك چوڭلۇقىدىكى قارا ئۆڭكۈرنىڭ 10 مىليون مېگا ۋات قۇۋۋەت بىلەن رېنتىگىن نۇرى ۋە گامما نۇرى تارقىتىدىغانلىقىنى، بۇ پۈتۈن يەر شارىنىڭ توك بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان.
قارا ئۆڭكۈرنى مەركەز قىلغان شەھەر
لېكىن، ئەڭ مۇھىم مەسىلە شۇيەردىكى مۇنداق بىر كىچىك قارا ئۆڭكۈرنى تېپىپ ئۇنىڭ ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ بىزگە ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك تەسىر كۆرسەتمەسلىكى لازىم
خاۋكىڭ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: بىر جۈپ مەۋھۇم زەررىچە ئىچىدىكى بىرى قارا ئۆڭكۈرگە چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن، يەنە بىرى چۈشمىگەن بولسا ياكى ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كېتىدۇ، ياكى رادىئاتسىيە شەكلىدە قېچىپ چىقىدۇ.
خاۋكىڭ ئىلگىرى قارا ئۆڭكۈرنىڭ دانچە دەستە ۋە نۇر ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى ھەمدە پۈركۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن پەيدا بولغان تېمپېراتۇرا بولسا سىرتقى يۈزنىڭ تارتىش كۈچى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئۇنىڭ ماسسىسى بىلەن تەتۈر تاناسىپ بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.
مەسىلەن، ماسسىسى قۇياشنىڭ ماسسىسىغا تەڭ كېلىدىغان قارا ئۆڭكۈردىن چىققان زەررىچىنىڭ سۈرئىتى ئىنتايىن ئاستا بولىدۇ، ھەتتا بىزنىڭ تەكشۈرەلىشىمىز ناھايىتى تەس. ھالبۇكى، ماسسىسى بىر تاغ ماسسىسىچىلىك چوڭلۇقتىكى قارا ئۆڭكۈر بولۇپ، ئۇنىڭدىن چىققان رېنتىگىن نۇرى ۋە گامما نۇرىنىڭ سۈرئىتى 10 مىليون مېگا ۋاتقا يېتىدىكەن، بۇ پۈتۈن دۇنيانىڭ توك بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا يېتەرلىك ئىكەن.
كىچىك قارا ئۆڭكۈردىن پايدىلىنىش بىر ئاددىي ئىشتەك قىلسىمۇ ، لېكىن بىز قارا ئۆڭكۈرنى بىر ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا قويۇشقا ئامالسىز، چۈنكى ئۇ يەر يۈزىنى تېشىپ ئۆتۈپ، بارا ـ بارا يەر مەركىزىگە چۈشۈپ كېتىدۇ. ئەڭ ياخشى ھەل قىلىش لايىھەسى بولسا ئۇنى سۈنئىي ھەمراھقا ئوخشاش يەر شارىنى ئايلىنىپ چۆرگىلىتىش ھېسابلىنىدۇ .
خاۋكىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىنسانلار كۆپ يىللاردىن بۇيان مۇشۇنداق كىچىك قارا ئۆڭكۈرنى جاپالىق ئىزدەپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما نەتىجىسىز قايتىپ كەلدى.ئۇ قىزىقارلىق قىلىپ: بۇ ھەقىقەتەن بىر ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولدى، ئەگەر ئۇلار بۇنداق قارا ئۆڭكۈرنى تاپسا، مەنمۇ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىمەن دېدى، ئۇ يەنە چۈشەندۈرۈپ، بىز بەلكىم ۋاقىت ـ بوشلۇقنىڭ باشقا ئۆلچەملىرىدە كىچىك قارا ئۆڭكۈرنى ئىجاد قىلىشىمىز مۇمكىن دېدى.
خاۋكىڭنىڭ قارىشىچە، بەزى نەزەرىيەلەرگە ئاساسلانغاندا، بىز ھازىر تۇرۇۋاتقان تۆت ئۆلچەملىك ئالەم پەقەت 10 ياكى 11 ئۆلچەملىك ئالەمنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.بىز ۋاقتىنچە ئارتۇقچە ئۆلچەمنى كۆرەلمەيمىز، چۈنكى نۇر بۇ جايلاردىن ئۆتەلمەيدۇ، لېكىن تارتىش كۈچى يەنىلا بۇ جايلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ جايلارنىڭ تارتىش كۈچى كۆپ كۈچلۈك بولىدۇ، شۇڭا ئارتۇقچە ئۆلچەم كىچىك قارا ئۆڭكۈرنىڭ شەكىللىنىشىگە تېخىمۇ پايدىلىق
ياۋروپادىكى چوڭ تىپتىكى گادرون سوقۇشتۇرۇش ماشىنىسى خاۋكىڭنىڭ نەزەرىيەسىنى ئىسپاتلاپ بېرەلىشى مۇمكىن، سوقۇشتۇرۇش ماشىنىسىنىڭ زەررىچە سوقۇلۇشى كىچىك قارا ئۆڭكۈرنى بارلىققا كەلتۈرۈشى مۇمكىن، ھەمدە ئۇنىڭ زەررىچە رادىئاتسىيە ئەندىزىسىنى ئاسانلا بىز پەرق ئېتەلەيمىز.
ئەگەر كەلگۈسىدە ئىنسانلار مۇشۇنداق كىچىك قارا ئۆڭكۈرنى يارىتالىسا ھەمدە ئۇلارنى ئەركىن ـ ئازادە باشقۇرالىسا، ئۇنداقتا ئىنسانلارنىڭ ئېنېرگىيە مەسىلىسى ئاسانلا ھەل بولىدۇ.
#bilimdan #bilimzar
No comments:
Post a Comment