Search This Blog

Friday, August 9, 2019

ئاددى ھېكىمەتلەر



قۇتىدىكى چاشقان

بىر كۈنى، سېمىز بىر چاشقان ئوزۇق ئىزدەپ يۈرۈپ ئېسىل يېمەكلىكلەر قاچىلانغان بىر قۇتىنى بايقاپتۇ. ئۇ قۇتىدىكى يېمەكلىكنى يېمەكچى بولغان بولسىمۇ، قۇتىنىڭ ئېغىزى كىچىك، ئۆزى بەك سېمىز بولغاچقا، يېيەلمەي ئارماندا قاپتۇ. 
ئۇ بۇ يېمەكلىكلەرنى قەتئىي يېمەكچى بولۇپ، ئۈچ كۈن ھېچنىمە يېمەي ئورۇقلىغاندىن كېيىن، قۇتىدىكى مەززىلىك يىمەكلىكلەردىن خالىغانچە ھوزۇرلىنىپتۇ. ئۈچ كۈنلۈك ئاچلىقتىن كېيىن بولۇشىغا يەپ، قورسىقى تېزلا يوغىناپ كېتىپتۇ. يىمەكلىكلەرنى پاك-پاكىز يەپ بولغاندىن كېيىن چىقىپ كەتمەكچى بولغاندا، قۇرسىقى قۇتىنىڭ ئېغىزىغا كەپلىشىپ قېلىپ چىقالماپتۇ.

ھاياتىي ئىلھام: تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن، تىرىشىپ كۆرەش قىلىپ، ۋاقت ۋە ساغلاملىقىمىزنى پۇلغا تېگىشىمىز، يانچۇقىمىز توملاشقاندا ياشلىق باھارىمىزنى، ساغلاملىقىمىزنى قايتۇرۇپ كېلىشكە ئامالسىز قالىمىز. ئائىلىمىزدىكىلەرگە ھەمراھ بولىدىغان ۋاقىتىمىزمۇ قايتىپ كەلمەيدۇ. شۇڭا، جېنىڭىزنىڭ بارىچە پۇل تاپماي، تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنىشنى، ئارام ئېلىشنى، ئۆزىڭىزگە خۇشاللىق بېغىشلاشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.

ئادەتتىكىدەك ياشاش



زەيتۇن دەرىخى ئەنجۈرنى «قىشتا يوپۇرماقلىرىڭ چۈشۈپ كەتسە تاقىر شاخلىرىڭ ئەجەپ سەت كۆرۈنىدىكەن، مەندەك يىل بويى ياپيېشىل، گۈزەل تۇرالمايدىكەنسەن» دەپ مەسخىرە قىپتۇ. ئۇزاق ئۆتمەي قېلىن قار يېغىپتۇ. قار زەيتۇننىڭ يوپۇرماقلىرىدا توپلىشىپ، شېخىنى سۇندۇرۋىتىپتۇ. زەيتۇننىڭ گۈزەللىكىمۇ خاراب بوپتۇ. تاقىر شاخلىق، يوپۇرمىقى يوق ئەنجۈر قىشتىن قار زەخمىسىگە ئۇچىرىماي، ئامان-ئىسەن ئۆتۈپتۇ.
ھاياتىي ئىلھام: تاشقى گۈزەللىك بەزىدە ئادەمگە يۈك بولۇپ قالىدۇ، ھەتتا گاھىدا ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ. تاشقى گۈزەللىككە بەك بېرىلىپ كېتىشتىن خالىي بولالىسىڭىز ئەركىن ياشىيالايسىز. شۇڭا، قىياپىتىڭىزدىكى شۆھرەتپەرەسلىكتىن كېچىپ، ھەقىقىي، ئاددىي پۇختا تۇرمۇشتىن خوشاللىق تېپىڭ، بۇنداق بولغاندا تېخىمۇ ئەركىن ۋە خۇشال ياشىيالايسىز. بۇ ئۆزىڭىزنى تاشلىۋېتىڭ دېگەنلىك ئەمەس، تەتۈر چۈشەنمەڭ.

سەن ماڭا مۇھتاج ئەمەس

 بىر ئادەم لەمپە ئاستىدا يامغۇردىن دالدىلىنىپتۇ. ئۇ كۈنلۈك تۇتقان بىر راھىبنىڭ ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ: «ئۇستاز، كۈنلۈكىڭىزدە بىر دەم دالدىنىلىۋالايمۇ؟» دەپتۇ. راھىب: «مەن يامغۇردا قالدىم، سەن لەمپە ئاستىدا  تۇرۇپسەن، لەمپە ئاستىدا يامغۇردا قالمايسەن» دەپتۇ.
ئۇ ئادەم دەرھال لەمپەي ئاستىدىن سەكرەپ چىقىپ، يامغۇردا تۇرۇپ: «ھازىر مەنمۇ يامغۇردا قالدىم، ئەمدىغۇ كۈنلۈكىڭىزدە دالدىلانسام بولار؟» دەپتۇ.
«ئىككىلىمىز يامغۇردا قالدۇق. مەندە كۈنلۈك بار، سەندە يوق، سەن يامغۇرغا چىلىنىپ بولدۇڭ، شۇڭا كۈنلۈكتە دالدىلىنىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق. دالدىلانغۇڭ كەلسە، ئۆزۈڭ كۈنلۈك تاپ» دەپلا كېتىپ قاپتۇ.
ھاياتىي ئىلھام : ھەر كىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىسى. تەقدىرىڭىز ئۆز قولىڭىزدا، ھاياتىڭىزدا مۇۋەپپىقىيەت قازانماقچى بولسىڭىز ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىز مەسئول بولۇڭ، بولمىسا ھېچكىم سىزگە ياردەم قىلالمايدۇ.

bilimdan , bilimzar 

No comments:

Post a Comment