Search This Blog

Wednesday, August 7, 2019

قارا ئۆڭكۈرنىڭ يەنە بىر ئۇچى نەگە تۇتىشىدۇ؟



قارا ئۆڭكۈرنىڭ يەنە بىر ئۇچى نەگە تۇتىشىدۇ؟

گەرچە بىزنىڭ ئالەم بىلىملىرىگە بولغان چۈشەنچىمىز كۆپ بولمىسىمۇ، ئەمما بىر قانچە شەيئى قۇلاق تۈۋىمىزدە تولا پەيدا بولۇپ ، بىزدەك ئادەتتىكى كىشىلەرنىمۇ بۇ شەيئىلەرگە بىر قەدەر پىششىق قىلىپ قويدى، بۇنىڭ ئىچىدە قارا ئۆڭكۈرمۇ بار.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەيلى كىنو ـ تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرى بولسۇن ياكى فانتازىيەلىك ھېكايىلەردە بولسۇن، ھەممىلا يەردە قارا ئۆڭكۈر ئۇقۇمى ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، ھەتتا بەزى شىركەتلەرنىڭ تەشكىلىي شەكلىمۇ قارا ئۆڭكۈرگە مۇناسىۋەتلىك بەزى قاراشلارنى ئىشلەتمەكتە ،
بۇ ئىنتايىن سىرلىق، مۇرەككەپ، ئەمما بىزگە ناھايىتى تونۇش بولغان شەيئىنى بىز زادى قانچىلىك چۈشىنىمىز؟
ئەگەر ئادەتتىكى بىر ئادەمنى خالىغانچە تارتىپ سوراق قىلسا، ئۇ بەلكىم، بۇ ھەممىنى يۇتۇپ كېتىدىغان جىسىم، ئۇنىڭ بىر پارچە غايەت




زور ئېغىزى بار، ئالەمدىكى ھەممە نەرسىنى يۇتۇپ كېتىدۇ، ھەتتا نۇرمۇ ئۇنىڭدىن قۇتۇلالمايدۇ دېيىشى مۇمكىن. بۇ خىل جاۋابتا قارا ئۆڭكۈرنىڭ ھالىتى ئاساسىي جەھەتتىن بايان قىلىنغان، لېكىن بۇمۇ پەقەت يۈزەكى جاۋاب، ھالقىلىق مەسىلە قارا ئۆڭكۈر ھەممىنى يۇتۇپ كەتتى، ئۇنداقتا ئۇ يۇتۇپ كەتكەن ماددىلار نەگە كەتتى؟ قارا ئۆڭكۈر ھەممىنى يۇتۇپ كېتىدۇ، ئۇنداقتا ئۇنىڭ يەنە بىر بېشىدا زادى نېمە مەۋجۇت؟ بەلكىم كۆپ قىسىم كىشىلەر ئانچە ئېنىق بىلمەسلىكى مۇمكىن، بۈگۈن بىز بوشلۇقتا چۈشەندۈرۈش پىرىنسىپى ئارقىلىق، قارا ئۆڭكۈرنىڭ يەنە بىر بېشىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان سىرلىقلىق ئۈستىدە ئىزدىنىپ باقايلى.
نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا قارا ئۆڭكۈر بولسا ئىنسانلارنىڭ تۇرغۇن يۇلتۇز ھەققىدە ئىزدىنىشىنىڭ مەھسۇلى، ئۇنىڭ تارتىش كۈچى قانچىلىك كۈچلۈك بولۇشىدىن قەتىينەزەر، ئۇ ماھىيەتتە يەنىلا بىر ئاسمان جىسىمى بولۇپ، ئەمەلىي ماسسىغا ئىگە، ھەرگىزمۇ بىر قۇرۇق نەرسىدەك مەۋجۇت بولۇپ تۇرمايدۇ. لېكىن ئۇنىڭ تارتىش كۈچى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەچكە، بوشلۇقنى ئىگىۋېتىپلا قالماي، ھەتتا يورۇقلۇقنىمۇ يۇتۇپ كېتەلەيدۇ، بۇ ئالاھىدىلىكى ئۇنى ئالەمدىكى بىر ئۆزگىچە مەۋجۇتلۇققا ئايلاندۇرۇپ قويغان .
چۈنكى بىز تارتىش كۈچى دولقۇنىنىڭ ئىسپاتلىشى ئارقىلىق ئالەمنىڭ ئەمەلىيەتتە بىر خىل گېئومېتىرىيەلىك قۇرۇلما ئىكەنلىكىنى بايقىيالايمىز، گەرچە ئۇنىڭ يۇقىرى ـ تۆۋەن، ئوڭ ـ سول تەرىپى بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇ باشتىن ـ ئاخىر ھەر خىل كۈچلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ، ئوبرازلىق ئوخشىتىش ئارقىلىق ئۇنى سانى ئېنىق بولمىغان ئۆلچەملەردىن تۈزۈلگەن كوئوردېنات دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئالەم بوشلۇقىدا تۇرغان ھەرقانداق بىر جىسىم ئۇنىڭ تارتىش كۈچى سەۋەبىدىن، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بەلگە(كوئوردىنات) سىزىقلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇ بەلگە سىزىقلىرى ئىنسانلارنىڭ بەلگىسى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ۋاقىت ۋە بوشلۇق.
ئەگەر بىز ئىنسانلارنىڭ بوشلۇق ئۆلچىمى ئارقىلىق قارا ئۆڭكۈرنى تەسۋىرلىسەك، ئۇنداقتا قارا ئۆڭكۈرنىڭ كۈچلۈك تارتىش كۈچى بوشلۇق كوئوردېناتىنى ئۈزۈل ـ كېسىل ئىگىپ قويغان بولىدۇ، ئەگەر ھەقىقەت نۇقتىسىدىن قارىغاندا، قارا ئۆڭكۈرنىڭ ئەتراپىدا بارلىق كوئوردىنات سىزىقلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇ تەرىپىدىن چاپلىشىپ بىرىككەن ھالەتتە بولۇپ، خۇددى بىر غايەت زور پاقا ئۆمۈچۈك تورىغا سانجىلغاندەك، بارلىق بوشلۇق ئوربىتىسىنىڭ ھەممىسى قارا ئۆڭكۈرگە قوشۇلۇپ كەتكەن بولىدۇ.
ئەگەر ئالەمنى بىر تاشيولغا ئوخشاتساق، ئۇ ھالدا، ئۇنىڭ ئىچىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان ھەر بىر ئاسمان جىسىمى چوقۇم ئۇنىڭ ئىزىنى بويلاپ ھەرىكەت قىلىشى كېرەك، لېكىن قارا ئۆڭكۈر بۇ تاشيولنى ئۈزۈل ـ كېسىل ئىگىپ قاتلىۋېتىدۇ، ھەتتا بىرلەشتۈرىۋېتىدۇ، ئۇنداقتا ئەسلىدە يەتكىلى بولمايدىغان ئىككىسىنىڭ ئارىلىقى بىر خىل ئىگىۋېتىش ئۇسۇلى بىلەن بىۋاسىتە بىرىكتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ، بۇ بىۋاسىتە ھالدا بىر بوشلۇق ئىشىكىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
يەنە بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىچە، قارا ئۆڭكۈر بىلەن ئالەمنىڭ مۇناسىۋىتى خۇددى بىر نېپىز پەردىنىڭ ئۈستىگە ئىنتايىن ئېغىر بىر تۆمۈر شارچىنى قويغانغا ئوخشايدىكەن، ئۇنىڭ كۈچلۈك ماسسىسى نېپىز پەردىنى ئۈزۈل ـ كېسىل تېشىپ ئۆتۈپ، ئۇنىڭدىن ئۆتكەن بارلىق نەرسىلەرنىڭ چوڭقۇر پېتىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. شۇڭا بىز ئالەمنىڭ سىرتقى يۈزىنى كۆرەلەيمىز، ئۇ ئەمەلىيەتتە بىر كىرىش ئېغىزى، ئۇ ئۇچرىشىش ئېھتىمالى بولغان بارلىق جىسىملارنى يۇتۇپ كېتىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ يەنە بىر بېشىدا ئەمەلىيەتتە ئاق ئۆڭكۈر دەپ ئاتىلىدىغان بىر نەرسە مەۋجۇت بولۇپ، بۇ ئاق ئۆڭكۈر بىلەن قارا ئۆڭكۈرنىڭ خۇسۇسىيىتى پۈتۈنلەي قارىمۇ ـ قارشى ھالدا بولۇپ ،بىرى ئەسەبىي ھالدا سۈمۈرسە، يەنە بىرى ئەسەبىي قويۇپ بېرىش ھالىتىدە تۇرىدۇ ، ئۇنىڭ قويۇپ بېرىش يۆنىلىشى بولسا يەنە بىر ئالەمنىڭ زېمىنى بولىشى مۇمكىن ئىكەن
ئەگەر تارتىش كۈچى دولقۇنىنىڭ پەرىزى توغرا بولسا، قارا ئۆڭكۈر ھېچقانداق شەكىلسىز بولغان بوشلۇقنى شەكىللىك ھالەتتە ئىگىۋېتىدۇ، ئۇنداقتا بوشلۇق قۇرۇلمىسى ئىگىلىپ ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەندە، ئەسلىدە ئارىلىقى يىراق بولغان ئىككى نۇقتا بىر خىل باشقىچە ئۇسۇل بىلەن بىرىكىدۇ، بۇ خۇددى بىزنىڭ قەغەزنى قاتلىۋالغىنىمىزغا ئوخشايدۇ. شۇڭا بىز بۇنى بوشلۇق نەزەرىيىسى ئارقىلىق چۈشەندۈرسەك، قارا ئۆڭكۈر بىر خىل ئالەم ئىشىكى بولۇشى مۇمكىن، ئىنسانلار ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ ئالەمنىڭ يەنە بىر يېڭى زېمىنىنى بايقىشى مۇمكىن، بەلكىم بىز «نۇر تېزلىكىدىن ھالقىپ ئۆتكىلى بولمايدۇ» دېگەن نەزەرىيىنى بۇزۇپ تاشلىشىمىز مۇمكىن.
لېكىن بۇ قىياسلارنىڭ ئىسپاتلىنىشى بىزدىن بەك يىراق، بۇ ھەقتىكى سىرلارنىڭ چۈمپەردىسىنى ئېچىپ، يوقۇرىدا دىيىلگەن مەۋجۇداتلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ھەقىقىي مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، ئىنسانلارنىڭ تېخنىكىسى يەنە نەچچە يۈز يىل تەرەققىي قىلىشى كېرەك.
بىلىمزار

No comments:

Post a Comment